خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

Windows 10 نى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا تۆت يىل ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-07-12 19:56

 
Windows 10 نى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا تۆت يىل ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدۇ

ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، گەرچە نۇرغۇنلىغان ئابونتلار مىكروسوفىتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 گە ھەقسىز يېڭىلاش ئېلىپ بارالىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل يېڭىلاش ۋاقتى ھەرگىز مەڭگۈلۈك ئەمەسكەن.

Windows 10 سىستېمىسى پىلان بويىچە مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. مىكروسوفىت ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىلەر يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بارلىق Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارنىڭ Windows 10 گە ھەقسىز يېڭىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، Windows 10 سىستېمىسىغا يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئۇنى يەنە قانچىلىك ۋاقىت ھەقسىز يېڭىلاپ ماڭغىلى بولىدۇ؟ مىكروسوفىت بۇ ھەقتە توختالغاندا ناھايىتى مۈجمەل بىر جاۋاب بەرگەن: «كومپىيۇتېر قوللايدىغان ئىشلىتىش ۋاقتى ئىچىدە  ھەقسىز يېڭىلاشقا بولىدۇ»، بىراق، بۇنىڭ كونكىرىت ۋاقتى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

يىقىندا، مىكروسوفىت شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلار تور بېكىتىدە بىر PPT ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، «كومپىيۇتېر قوللايدىغان ئىشلىتىش ۋاقتى» نىڭ مۇددىتى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە بولىدىكەن. كونكىرىت ۋاقتىنىڭ نەچچە يىل بولىدىغانلىقى يەنىلا «ئابونت تۈرى» گە باغلىق ئىكەن.

Windows 10 نىڭ ھەقسىز يېڭىلىنىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، مىكروسوفىت شىركىتى بىزگە نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى قالدۇرۇپ قويغان، ھەتتا، بۇنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە زىت كىلىدۇ. كەسپى ساھەدىكى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى مىكروسوفىتنىڭ بۇ يېڭى سىستېمىنى ھەقسىز يېڭىلاشقا رۇخسەت قىلىشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار