5200 تەڭگە سوۋغات،مۇكاپات تارقىتىلدى
بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ دېگەن بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مۇكاپاتلاش،سوۋغات قىلىش لاھىيسى بويىچە 2013-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۇنى سائەت نۆلدىن 2013-يىل 8-ئاينىڭ 30 -كۇنى چۇشتىن كېيىن سائەت 3 گىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇكاپاتلاش،سوۋغات قىلىش نەقلەشتۇرۇلدى.
1) ئەزالارنىڭ تور بىتىمىزگە كىرىشىگە قاراپ مۇكاپات تارقىتىش بويىچە جەمئى 73 نەپەر ئەزاغا 4380 تەڭگە تارقىتىلدى. يەنى ھەر بىر 6 نىڭ ھەسسىلىكى بويىچە كىرگەن ئەزاغا 60 تەڭگە سوۋغات قىلىندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك ئەزالار ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: (ئەسكەرتىش: بۇ 73 نەپەر ئەزا ئىچىدە 9-ئاينىڭ 15-كۇنىگىچە تور بېتىمىزگە قايتا كىرمىگەنلەر بايقالسا مۇكاپات تەڭگىسى بىردەك بىكار قىلىنىپ، مۇكاپات تەڭگە قايتۇرۋىلنىدۇ.)
2) ئەزالارنىڭ ماقالە يوللاش سانى بويىچە تور بېتىمىزنىڭ قاتتىق تەلىپىگە بىر قەدەر ئۇيغۇن كېلىپ تېمىسى تەستىقتىن ئۆتكەن 10 ئەزانىڭ 129 تېمىسىنىڭ ھەر بىر تېمىسى لاھىيە بويىچە 2 تەڭگىدىن جەمئى 258 تەڭگە بىلەن تارتۇقلاندى. تېمىسى تارتۇقلانغان ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى، ئومۇمى يوللىغان تېمىسى ۋە ئومۇمى تارتۇق ئارقىلىق ئېرىشكەن تەڭگە سانى تۆۋەندىكىچە:
3) ئەزالارنىڭ دەرس تەييارلىقى، دىتال تۈرىدىكى تېمىلارنى يوللىشى بويىچە تېمىنى تەلەپ بويىچە يوللىغان، قوشۇمچىنى تور بېتىمىز بوشلۇقىغا چىقارغان تېمىلار تەستىقلاندى، باشقا تېمىلار بىردەك ئۆچۇرۇلدى. شۇ ئارقىسىدا تەستىقلانغان 7 ئەزانىڭ 11 تېمىسى 155 تەڭگە بىلەن تارتۇقلاندى. تەپسىلى ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
4) تېتىملىق ئىنكاس ۋە باھا يازغان 103 ئەزانىڭ 139 ئىنكاس، باھاسى 417 تەڭگە بىلەن تارتۇقلاندى.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىتىمقى پائالىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا 5200 تەڭگە مۇكاپات ۋە تارتۇق نەخلەشتۇرۇلدى.ئەگەر مەشغۇلات خاتالىقى تۇپەيلى يۇقاردىكى ئەزالارنىڭ مۇكاپات ياكى تارتۇق نەخلەشمىگەن ئەزالار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق نەخلەشتۇرۋالسا بولىدۇ.
يۇقارقى پائالىيەتنىڭ ئاياغلىشىشغا يەنە 13 كۇن ۋاقىت قالدى، دوستلارنىڭ قىزغىن قاتنىشىشنى ۋە تەشۋىق قىلىشىنى شۇنداقلا نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى&باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2013-يىل 8-ئاي 30-كۇنى