......................مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
كۈندىلىك مەدەنىي قائىدە -يوسۇن ئۆلچىمى
学生日常文明礼仪标准
ئورنىدىن تۇرۇش قائىدىسى:
1. بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇش،يۇز-كۆزىنى پاكىز يۇيۇپ،ۋاقتىدا ناشتا قىلىش؛
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاشقىي قىياپىتى:
1.كىيىم –كېچەكنى رەتلىك كىيىش( چاپان-كۆينەكنىڭ ياقىسىنى تۈزەش،تۈگمە-سېيرىتمىسىنى ئېتىش،ئىشتان،كوپتانىڭ بەلبېغىنى مەھكەم ئېتىش،پۇچقىغىنى چۈشۈرۈش،ئاياغنى مايلاپ ياكى سۈرتۇپ،بوغقۇچىنى چىگىپ پايپاق بىلەن كىيىش)،چاچنى رەتلىك تاراپ،يۈزىنى پاكىز يۇيۇش.
2.كىيىنىشى مۇۋاپىق بولۇش:
1)قىزلار ئوچۇق،يەڭسىز،قىسقا،ھەدىدىن زىيادە ئوزۇن كىيىملەرنى كىيمەسلىك،رومال ئارتماسلىق،ئېگىز پاشنىلىق،قېلىن چەملىك ئاياغ،ساپما ئاياغ كىيمەسلىك،گىرىم قىلماسلىق،ئەتىر چاچماسلىق،چېچىنى بۇدىرە قىلدۇرماسلىق لازىم.
2)ئوغۇللار قىزىل رەڭلىك،ھەر خىل رەڭلىك،سۈرەتلىك ،خەتلىك كىيىملەرنى كىيمەسلىك،زىننەت بويۇملىرىنى ئاسماسلىق،قىسقا ،يەڭسىز كىيىملەرنى كىيمەسلىك،كۇسارلىق،ساپما ئاياغلىق يۈرمەسلىك كېرەك.مەكتەپتە چوقۇم مەكتەپ كىيىمى ياكى ئۆلچەملىك كىيىملەرنى كىيىش،تەنتەربىيە دەرسىدە تەنتەربىيە ئايىقى،تەنتەربىيە كىيىمى كىيىش لازىم.
بىر ئوقۇغۇچى بىر تۈرگە خىلاپلىق قىلغان بولسا بىردىن نومۇر تارتىلىدۇ.بىر ئوقۇغۇچىدا يۇقارقىغا خلاپ بىر نەچچە تۈر بولسا قوشۇپ تارتىلىدۇ.
3. سومكىنى رەتلىك ۋە پاكىز تۇتۇش،ئۆگىنىش قوراللىرىنى تولۇق ئېلىپ يۈرۈش.ھەر كۈنى كەچتە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ،ئوبدان تەقلەش،كىتاپلارنى تاشلاپ،ياخشى ئاسىراش،ئۇنتۇلۇش،يۇتتۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئۆيدىن(ياتاقتىن )چىقىش قائىدىسى:
ئۆيدىن(ياتاقتىن ) چىققاندا ئاتا-ئانىسى(ياتاقداشلىرى) بىلەن<مەن ماڭدىم،خوش>دەپ خوشلىشىش.
مەكتەپكە مېڭىش قائىدىسى:
4. مەكتەپكە مېڭىش يولىدا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش،ئوڭ تەرەپ بىلەن مېڭىش،ئالدى –كەينىدىكى قاتناش ۋاستىلىرى ۋە سىگنالغا دىققەت قىلىش،تۆمۈريولدىن،تاشيولدىن كېسىپ ئۆتكەندە<توختاپ،ئوڭ-سولغا قاراپ،ئاندىن ئۆتۈش>،تىراكتۇر-ماشىنىلارغا ئېسىلماسلىق لازىم.يولدا ساۋاقداشلىرى ئۇچىرىسا <ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،تىنىچلىقمۇ؟>دىيىشىپ ئەھۋال سوراش ۋە بىللە كېلىش كېرەك.
مەكتەپكە كىرىش قائىدىسى:
5.مەكتەپكە ۋاقتىدا كېلىش،كېچىكمەسلىك،بالدۇر كەتمەسلىك،ئىشى چىقىپ قالسا رۇخسەت سوراش،رۇخسەت سورىغاندا چوقۇم ئائىلە باشلىقىنىڭ خەۋىرى بولۇش لازىم.
6.مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە(چىققاندا) ئەدەپلىك بولۇش،ئوقۇتقۇچى ۋە چوڭلارغا يول بېرىش،يول تالاشماسلىق لازىم.
7.سالاملىشىش. ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن <ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ⅩⅩ مۇئەللىم،تىنىچلىقمۇ؟ >دەپ ئەھۋال سوراش.ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا <ئەھۋالىڭىز قانداق؟>دەپ سالاملىشىش ياكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش كېرەك.كەچتە قايتقاندا ئوقۇتقۇچىنى كۆرگەندە< مۇئەللىم،خوش >دەپ خوشلىشىش،ساۋاقداشلىرىغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ خوشلىشىش لازىم.
8. مەكتەپ ئىچىدە<ئۈچنى ياخشى باشقۇرۇش> قائىدىسى:.
①ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش:
پىچىنە –پىرەنىك،تاتلىق-تۈرۈم،كەمپۈت،تەييار چۆپ،ۋە باشقا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك،سوغوق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك،خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك،ئۈنلۈك ۋاقىرماسلىق،سەت گەپلەرنى قىلماسلىق لازىم.
②قولنى ياخشى باشقۇرۇش:
ئەخلەت ساندۇقىنى قالايمىقان يۆتكىمەسلىك،تامغا قالايمىقان خەت يازماسلىق،كوللىكتىپ مۇلۈكلىرىنى خالىغانچە بۇزماسلىق،بورنى خالىغانچە ئوينىماسلىق،باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى خالىغانچە ئالماسلىق،باشقىلارنى ئۇرماسلىق لازىم.
③پۇتنى ياخشى باشقۇرۇش:
تام،پارتا-ئۇرۇندۇق،ئىشىك،دەرىزە،رىشاتكا،ۋەلىسپىت،ئاپتوموبىل،تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنى خالىغانچە تەپمەسلىك،دەسسىمەسلىك،گۈللۈككە خالىغانچە كىرمەسلىك،يول،مەيدان،پەلەمپەي،كارىدوردا ماڭغاندا ئوڭ تەرەپ بىلەن مېڭىش،دۈپۈرلەپ ئاۋاز چىقارماسلىق لازىم.
گىمناستىكا (بايراق چىقىرىش-چۈشۈرۈش مۇراسىمى)قائىدىسى:
9) گىمناستىكىغا قوڭغۇراق چېلىنىپ يىغىلىش مۇزىكىسى قويۇلغان ھامان تېزدىن ئۆز ئورنىغا يىغىلىپ رەتلىك، جىمىجىت تۇرۇش،
10) سىنىپ، ياتاقلارنىڭ كۈندۈلۈك نۆۋەتچىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تازىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دەل ۋاقتىدا يىغىلىپ بولۇش. كوماندىغا قەتئىي بويسۇنۇش.
11) بايراق چىقارغاندا تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق چىقىرىش، سۇكۇتتە تۇرۇپ بايراققا ھۆرمەت بىلدۇرۇش، دۆلەت شېئرى، ئوقۇغۇچىلار قەسەمنامىسىنى ئوقۇغاندا جاراڭلىق، ئۈنلۈك ئوقۇش.
12) گىمناستىكىنى ساناققا( مۇزىكىغا) كەلتۇرۇپ جانلىق، ئۆلچەملىك ئويناش.
13) « كۈندە بىر جۈملە» نى ئوقۇغاندا توغرا، جانلىق ئوقۇپ ئۈگىنىش.
14) گىمناستىكىدىن چۈشكەندە سىنىپنى بىرلىك قىلىپ تەرتىپلىك ھالدا ئۆز سىنىپىغا كىرىش.
دەرستىن بۇرۇنقى تەييارلىق قائىدىسى:
15)دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىشتىن بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ دەرسلىك ماتېرياللىرىنى ئېلىپ تىنچ ئولتۇرۇپ دەرسكە تەييارلىق قىلىش.
16) سىنىپ نۆۋەتچىسى دەرستىن بۇرۇن دوسكىنى پاكىزە ئۆچۈرۈپ بولۇش.
17)دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىشتىن ئىككى مىنۇت ئىلگىرى سىنىپ ھەيئىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ بولۇش.
18) ئوقۇغۇچىلار تەجىربىخانا، كومپىيوتېرخانا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە كىرگەندە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش.
119) تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە كىيىمى كىيىش لازىم.
20) ئۆز سىنىپىدا دەرس ئۆتۈلمىگەن ۋاقىتتا 5 مىنۇت بۇرۇن سىنىپنى تاقاپ باشقا سىنىپلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە دەخلى قىلماسلىق لازىم( تەنتەربىيە، ئۇچۇر- تېخنىكا، تەجىربە، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت دەرس ۋاقىتلىرىدا)
دەرسكە كىرىش قائىدىسى:
21) دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىشتىن ئىككى مىنۇت بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ، دەرسكە تەييارلىق قىلىپ، تىنچ ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ كىرىشىنى كۈتۈش.
22) ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ، رەتلىك قىياپەت بىلەن '' مۇئەللىم ياخشىمۇسىز'' دەپ قىزغىن كۈتىۋېلىش، ئوقۇتقۇچى" ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر " دەپ ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بېرىش، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجازىتى بىلەن تەرتىپلىك ئولتۇرۇش، ئۇچۇق دەرسلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىش.
23) دەرسكە كېچىكىپ قالغان ئوقۇغۇچى ئىشىكنى يېنىك چېكىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن سىنىپقا كىرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېچىكىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ، تۈزىتىش ئىپادىسىنى بىلدۇرۇش.
دەرس ئاڭلاش قائىدىسى:
24) ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئاڭلاش، ئاكتىپ پىكىر يۇرگۈزۈش، دەرس مەزمۇنىنى ئەستە قالدۇرۇش، 45 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى ياخشى ئىگەللەش.
25) مۇئەللىم سورىغان سۇئالغا قول كۆتىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاپ بېرىش، ئەگەر ئوخشاشمىغان پىكىر ياكى سۇئال بولسا قول كۆتىرىپ مۇئەللىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا قويۇش.
26) دەرس ۋاقتىدا پاراڭ قىلماسلىق، ئۇششاق- چۈششەك يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، ئۇخلاپ قالماسلىق، مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى بۆلىۋەتمەسلىك، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش.
27) مۇئەللىم سۇنغان تاپشۇرۇق دەپتەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئورنىدىن تۇرۇپ قوش قوللاپ ئېلىش.
28) مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل، ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، مۇئەللىم كۆرسىتىپ بەرگەن خاتالىقنى ئەستايىدىل تۈزۈتۈش.
29) دەرستىن چۈشكەندە ئورنىدىن تۇرۇش، مۇئەللىم دەرستىن چۈشۈڭلار دىگەندىن كېيىن ئاندىن سىنىپتىن ئايرىلىش.
30) پەن ۋەكىلى ياكى ئۈگىنىش ھەيئىتى دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، تاپشۇرۇقنى يىغىپ تارقىتىش، تاپشۇرۇقنى بېرىش ئەھۋالىنى ئىگەللەش، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ئەكىرىش- ئەپچىقىشقا ياردەملىشىش.
دەرستىن چۈشۈش قائىدىسى:
31) ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ ئاياقلاشقانلىغىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بارلىق ئوقۇغۇچىلاريەنە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ "مۇئەللىم !جاپا چەكتىڭىز،رەھمەت سىزگە! " دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش.ئوقۇتقۇچى سالام قايتۇرغاندىن كېيىن دەرستىن چۈشۈش، سىنىپتىن چىقىشتا ئوقۇتقۇچىغا ئالدىدىن يول بېرىش.
دەرس ئارلىقىدىكى دەم ئېلىش قائىدىسى:
32) دەرسخانا ئىچى- سىرتىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرىماسلىق، بىر- بىرىنى قوغلاپ ئوينىماسلىق، توپ ئوينىماسلىق ۋە باشقا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماسلىق،
33)قوپال گەپ - سۆزلەرنى قىلىشماسلىق.
34) كۈندۇلۈك نۆۋەتچى دوسكا ۋە دەرس مۇنبىرىنى سۇرتۇش،
35) قەغەز پارچىلىرى ۋە مىۋە شۆپۈكلىرىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق، سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك، مارۇژنى يىمەسلىك، سۇنى تېجەش، سۇ ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن جۇمەكنى ئېتىۋېتىش.
36) زۆرۈر ئىشلىرىنى ۋاقتىدا تۇگىتىپ دەرسكە كېچىكمەسلىك.
