خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-08-13 20:20

 
نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا

شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرى مەلۇم كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەمەت 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇماي كىچىك تۇرۇپلا ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ «جاھان تاماشاسى» قىلىپمۇ كەلدى، ئۇ داۋاملىق ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىپ ساقچىخانىغىمۇ نەچچە نۆۋەت كىرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئارامىدا قويمايتتى. بىچارە ئاتا-ئانا ئۇنى ئۆيلەپ قويساق ئوڭشىلىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە تويىنى قىلىپ بىر ھويلىدا ئۆي تۇتۇپ بەردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەمدى ياخشى ئادەم بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسكى خۇيى پەقەتلا ئۆزگەرمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئايالىمۇ يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى.

ئۆتكەن يىلى 26-ئۆكتەبىر، ئۇ يەنە سىرتتا ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە كەچ سائەت 10لاردا ئۆيىگە كېلىپ دەرۋازىنى مۇشتلىدى. ئەمەتنىڭ ئاتىسى مامۇت (69 ياش) ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ ، ئۇنىڭ يەنە مەست كەلگەنلىكىدىن خاپا بولۇپ : «كۈندە مەست كېلىسەن، بىزدىن يا تەپ تارتمايسەن، قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزىمىز قالمىدى، ئاپاڭنىمۇ ئۇرۇپ ماڭالماس قىلىپ قويدۇڭ!»دەپ كايىغىنىچە باغ تەرەپكە تاھارەت قىلغىلى كەتتى. ئەمەت ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇخلاۋاتقان قۇرامىغا يېتەي دەپ قالغان سىڭلىسىنى چاقىرىپ چىقىپ، «سەن مېنىڭ ئۆيۈمدە يات » دېدى. سىڭلىسى قوشۇلمىغاندا ئۇ سىڭلىسىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى ياتىدىغان ئۆي تەرەپكە سۆرىدى. سىڭلىسى قورقۇپ «ئاتا!»دەپ ۋارقىرىغاندا مامۇت باغ تەرەپتىن چىقىپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قىزىنى ئۆيگە كىرگۈزۋېتىپ ئەمەتنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ : «ھۇ ھايۋان ، سېنى ساقچىخانىغا ئاپىرىمەن» دەپ سۆرەپ دەرۋازا تۈۋىگە كەلگەندە يىقىلىپ كېتىپ، ئەمەت مامۇتنى بېسىۋالدى ۋە قولىغا بىر دانە چوتنى ئېلىپ، جۇلدىسىنى ئاتىسىغا تەڭلەپ «ئۆلتۈرىۋېتىمەن!» دېدى. بۇ ۋاقىتتا مامۇت يەرنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ، بىلەكتەك توملۇقتىكى 50سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر دانە كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، ئەمەتنىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى ئۇرغاندا ئەمەت يانغا يىقىلدى. مامۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان ئەمەتنىڭ باش قىسمىغا كالتەك بىلەن يەنە بىرنى ئۇرغاندا، ئەمەت «ئەمدى بولدى قىل!» دېدى، ئاچچىقىنى باسالمىغان مامۇت ئەمەتنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، كالتەك بىلەن يەنە ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچنى ئۇردى، ئەمەت جىم يېتىپ قالغاندا مامۇت يەردە ياتقان ئەمەتنى ياقىسدىن تۇتۇپ سۆرەپ ، ئۆزى يېتىپ-قوپىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تۆت چاسا سېمونت تاختىنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋەتتى. مامۇت يەنە ئەمەتنىڭ كۆكرەك قىسمىغا «ئۆلە گۇي، سەندەك ھايۋاننىڭ تىرىك قالغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى!» دەپ تۆتنى دەسسىۋەتتى. دەل شۇ پەيتتە، مامۇتنىڭ بىر قوشنىسىنىڭ تېلىفۇن قىلىشى ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى دەرۋازا ئالدىغا كەلدى. ساقچىلارنى كۆرگەن مامۇت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىلارغا ئىككى قولىنى جۈپلەپ تۇرۇپ : «مەن ئوغلۇم ئەمەتنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتىم، ئەمدى مېنى تۇتۇڭلار» دېدى. ساقچىلار مامۇتنى تۇتۇپ، ئەمەتنى دەرھال ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، ئەمەت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆلۈپ كەتتى، قانۇن دوختۇرى جەسەتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ «ئۆلگۈچى ئەمەت سىرتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن شۈك بولۇپ ئۆلگەن»دەپ باھالاش پىكرى چىقاردى.

مامۇت 2012-يىلى 27-ئۆكتەبىر توختىتىپ قويۇلۇپ، 21-نويابىر قولغا ئېلىندى. بۇ يىل 26-ئىيۇن شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىى بۇ دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن جاۋابكار مامۇتنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىش ھەققىدە 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى. (ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار