ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ
مەدەنىي قائىدە يۇسۇن ئۆلچىمى
中小学教师文明礼仪标准
1.ئوبراز قائىدە يۇسۇنى
1)كېيىنىشى ئۆزلايىقىدا پاكىز ۋە رەتلىك بۇلۇش كىيىم-كېچىكى كەسىپ ئالاھىدىلككە ماس كەلگەن بۇلۇش مەكتەپ ھويلىسىدا ساپما كەش كېيمەسلىك،ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئاسما مايكا كېيمەسلىك ئايال ئوقۇتقۇچىلار ھەددىن زىيادە ئوچۇق ۋە قىسقا كىيىملەرنى كىيمەسلىك .
2)سىرتقى قىياپىتى كېلىشكەن يارشىلىق بۇلۇش ئەرئوقۇتقۇچىلار ئۇزۇن چاچ قويماسلىق ئايال ئوقۇتقۇچىلار قېنىق گىرىم قىلماسلىق.
3)تازلىق ئادىتى ياىشى بۇلۇش،ئېغىزنى پاكىز تۇتۇش، خالىغانچە تۇكۇرمەسلىك ئادەم كۆپ جايدا بۇرنىنى كوچىلماسلىق قۇلاق كولىماسلىق چىشنى كوچىلماسلىق قىچىشقان يەرنى تاتلىماسلىق پۇتنى چۇرىمەسلىك ئاياق سالماسلىق كېرىلمەسلىك ئەسنىمەسلىك،چۇشكورگەندە ئاغىزسنى ئېتىۋېلىپ بىر ياققا قاراپ چۇشكۆرۇش
4) باشقىلاربىلەن ئالاقىلەشكەندە سەمىمىي بۇلۇش چىرايىدىن كۇلكە يېغىپ تۇرۇش مېھىرىبانلىقنى دوستلۇقنى سەمىمىيلىكنى ئاكتىپ روھى ھالىتىنى داۋام قىىلدۇرۇش ئادەمنى زىرىكتۇرمەسلىك سوغۇق مۇئامىلىدە كەمسىتمەسلىك،غەزەپلەنمەسلىك.
5)گەپ قىلغاندا پوزىتىيىسى ئللىق بۇلۇش،باشقىلاربىلەن ئالاقە قىلغاندا سۆزى تەبىى،ئېنىق،ئللىق،بۇلۇش ھۆرمەت سۆزىنى كۆپ قوللىنىش،ئەدەپلىك سۆزىنى قوللىنىش ئامىمىۋىي سۇرۇندا ئۇللۇك ئاۋازدا شاۋقۇن سۇرەن قىلماسلىق.
2.يول يۇرۇش قائىدە يۇسۇنى
1)مەكتەپ ئشىكىدىن كىرىپ چىققاندا ئاكتىپلىق بىلەن دىجۇرنى خادىملارغا باش لىڭشىتىپ ئەھۋاللىشىش ۋېلىسپىتنى ئتىتىرىپ كىرىش ياكى ئاستا مىنىش بەلگىلگەن ئورۇنلارغا توختۇتۇش ئۆللۇك ئاۋازدا ۋارقىرماسلىق .
2)مەكتەپ ھويلىسىدىن ئايرىلغاندا ماشىنا ۋېلىسپىتلەرنى ئاستا ھەيدەش دەرۋازا ئالدىنى توسىۋالماسلىق .
3)مەكتەپ ئچىدە خزمەتداشلاربىلەن ئۇچىراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ سالام لېشىش ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ياكى باشقا ئادەملەر سالام بەرسە باشنى لىڭىشتىپ كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ سالام قايتۇرۇش.
4)بىنادىن چىقىپ چۇشكەندە ئوڭ تەرەپ بىلەن يىنك قەدەمدە مىڭىش روھبەرلەرنى ياكى باشقا كىشلەرنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىش .
خىزمەت رايونى ئچىدە تۇختاپ گەپ قىلغاندا پەس ئاۋازدا گەپلىشىش باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۇزمەسلىك.
3.دەرسخانا قائىدە- يوسۇنى
1)دەرىسخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن دەرىسخانىدا ئشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تەكشۇرۇپ كۇرۇش ئۇزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئوڭشاش تېلفۇن قاتارلىق ئالاقەە ئۇسكۇنلەرنى دەرىسخانىغا ئېلىپ كىرمەسلىك .
