خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ( پەيشەنبە )

ئەنگىلىيەدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالتە خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-07-12 19:55

 
ئەنگىلىيەدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالتە خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون

androidauthority ناملىق چەتئەلدىكى تېخنىكا تاراتقۇسى يىقىندا ئەنگىلىيەدە ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر بولغان ئالتە خىل ئاندىرويىد يانفونىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سامسۇڭنىڭ يىللىق بايراقدار يانفونى قاتارلىق داڭدار يانفونلار كەم ئەمەس، بىراق، ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يېرى، بۇ تىزىملىكتە يەنە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارمۇ باركەن.

بىرىنچىسى: سامسۇڭ Galaxy S6 يانفونى

سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S6 يانفونىغا نۇرغۇنلىغان ئىلغار تېخنىكىلارنى مۇجەسسەملىگەن، مەيلى كۆرسىتىش ئېنىقلىقى يۇقىرى Super AMOLED ئېكرانى بولسۇن، ياكى Exynos 7420 تىپلىق كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى Galaxy S6 دىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 2560x1440 گە يېتىدىغان 5.1 دىيۇملۇق ئېكران، ئاساس چاستوتىسى 2.1GHz بولغان سامسۇڭنىڭ Exynos 7420 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە بەش مىليون پىكسىللىق كامېرا، ئارقا يۈزىگە 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا ۋە 2550 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن.

ئىككىنچىسى: LG G4 يانفونى

ئەگەر سىز رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى قالتىس بولغان يانفون سېتىۋېلىپ، ئۇنى سىفىرلىق كامېرانىڭ ئورنىدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا LG G4 سىز ئۈچۈن بىر ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇ يانفوننىڭ كامېرا ئېنىقلىقى 16 مىليون پىكسىلغا يېتىدىغان بولۇپ، F1.8 تىپىدىكى چوڭ ئوپتىك چەمبىرەك ئىشلىتىلگەن، ئاجىز يورۇقلۇق ئاستىدىكى رەسىمگە تارتىش ئۈنۈمى ئاجايىپ قالتىس.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 2560x1440 گە يېتىدىغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، ئاساس چاستوتىسى 1.8GHz بولغان كۇۋالكوم 808 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە سەككىز مىليون پىكسىللىق، ئارقا يۈزىگە 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا ئىشلىتىلگەن، 3000 مىللىئامپىرلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن.

ئۈچىنچىسى: سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونى

سامسۇڭ Galaxy Note 4 ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بىر مەھەل بازاردىكى سېتىۋېلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان يانفون دەپ قارالغان، بۇ يانفونغا يەنە S Pen ناملىق چەكمە ئېكرانغا ماسلاشتۇرۇلغان قەلەم سەپلەنگەن.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، Galaxy Note 4 يانفونىغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 2560x1440 گە يېتىدىغان 5.7 دىيۇملۇق ئېكران، كۇۋالكومنىڭ 808 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە ئۈچ مىليون 700 مىڭ پىكسىللىق، ئارقا يۈزىگە 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا ۋە 3220 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن.

تۆتىنچىسى: خۇاۋېي روڭياۋ 6 Plus يانفونى

خۇاۋېي روڭياۋ 6 Plus يانفونى دۆلىتىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل بازىرىدىمۇ قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن يانفون، چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۇنى كۆپ پۇل خەجلىمەيلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون دەپ باھالىغان، ئۇنىڭ باھاسى S6 نىڭ يېرىمىغا توغرا كىلىدۇ.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 1920x1080 بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، بوبرا كېيىك 925 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە سەككىز مىليون پىكسىللىق، ئارقا يۈزىگە سەككىز مىليون پىكسىللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن، باتارىيە سىغىمى 3600 مىللىمېتىر ئىكەن.

بەشىنچىسى: موتورولا Moto G يانفونى

موتورولا Moto G يانفونى بولسا ئىقتىدار ۋە باھا نىسبىتى ئوتتۇراھال دەرىجىگە يېتىدىغان يانفون، سەپلىمىسى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بىراق، موتورولا بۇ يانفوننىڭ لايىھەلەش ھۈنەر-سەنئىتىگە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان، ئەگەر سىزنىڭ يانفونغا بولغان تەلىپىڭىز ئانچە يۇقىرى بولمىسا، يەنى پەقەت كۈندىلىك ئىشلىتىش ئىھتىياجىڭىزنىلا ئويلاشسىڭىز، ئۇنداقتا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بايراقدار دەرىجىلىك يانفون سېتىۋالغاندىن كۆرە، Moto G نى تاللىغىنىڭىز ياخشى.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 1280x720 گە يېتىدىغان 5.0 دىيۇملۇق ئېكران، كۇۋالكومنىڭ 400 تىپلىق بىر تەرەپ  قىلغۇچىسى، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە ئىككى مىليون پىكسىللىق، ئارقا يۈزىگە سەككىز مىليون پىكسىللىق كامېرا ۋە 2390 مىللىمېتىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن.

ئالتىنچىسى: سامسۇڭ Galaxy A3 يانفونى

سامسۇڭ Galaxy A3 يانفونى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونلار ئىچىدىكى ناھايىتى قالتىس بىر يانفون، ئۇنىڭ مودا لايىھەسى ۋە مۇۋاپىق بولغان باھاسى ياش ئىستېمالچىلار توپىنىڭ ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يانفونغا مېتال قاپلىق لايىھە قوللىنىلغان، قارىماققا خىلى قىممەت باھالىق يانفوندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، يانفونىغا كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 960x540 بولغان 4.5 دىيۇملۇق ئېكران،  ئاساس چاستوتىسى 1.2GHz بولغان كۇۋالكوم 410 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1.5GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە بەش مىليون پىكسىل، ئارقا يۈزىگە سەككىز مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن، باتارىيە سىغىمى 1900 مىللىئامپىر.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار