خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-12-25 22:31


مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

 

 مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

مۇخبىر يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مائارىپ ، مالىيە ، سەھىيە ، مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇن بىرلىشىپ تارقاتقان « مېيىپلارنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئۇقتى. ئۇقۇشىمىزچە ، ئاپتونوم رايون مېيىپلارنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى قوللاپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدىكەن ، ئادەتتىكى بالىلار مائارىپ ئاپپاراتلىرى ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن .

    ھازىر، شىنجاڭدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق مېيىپ بالا سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق تەربىيە ئالىدۇ . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش ئوبيېكتىلىرى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ماسلىشالايدىغان كۆرۈش قۇۋىتى ، ئاڭلاش قۇۋىتى ، تىل جەھەتتە مېيىپ ، پۇت-قولى مېيىپ (جۈملىدىن مېڭە پالەچ )، ئەقلىي كەمتۈك ، روھىي جەھەتتىن مېيىپ (جۈملىدىن تەنھالىقنى خالاش كېسىلى)، كۆپ خىل مېيىپ قاتارلىق بارلىق مېيىپلارنى كۆرسىتىدۇ .

    سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر پىرىنسىپ جەھەتتە ئادەتتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى لازىم . ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك ، رەت قىلىشقا بولمايدۇ . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشى ئادەتتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ .

       ئاپتونوم رايون مۇنداق بەلگىلىدى : مېيىپ بالىلارنىڭ ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ ، سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى بەلگىلىدى . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مېيىپلار بىرلەشمىسى بېكىتكەن مېيىپلىقنى باھالاش ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم . ھەر بىر سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . مېيىپ ئوقۇغۇچىلار نىسپىي ھالدا كۆپرەك مەكتەپلەر ياكى مېيىپلىق دەرىجىسى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئېھتىياجقا ئاساسەن ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى تەسسىس قىلسا بولىدۇ ، ئالاھىدە مائارىپ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 8 دىن 12 گىچە بولىدۇ .

    سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ يەرنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى لازىم . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرىدىغان مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق قوشۇمچە ياردەم بېرىش كېرەك .

    ئاپتونوم رايون مۇنداق بەلگىلىدى : سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 10 دىن ئارتۇق بولغان ئادەتتىكى ئوتتۇر، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بايلىق دەرىسخانىسى تەسسىس قىلىشى ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە بايلىق ئوقۇتقۇچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش سايمانلىرى ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى سەپلىشى لازىم؛ ئادەتتىكى بالىلار باغچىلىرى مۇۋاپىق ئويۇنچۇق ، ئۆگىنىش سايمانلىرى ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق ئۈسكۈنلىرى ۋە كىتاب-ماتېرىيال قاتارلىقلارنى سەپلىشى لازىم ؛ مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر ۋە مېيىپلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بايلىق مەركىزى قۇرۇشى ، ئەمالار يېزىقىدىكى نۇسخا ئالغۇ ، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكۈنىلارنى قاتارلىقلارنى سەپلىشى كېرەك .

    سىنپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەر سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك . ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىشى قاتارلىق ئىشلارنى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى لازىم . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مېيىپ بالىلارنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قلىش كېرەك . باشلانغۇچ مائارىپىنى تاماملىغان ھەمدە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئېقتىدارى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ، شۇ جايدىكى مەجبۇرىي مائارىپ تارمىقى ئۇلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار