بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى كەڭ تورداشلارغا روزا ھېيت، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى شۇنداقلا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن 36 كۈنلۇك مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغان 6 يىلدىن بۇيان ئاز بولمىغان بوران-چاپقۇنلارنى بىشىدىن كەچۇرۇپ، سىزگە ئوخشاش كۆيۇنۇشلۇك، ئۆز نەرسىسىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ھالىنى، كەلگۈسى تەقدىرىنى ئاز-تولا پەملىيەلەيدىغان ياكى كۆرەلەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل بولىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا مانا 6 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۇنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى قۇرۇلۇپ، 9-ئاينىڭ 10-كۇنى رەسمى ئېلان قىلىنغاندىن بىرى بىر نىشان ئاساسىدا ئۆزگىچىلىكنى ئاساس قىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، گەرچە بىز بىر - بىرىمىزنى كۆرمىگەن بولساقمۇ، ئەقىل، خىيالەن كۆزىمىز بىلەن سىردىشىپ، كۆرىشىپ تۇرىدىغان 2000 غا يېقىن تور بېكىتىمىزنىڭ سادىق ئەزاسىغا، 10000 مىڭغا يېقىن تور بېتىمىزنى يوقلاش ۋاقتى 6 ئايدىن ئىشىپ كەتمىگەن تور بېكىتىمىزنىڭ ھەرىكەتچان ئەزاسىغا، 1000دىن كۆپ دەرس تەييارلىق، دېتال تۈرىدىكى ماتېرىيالغا ( بۇلارنىڭ زور كۆپ سانلىقى دەرس تەييارلىقى)، 4000 پارچىدىن كۆپ پەرزەنت تەربىيسى، تارىخ، ئوقۇتۇش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋە ئەۋلاد تەربىيلەشكە دائىر ماقالە ئۇچۇرغا، 13000 دىن كۆپ بىر قەدەر ساغلام بولغان تېمىلارغا بېرىلگەن ئىنكاس ۋە باھاغا، 230 دىن كۆپ ئوقۇتۇش، تارىخ ۋە باشقا تەرەپلەردىكى پايدىلىنىش ، ساقلاش قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رەسىم تېمىسىغا، تور بېتىمىزدىكى ئومۇمى سىغىمى 8 جىدىن كۆپ ( تور بېتىمىز بوشلۇقىغا قويۇلغىنى تەخمىنەن 4 جىدىن كۆپ) ئەمەلى قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى ماتېرىيالغا، 2010 -يىلى 5-ئاي ئاخىرىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئۇچىنچى تەرەپ سىتاتېستىكىسىغا ئاساسلانغاندا بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 3933100 دانە IP زىيارىتى، 5986710 قېتىملىق تور بېتىمىز زىيارىتى، 11963499 دانە بەت زىيارەت قىلىنغان ، نۆۋەتتىكى تور بېكىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تور بەتلەر ئىچىدە 173374-ئورۇندا تۇرغان، ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تور بەتلەرنىڭ زىيارەت تەرتىپى جەھەتتە 6-ئورۇندا تۇرغان تور بەتكە ئايلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل سىزگە ئوخشاش كەسىپداشلارنىڭ ۋە قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىنىڭ نەتىجىسى.
ئۇستىدە دېگەن سان ۋە جەمئىيلەر بەلكىم ھەممىنى چۈشەندۇرۇپ بىرەلمەسلىگى، بەلكىم سىزنىڭ ياكى يەنە بەزى دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى زادى نېمىگە شۇنداق دېيەلەيدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار تۇغۇلغان بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ھەممىنى ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دېگەن بىرلا جاۋابنى بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
ئۇستىدە دېگەندەك ئالدىمىزدىكى ياكى 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى قۇربان ھېيىتنى قۇتلۇقلاش، تور بېتىمىزنى 6 يىلدىن بىرى ئۈزلۇكسىز قوللاپ كەلگەن ئەزىزلەرگە رەھمەت ئېيتىش، تارىختا «سىسىق توققۇزىنچى»، ھازىر بولسا باشقىچە ناملاردا ۋە ئۇسۇللاردا ئاتىلىپ، ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھوقۇقىمىز دەپسەندە قىلىنىپ، مائارىپچى مەن دەپ يۇرۇپ، پېداگوگىكا قائىدىسى بويىچە ھەقىقى ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالماي.... يۈرىۋاتقان كەڭ كەسىپداشلارنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۇنى سائەت 1دىن 2013-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۇنى سائەت نۆلگىچە جەمئىي 36 كۇن مۇكاپاتلىق پائالىيەت يىغىپ ئېيتقاندا تورداشلارغا، ھېيتلىق، سوۋغات، بايراملىق تارقاتماقچى. ئەلۋەتتە ھېيتلىق ، سوۋغات، بايراملىق ھەممىسى نەق پۇل ئەمەس، پەقەت بەشتاش تەڭگىسى.