كۆز گىمناستىكىسى (دەرىس ئارىلىغىدىكى گىمناستىكا) قائىدىسى:
37)دەرىس ئارىلىغىدىكى گىمناستىكا ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلاررادىئوغا دىققەت قىلىپ،دىققەت نى ساقلاپ ،كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويناش .
چۈشلۈك تاماق قائىدىسى:
38) تاماق ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار رەتلىك تىزىلىپ تاماق ئېلىش ،جېدەل چىقارماسلىق .
39) تاماق ۋاقتىدا قالايمىقان گەپ قىلماسلىق .
40) تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاچلىرىنى پاكىز يۇيۇش ، رەتلىك تىزىپ قۇيۇش
41 ) ئاشلىقنى قەدىرلەش ، تاماقنى قالايمىقان تۆكمەسلىك ، تاماقنى مۇۋاپىق يېيىش،بەك كۆپ ياكى بەك ئاز يىمەسلىك،تاماق تاللىماسلىق،تاماق تۈرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ يېيىش.
چۈشلۈك دەم ئېلىش قائىدىسى:
42 ) مەشغۇلات ۋاقتى بويىچە چۈشلۈك ئارام ئېلىش
43 ) مەكتەپنىڭ ، سىنىپنىڭ جىمجىتلىقىنى ساقلاش ، باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك .
44 ) توپ مەيدانىدا پائالىيەت قىلۋاتقانلار چۈشلۈك دەم ئېلىش تۇشۇشتىن 20 مىنۇت بۇرۇن تەنتەربىيە سايمانلىرىنى مەسئۇل خادىملارغا تاپشۇرۇپ، توپ مەيدانىدىن ئايرىلىپ سىنىپقا كىرىش.
45 ) ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلار 10 مىنۇت بۇرۇن مەكتەپكە كىرىپ بۇلۇش.
سىنىپ ئىچىدىكى پائالىيەت قائىدىسى:
46) سىنىپنىڭ تازلىقىغا رىئايە قىلىش، سىنىپ ئىچىدە قەغەز پارچىلىرى، دېرىزە تەكچىسىگە مىۋە شۈپۈكى، سىنىپنىڭ بۇلۇڭىغا ئەخلەت يىغىلىپ قالماسلىق.
47) دوسكا پاكىز ئۆچۈرۈلۈشى ، دەرىس مۇنبىرى پاكىز سۈرتۈلىشى كېرەك .
48) جوزا – ئۇرۇندۇقلار رەتلىك تىزىلىشى ، جوزا ئىچى پاكىز بۇلۇشى ، ماتىرياللىرى رەتلىك تىزىلىشى كېرەك .
49) سىنىپلارنىڭ جازىلىرى پاكىز سۈرتۈلىشى ۋە ئاسرىلىشى كېرەك .
50) تامغا قالايمىقان خەت يىزىلماسلىق، جوزىلار يۇنىۋېتىلمەسلىك كېرەك.
51 ) سىنىپلاردىكى تام گېزىتى ئىشلىنىشى ۋە ئاسرىلىشى كېرەك .
52) سىنىپلاردا ئۆگىنىش باغچىسى ۋە تۈرلۈك جازىلار تۇلۇق بۇلىشى كېرەك .
53) تازلىق قوراللىرى ۋە ئەمگەك سايمانلىرى سىنىپنىڭ ئارقا تەرپىگە رەتلىك قۇيۇلىشى كېرەك.
54) ئەخلەت، قەغەز پارچىلىرىنى سىنىپ ئالدىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك.
تاپشۇرۇق قائىدىسى::
دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەر قائىدىسى:
55) تۈرلۈك كۇرژۇك پائالىيتى ۋە مەكتەپ سىنىپ تەشكىللىگەن تۈرلۈك مەدىنىي مەشغۇلات پائالىيتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش .
56) پائالىيەت جەريانىدا شۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش كېرەك .
57 ) خەتەرلىك ئۇيۇنلارنى ئوينىماسلىق.
ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قائىدىسى:
58) مەكتەپ ئىچى- سىرتىدا ئوقۇتقۇچىنى كۆرگەندە سەمىمىيلىك بىلەن سالام بېرىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىش.
59) ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئىشىكنى چىكىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن كىرىش، پەس ئاۋازدا سۆزلەش، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك.
60)ئوقۇتقۇچى دەرس مۇنبىرى ۋە ئىش ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان ماتېرياللارنى قالايمىقان ۋاراقلىماسلىق.
