ئاندرويدنىڭ ئەجەللىك يوچۇقى بايقالدى

تور بىخەتەرلىك شىركىتى نىڭ تەتقىقاتچىلىرى 27-ئىيۇل پۈتۈن يەرشارىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىرى بولغان ئاندرويدتا «ئەجەللىك» بىخەتەرلىك يوچۇقى بارلىقىنى، خاككېرلارنىڭ پەقەت ئاددىيلار بىر رەڭلىك ئۇچۇر يوللاپلا، ئابونتقا قىلچە سەزدۈرمەي تۇرۇپ يانفوننى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
بۇ شىركەتنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بىخەتەرلىك يوچۇقى ئاندرويدنىڭ كۆپ خىل نۇسخىسىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، يېڭىلىنىشى ئاستا بولغانلىقتىن، مۆلچەردە ھازىرقى %95 يەنى 950 مىليون ئاندرويد سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان يانفون تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
بۇ شىركەت سەل ئىلگىرى بۇ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى گۇگىل شىركىتىگە مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۆزلىرى ياسىغان ياماق پروگراممىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن، نۆۋەتتە گۇگىل شىركىتى بۇ ياماقلارنى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا تەمىنلىگەن بولسىمۇ ئەمما ياماقلارنىڭ ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ قولىغا يېتىپ بېرىشىغا دائىم نەچچە ئاي كېتىدۇ.