ئادۋۇكاتلانىڭ قارىشچە دۆلەتنىڭ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ئەمگەك قانۇنىغا خلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۇرۇلگەن
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن جەمىيەتنىڭ كۇچلۇك دىققىتىنى قوزغىدى . تۈنۈگۇن ئادۋۇكات خەن پۇجېڭ ئىپادە بىلدۇرۇپ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتىكى قىسمەن ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ئەمگەكچىلەرنى بىر ھەپتىدە ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان بۇ ئەمگەك قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملاربىلەن زىت بۇلۇپ قالغان . كىشلەردە ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان خىزمەت ،ئۈگۇنۈش ئادەتلىرگە ماسلاشمىغان. تۈنۈگۇن ئۇ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىغا خەت يېزىپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن .
بىر ھەپتىدە يەتتە كۇن ئۇدا ئىشلەش قانۇنغا خىلاپ
خەن فۇجېڭ مۇنداق دىدى : < دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش > تا ئۇرۇنلاشتۇرۇشىچە ، 2013- كۆپلىگەن ئەمگەكچىلەر بىر قېتىم ئۇدا سەككىز كۇن ، ئۇچ قېتىم ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەشتەك ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن . دۆلىتىمىز < ئەمگەك قانۇنى > نىڭ 38- ماددىسىدا كۆرسىتىپ << ئادەم ئىشلەتكۇچىلەر ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىر كۇن ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك >> دىيىلگەن . < دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلمىسى > نىڭ 3- ماددىسىدا كۆرسىتىپ << ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر كۇنىلۇك خىزمەت ۋاقتى سەككىز سائەت ، ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەت بۇلدۇ >> دىيىلگەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، يۇقارقى قانۇن بەلگىلمىلەر بۇيچە ئادەتتە ئەمگەكچىلەر ھەر ھەپتىدە پەقەت بەش كۇن خىزمەت قىلدۇ ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردىمۇئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا 24 سائەت ئۇزۇلدۇرمەي ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
خەن فۇقېڭ مۇنداق دىدى : < ئۇقتۇرۇش >تا يېڭى يىل بايرىمىدىن كىيىن ئۇدا سەككىز كۇن ، باھار بايرىمىدىن كىيىن ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەش ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان . بۇ سەككىز كۇن ۋە يەتتە كۇن ئىككىنچى ھەپتىگە ھالقىپ كەتكەن ،ھەم بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۇدا ئىشلەش ئەمەس ، بۇ ئىككى قېتىملىق دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇرۇشى قانۇننىڭ كەڭ مەنىدە ۋە تار مەنىدە چۇشەندۇرۇشكە چېتىلدۇ . شۇڭا بىز ۋاقتىنچە قانۇنغا خىلاپ خىلاپ ئەمەسلىگىنى مۇزاكىرە قىلمايمىز . بىراق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن ئىلگىركى ئۇدا يەتتە كۇن خىزمەت قىلىش ، تاۋۇز چاغىنىدىن ئىلگىركى ئۇدا يەتتە كۇن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەممىسىدە دۇشەنبىدىن تارتىپ يەكشەنبىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە بولغان . ئۇمىڭ قارىشىچە بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇدا يەتتە كۇن ئىشلەش ئېنىقكى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇننىڭ ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشىغا چېتىلدىغان قىلمىش ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەرھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىر كۇن ئارام ئېلىشتەك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى تارتىۋالغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.
تەكلىپ لايھەسى دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭغا يوللاندى
خەن فۇجېڭ كۆرسىتىپ مۇنداق دىدى : گەرچە ئەمگەك قانۇنىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بۇلدۇدىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئەمگەك قانۇنى ۋە باشقا قانۇن - نىزاملار دا بىكىتىلگەن قانۇنى ئەھۋالى . << مەمۇرى نىزام تۇزۇش تەرتىىپ نىزامى >> غا ئاساسەن دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىنىڭ < ئۇقتۇرۇش > ى ھەرگىزمۇ مەمۇرى نىزام كاتىگۇريەسىگە تەۋە ئەمەس ، تەبئىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى بىكىتىشكە بولمايدىغانلىقتەك قانۇندا بەلگىلەنگن ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ . گەرچە دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇردا ھەممە كىشىنى رازى قىلىپ بولغىلى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئالدى بىلەن چۇقۇم قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق كىرەك . خەلىقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىشنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ،بايرام دەم ئېلىش ئۇرۇنلاشتۇرشىغا قارتا ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدەك شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ تۇردە پىكىر ئېلىش كىرەك . قىسقىسى مەن بىر دۆلەت گىراژدانى بۇلۇش سالاھىيتىدە گوۋۇيۇەن بەنگۇڭتىڭىغا پىكىر نامە تاپشۇرۇپ دەم ئېلىش .ئۇقتۇرۇشىدا ساقلانغان مەسسسللەرگە قارتا تۇزتۇش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم ھەم دولەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭغا يوللىۋەتتىم ، ئۇلارنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]