61) ئوقۇتقۇچىلارغا قىزغىن، سەمىمى بولۇش، يالغان گەپ قىلماسلىق.
62) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدى ۋە ياردىمىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتۈش.
63) ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرماسلىق، ئوقۇتقۇچىغا لەقەم قويماسلىق، ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق.
64) مۇئەللىم تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنلاش، ئەگەر قىيىنچىلىقى بولسا سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ ئەپۇ سوراش.
65) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش، تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش لازىم كەمسىتىشكە، پىسەنت قىلماسلىققا بولمايدۇ.
66) سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش.
67) يوللاردا ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەندە ۋەلسىپىتتىن چۈشۈپ ھۆرمەت بىلدۇرۇش.
مەكتەپتىن قايتىش قائىدىسى:
68) دۈجۈرنى سىنىپ مەيداننى پاكىز تازىلاپ، دوسكا ۋە دەرىس مۇنبىرىنى سۈرتۈش، توكنى ئۆچۈرۈش، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېتىش.
69) ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن خوشلىشىش، مەكتەپتىن ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىش .
70) ئۆيگە قايتىش يولىدا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، بېرىش - كېلىش جەريانىدا يولنىڭ ئوڭ تەرپىدە مېڭىش .
71) مەكتەپتىن قايىتقاندا سۇغا چۈشمەسلىك ، دەل - دەرەخلەرگە ياماشماسلىق، توك سىملىرىنى تۇتماسلىق، قاتناش قوراللىرىغا ئېسىلماسلىق.
72 ) مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن قىمار شەكلىنى ئالغان قارت ئوينىماسلىق، كوچىلاردا قالايمىقان ۋارقىرىماسلىق، ئاممىۋى سۇرۇنلارغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك .
73) ئائىلىگە قايىتقاندىن كىيىن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن دەرىس تەكرار قىلىش ۋە دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش.
74 ) ۋاقتىدا ئارام ئېلىش ، ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش .
75 ) بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندە بەدەن چېنىقتۇرۇش.
. ياتاق پائالىيتى قائىدىسى:
76) كەچىلىك مۇزاكىرىدىن قايىتقاندىن كېيىن ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇخلاشقا جاڭ ئۇرۇلغان ھامان ئۆز ئورنىغا چىقىپ ئۇخلاش.
77) ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالغاندا ياتاق باشلىقلىرى ساننى توغرا مەلۇم قىلىش، قالايمىقان سىرىتقا چىقماسلىق، ياتاق ئىچى- سىرتىدا قالايمىقان ۋارقىرىماسلىق، باشقىلارنىڭ ئۇخلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ياتاق مۇھىتىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق.
78) ياتاق باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇش، تەسادىبىي ئەھۋال كۆرۈلسە نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىلارغا ياكى دىجورنىخانىدىكى دىجورنىلەرگە مەلۇم قىلىش، ياتاقنى ئىچىدىن تاقاپ ئۇخلاش.
79) ئوتتىن، توكتىن، كۆمۈر گازىدىن، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
14.يىغىن قائىدىسى:
80) ھەرقايسى سىنىپلار ئۆز ۋاقتىدا يىغىن مەيدانىغا كىرىش، پاراڭلاشماسلىق، مەيدانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن سىنىپ باشلىقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىردەك ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇش.
81) دوكلات ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرۇش.
82) تۇرلۈك پائالىيەتلەر جەريانىدا يىغىن ئىنتىزامىنى ياخشى ساقلاش، ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلماسلىق.
83) يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كېتىش.
15. ئىختىيارى پائالىيەت ۋە مۇھىت ئاسراش قائىدىسى:
84) ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقىتلىرىدا خالىغانچە مەكتەپ سىرتىغا چىقماسلىق، ئوقۇغۇچىلار كىرىشكە بولمايدىغان پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرمەسلىك.
85) مەكتەپنىڭ مۇھىت ئاسراش تەلىپى بويىچە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاممىۋى سۇرۇنلارنىڭ مۇھىتىنى بۇزماسلىق.
86) تەبئەتنى سۆيۈش، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھ، پايدىلىق ھايۋانلارنى ئاسراش، قوغداش.
87) ئومۇمنىڭ مال- مۈلۈك، ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، ئۇلارغا قالايمىقان چېقىلماسلىق، زىيانغا ئۇچراتماسلىق.
88)ھەرقانداق شارائىتتا بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قەتئى قىلماسلىق.