2) دەرسكە كېرىش تەييارلىق قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئىللىقلىق بىلەن سىنىپقا كىرىش، دەرىسخانىدا ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان تەييارلىق ئەھۋلىنى چۈشىنىش.دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش.(ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ئۆزئارا سالاملىشىش)
3) ئورتاق تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش. ھۆرمەت سۆزى ۋە ھۆرمەتىنى بىلدۈرىدىغان قول ئىشارىسى ئىشلىتىش، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئەيىپلەشنى چەكلەش، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەستاييىدىل ۋە سەرۋرچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش. ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئاڭاڭ ،تەللەپپۇزى، سەمىمى ،دوستانە، مەدە نىي بولۇش، دەرسخانىدا ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىق
4. ئىشخانا قائىدە يوسۇنى
1) خىزمەتداشلار ئارا ئىناق ئىتىپاق ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەتىگەندە ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىش، دەرس ئارىلىقىدا كۆرۈشكەندا كۈلۈمسىرەش ئىشارىتى قىلىش. ئىشتىن چۈشۈپ خ×شلاشقاندا «خوش» دىيىش، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندە ئۆز ۋاقتىدا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش .
2) باشقىلارنى شەخسى سىرلىرىنى تەكشۈرمەسلىك پىتنە ئىغۋا تارقاتماسلىق ،ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرماسلىق،تاكاللاشماسلىقۋە ئۇرۇشماسلىق، گۇرۇھ تەشكىللىمەسلىك، يۇقېرى ئاۋازدا گەپ قىلماسىلىق ،كومپىيۇتۇردا ئويۇن ئوينىماسلىق ،يۇقرى ئاۋازدا ئۈنئالغۇا قويماسلىق ، تىلىفۇن قىلغاندا باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ئەر- ئايال خىزمەتداشلار ساغلام بېرىش كېلىش قىلىش. ئەدەپ قائىدىلىك بولۇش، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش ، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلماسلىق
3) ئىشخانىدا تاماكا چەكمەسلىك،ھاراق ئىچمەسلىك، ئىشلىتىلىدىغان بويۇملارنى رەتلىك قويۇش.ئىشخانىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. سۇ، توكنى تېجەپ ئىشلىتىش،مەكتەپ ۋە شەخسنىڭ مال مۈلكىنى ئوبدان قوغداش .
4) مېھمان كەلگەندا قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋېلىش .كۈلۈمسىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بېرىش. شەخسى ئالاقىدە ئاكتىپ بولۇش. مېھماننىڭ سوئالىغا ئەدەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش.
5.ئوقۇغۇچىلار بىلەن بېرىش كېلىش قائىدە يوسۇنى.
1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش كۆزدە قاراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشلىك قەدر قىممىتىگە ھۆرمەت قلىش. ئۇلارنى ھاقارەتلىمەسلىك،تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك.
2)ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئۇچراشقاندا چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرۇش،ئەوقۇغۇچىلارنىڭ سالىمىغا ئەدەپ بلەن جاۋاپ قايتۇرۇش.
3) ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا پوزىتسىيسى ئىللىق بولۇش، باراۋەر بولۇش ، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە قائىدە ئارقىلىق بىلدۈرۈش، ھەرىكەتتە ھېسىياتنى ئىپادىلەش ،كۆپ ئىلھام بېرىش، ئاز تەنبىھ بېرىش،
4) ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدە خاتالىق بولسا سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىدىن كەچۈر ۈم سوراش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نىسبەتەن سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش. ۋارقىراپ تۇرۇپ توۋلىماسلىق ياكى تەنبىھ بەرمەسلىك، ھەم ئائىلە باشلىقلىرىغا ئەرز قىلماسلىق.
6. يىغىلىش قائىدە- يوسۇنى
1) بايراق چىقىرىش مۇراسىمى
كىيىنىشى رەتلىك، روھى كۆتۈرەڭگۈ، كەيپىياتى سالماق بولۇش، باش كىيىمىنى ئېلىۋېتىش، قارا كۆزەينەك تاقىماسلىق، ئۆلچەم بويىچە دىققەتتە تۇرۇش. دۆلەت بايرىقىغا تىكلىپ تۇرۇپ يۇقېرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، دۆلەت بايرىقى ئۆرلەۋاتقاندا ئۇياق- بۇياققا قارىماسلىق،كۇسۇرلاشماسلىق، ناۋادا كېچىكىپ قالسا ئەسلى ئورنىدا تۇرۇپ ،دۆلەت بايرىقىغا زەن قويۇپ قاراش ،دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سەپكە كىرىش.
2) يىغىن ئېچىش قائىدە يوسۇنى
مۇددەتتىن بۇرتۇن يىغىن مەيدانىغا كېلىيش. يىغىن ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش. كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇندا ئولتۇرۇش. ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا ئۆز ئورندىن ئايرىلماسىلىق ، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىتىۋېتىش ياكى تىترەش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇش. ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئەستايىدىل خاتىرە يېزىش، گېزىت- ژورناللارنى كۆرمەسلىك. يىغىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىق، يىغىن باشلانغاندىن كېيىن خالىغانچە مېڭىپ يۈرمەسلىك ۋە ئاۋاز چىقارماسلىق، مۇبادا كېچىپ قالسا ئاستا، تىپتىنىچ ھالدا يىغىن مەيدانىغا كىرىش كىرىپ ئاخىرقى رەتتىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇش كېرەك، دوكلات بەرگۈچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا چاۋاك چېلىش،ئەگەر يىغىندا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋۋال قول كۆتۈرۈش، رىياسەتچىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشىش كېرەك. پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا نۇقتىئنەزەر ئېنىق بولۇشى كېرەك، ئادەمنى قايىل قىلارلىق بولۇشى، ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك،گەپ قىلغاندا ھاكاۋرۇلۇق قىلىشتىن ، يامان تىللار بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن ساقىلىنىش كېرەك.
3) دەرس ئاڭلاش،دەرس باھالاش ئۆلچىمى
مۇددەتتىن بۇرۇن دەرس ئاڭلايدىغان ئورۇنغا كىرىپ بولۇش، دەرس ئاڭلاش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش،دەرس ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى بىلەن سالاملىشىش، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىنچ ئاڭلاش، ئوقۇغۇچىىلارنىڭ ئۈگىنىش ھالىتىنى كۈزىتىش، ئەستەيىدىل خاتىرلەش، كۇسۇرلاشماسلىق، يېرىم يولدا مەيداندىن ئايرىلماسلىق، دەرس ئاڭلاشتىن باشقا مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق ئىشلارنى قىلماسلىق، دەرس ئاڭلىغاندا قول تېلىفۇننى ئېتىۋېتىش ياكى تىترەش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇش، دەرس ئاڭلاۋاتقان سىنىپتا تېلىفۇن قوبۇل قىلماسلىق، دەرس ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئوبۇكتىپ ئادىل بولۇش، قارشى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئانالىز قىلىش، باشقىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى يېتەرسىزلىكىگە نىسبەتەن ،ئاكتىپ ،ئىجادى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، دەرس باھالىغاندا نۇقتىئنەزەر ئېنىق بولۇش، راستچىللىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى بولغان پەن تەربىيلىنىشىنى ئىپادىلەپ چىقىش.
7. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئۆلچىمى تەپسىلى پىرىنسىپى
1) سىرتقى كۆرۈنۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش.
(1).كىيىنىشى لايىقىدا بولۇش، كىيىنىشى ئاددى ساددا ،رەتلىك، كۆركەم بولۇش، قىسقا يوپكا، ئاسما مايكا، پەۋقۇلئاددە قىسقا يوپكا، ساپكا كەش، پەۋقۇلئاددە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ دەرسخانىغا كىرىشكە بولمايدۇ.( يېنىك ئاتلىكا، سۇ ئۈزۈش، گۈزەللىك گىمناستكىسى قاتارلىق ئالاھىدە پەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا). ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان راھەت كىيىملەرنى كىيىش ۋە غەلىتە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ(مەنئىي قىلىنىدۇ)
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك،دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار زىننەت بۇيۇمى تاقاشقا بولمايدۇ .(مەسلەن: ھالقا ، زەنجىر، بىلەيزۈك، ئۈزۈك ...قاتارلىقلار)
(3)قېنىق گىرىم قىلىش مەنئىي قىلىندۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مودا قوغلىشىپ چەكتىن ئاشقان گىرىملەرنى قىلىشغا (مەسلەن: ھەددىدىن ئاشۇرۇپ چاچ بوياش،قاش _قاپاققا سىزىش،يالغان كىرپىك سېلىش، قېنىق لەۋ سۇرۇق سۈرۈش،تىرناققا خېنە يېقىش...قاتارلىقلار) قول ۋەپۇتنىڭ تىرناقلىرىنى بويىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
2) يۈرۈش- تۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش:
تەبئىي، مەردانە، ئۆزىگە يارىشا بولۇش، ساختىپەزلىك قىلماسلىق، ئەزمىلىك قىلماسلىق، ياسالمىلىق قىلماسلىق.
(1)قارىشى ئىللىق بولۇش: دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆز نۇرى ئىللىق، يېقىملىق، سېھىرلىك بولۇش، باشقىلاردا مۇلايىم، ئاسان يېقىنلاشقىلى بولىدىغان، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى باردەك ھېسىيات پەيدا قىلىش، دەرس سۆزلەۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلار تۇيۇقسىز دەرسنى بۆلىۋەتسە ياكى تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بېرىپ دەرس توختاپ قالغاندا ، كۆزگە ئىلماسلىق ۋە تۆۋەن كۆرمەسلىك، جىددىلىشىش ھالىتى يۈز بەرمەسلىك، بولمىسا ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلانىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرگەندە كۆز نۇرى ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشى ھەمدە ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى دىققەت بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرۈشى كېرەك، قىمىرلىماستىن تامغا ياكى يەرگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ دېرىزە سىرتىغا قارىماسلىقى كېرەك.
(2)تۇرۇش قىياپىتى تەبئىي بولغان بولۇش .
ئوقۇتقۇچى ئۆرە تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت بولىدۇ، ھەم بەدەن ھالىتى ئارقىلىق تىلنى كۈچەيتىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق. ئۆرە تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەندە مەزمۇت، تۇز تۇرۇش ، كۆكرەكنى كېرىپ باشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .مۈرىسىنى قىسىپ ياكى باشنى ھەددىدىن زىيادە يۇقېرى تۇتۇۋالماسلىق كېرەك ، قول تەبئىي چۈشۈپ تۇرغان بولۇشياكى تەبئىي ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان بولۇش، مۇنبەرردە مېڭىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە قەدەم ئارىلىقى بەك كىچىك بولۇپ قالماسلىقى، بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
(3) قول ئىشارىسى لايىقىدا بولغان بولۇش. ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەۋچاتقاندا ئادەتتە مەدە نىي ،قائىدە – يوسۇنلۇق،مۇۋاپىق بولغان قول ئىشارىسى بىلەن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق. قول ئىشارىسى ئۆزىگە يارىشا تەبئىي،ئۆز لايىقىدا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئەگىشىپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دەرس سۆزلەۋاتقاندا نۇتۇق ئۈستىلىنى چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ياكى باشقا زىيادە ھەرىكەتلەرنى قىلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
(4)دوسكا خېتى ئۆلچەملىك بولغان بولۇش .
بور ئارقىلىق يازغان دوسكا خېتى توغرا، ئەستايىدىل، تەرتىپلىك، كۆركەم، سالاپەتلىك، كەڭ- كۇشادە، ئۆلچەملىك يېزىلىشى كېرەك.
(5)يۈرۈش –تۇرۇشى مەدەنىي بولۇشى كېرەك.
1- ھاراق ئىچىپ ئىشقا كېلىش، دەرس ئۆتۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. دەرسخانىدا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىغا ئەخلاقىغا ، ئوقۇغۇچىغا ،نورمال دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا زىيانلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلانىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئەھۋالى مەنئىي قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قالايمىقان يەرگە تۈكۈرۈشى، بۇرنىنى تارتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
2- ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ھەرقانداق ئورۇندا ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە، قاتتىق تىللاشقا، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ، تىل جازاسى بېرىشكە ، روھىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ.
3-دەرسخاندا قىچىشقان يەرنى تاتىلاشقا، ئاچچىقلىنىشقا، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا، غەلىتە قىلىق قىلىشقا، قالايمىقانچىلىق قىلىشقا، ۋەقە سادىر قىلىشقا، شەخسىي ئاچچىقىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
4-دەرستىن ئىلگىرى ياكى كېيىن چۈشۈشكە، كىرىشكە بولمايدۇ، سىنىپتىن ئايرىلىشقا ۋە سىنىپنى بوش قالدۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
5-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، تېلىفۇن ئۇرۇش قاتارلىق ( دەرس ۋاقتىدا تېلىفۇننى ئېتىۋېتىش كېرەك) .
6- ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئولتۇرۇپ دەرس سۆزلەشكە ۋە دوسكىغا خەت يېزىشىغا تېخىمۇ بولمايدۇ.
7- ئوقۇقۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنى ئەيىپلەشكە بولمايدۇ.
8- دەرس تەييارلىماي تۇرۇپ دەرس ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
9 - ئوقۇغۇچىنى كولدۇرلىتىشقا بولمايدۇ.
10- ئوقۇغۇچىلارنى مەسخىرە قىلىشقا بولمايدۇ.
11.ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا يان بېسىشقا بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كۆيۈنۈش لازىم.
12- ئوقۇغۇچىلارغا قەبىھ ئالدامچىلىق، ساختىلىق قىلىشقا قىستاشقا ھەيۋە قىلىشقا بولمايدۇ.
13- ھەرقانداق شەكىل بىلەن ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىشكە بولمايدۇ.
14- ئوقۇغۇچىلارنى قۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ( مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سېلىشىغا بولمايدۇ. )
15- ئوقۇغۇچىلارنى كۈشكۈرتۈپ يامان ئىشلارنى دىگۈزۈشكە ۋە قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.
3) نۇتۇق قىلىش قائىدە يوسۇنى
ئىپادىلىشى ئېنىق بولۇش، مەكتەپ ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە لايىھەلەنگەن دەرسنىڭ ھەممىسىنى بىر پەن قىلىپ ئېھتىياتچان، ئىلمىيلىق بىلەن قىزىقارلىق كەيپييات بىلەن ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋاقىتتا پەننىڭ قائىدە – قانۇنىيىتى ۋە تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى ، ئىپادىلىشى ئېنىق بولۇشى ، مۇجمەل گەپ قىلماسلىقى، مەنىسى ئېنىق بولۇشى كېرەك.