يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى كىنىشكىسىگە
ئىگە بولۇشى كېرەك
مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت يېقىندا تارقاتقان پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇنىڭدىن كېيىن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى كىنىشكىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم؛ ئىجازەتلىك كىرىشنى چىڭىتىش، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ تاۋ پىكىردە كونكرېت تەدبىرلەر كۆپ تەرەپتىن يولغا قويۇلدى، دېدى. ئۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سۇغۇرتا ئىسلاھاتى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى چىقىرىلغاندىن كېيىن، يەسلى مائارىپى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. بىراق قوشۇن قۇرۇلۇشىدا يەنىلا كۆپلىگەن پەرق بار. بۇ گەۋدىلىك مەسىلە نەزەردە تۇتۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىردە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىدا ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى كىنىشكىسىگە ئىگە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىر چىقىرىلدى. ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەرلىك تولۇقلاش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يەسلى مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش سالاھىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋەزىپە، ئۇنۋانغا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
شۈ تاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى پىلانىنى ئىلمىي بېكىتىش لازىم. 2015-يىلىغىچە بولغان باسقۇچ خاراكتېرلىق نىشاندا يەسلىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى دۆلەتنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۆلچىمى تەلىپىگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]