دۆلتىمىزنىڭ (ئاساسىي قانۇنى)نىڭ 46-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن؛(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار)دۆلىتىمىزنىڭ (قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى)دىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن،ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىىلشى.ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسىنى تاماملاتقۇزۇشى شەرت،مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىقى كېرەك.ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەردىن ۋەسىيەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىماي ياكى ۋەسىيلىك قىلىندىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت،شۇنداقلا،دۆلىتىمىزنىڭ (مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى)دىمۇ ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنى ۋاقىتىدا مەكتەپكە بېرىشى،قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسىنى تاماملاتقۇزۇشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن،دۆلىتىمىزنىڭ(مائارىپ قانۇنى)دىمۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر بار.
شۇڭا،ئاتا-ئانىلار ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىپ تەربىيە ئالدۇرۇشى،ھەمدە زۆرۈر بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتماسلىقى قانۇنغا خىلاپ.
مەنبە؛قانۇن ساۋاتلىرىدىن 100سوئال
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]