يۇقىرىدىكى 36 كۇن ئىچىدە نورمال يوللانغان ھەر بىر تېما ماقالە تۈرىدىكى بولسا 2 تەڭگە بىلەن، دەرس تەييارلىق تۈرىدىكى بولسا 10 دىن 50 گىچە بولغان تەڭگە بىلەن، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى رەسىم يوللىغانلارنىڭ بىر پارچە رەسىمى 1 تەڭگە بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.
مۇشۇ مەزگىلدە تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلارغىمۇ ئاز-تولا سوۋغات بار. يەنى ھەر ئالتە كۈننى بىر بۆلەك قىلىپ، 6نىڭ ھەسسىلىك سانى تەرتىپىدە كىرگەنلەردىن. 100نىڭ ئىچىدىكىلەر 72 تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 100 نىڭ سىرتىدىكىلەر 36 تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 200 نىڭ سىرتىدىكىلەر 72 تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.( لېكىن شەرت تور بېتىمىزگە ئەزالىق نامىدا كىرىپ تۇرغان ۋاقتى 2مىنۇتتىن ئاشقان بولىشى كېرەك)
ئۇنىڭدىن باشقا تور بېتىمىزدىكى تېمىلارغا قارىتا تېتىملىق، مىغىزلىق باھا يازغان، باھالىغانلارغا بىر ئىنكاس ياكى باھاغا بىردىن بەشكىچە تەڭگە تارتۇق قىلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تارتۇقلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش : تارتۇقلانغانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنمايدۇ) تور بېتىمىزنى تەشۋىق قىلغان، تور بېتىمىزگە ياخشى تەكىلىپ بەرگەنلەر 20 دىن 100 گىچە تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
يۇقىرىقى تارتۇقلىنىش ياكى مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى بىر پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا 6 قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا تېمىلارغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۇرلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى تۆۋەندىكى تېمىلاردىن كۆرىۋىلىڭ.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
ئىزدەن دەيدۇ : ھەقسىز بەشتاش تەڭگىسى تارقىتىمەن
ماقالە تۇرىدىكى تېمىلارنى يوللاش ھەققىدە ئىزاھات
بەشتاش تەڭگىسىگە قانداق قىلىپ كۆپلەپ ئېرىشتىم
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان تېمىلار ھەققىدە ئىزاھات
ئەزا مەركىزى قوللانمىسى
يۇقىرىقى بىر پۈتۈن پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى كەڭ دوستلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى ۋە ئاكتىپ قوللاپ، تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاخىرىدا بارلىق دوستلارنىڭ كۈنلىرىگە خۇشاللىق، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە سالامەتلىكنىڭ يار بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۇنى
(تەھرىر : admin)
«بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ
- 5200 تەڭگە سوۋغات،مۇكاپات تارقىتىلدى
- ماتىريالنى قانداق يولايمىز؟
- ئەسكەرتىش:ئەزالىق نامى چوڭ كۆلەمدە ئۆچۇ
- بەشتاش تورىغا پىكىر(جۇغلانما،تەڭگە)
- ھەقلىق تەڭگە سىتىۋالىمەن دىگۇچىلەرگە ج
- دوپپا بايرىمىلىق ئەزالارغا 855 تەڭگە سوۋ
- 5-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 5-ئاينىڭ 3-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 5-ئاينىڭ 2-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- بەشتاش تورىدىن ئەمگەكچىلەر،ياشلار باير
- 5-ئاينىڭ 1-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 4-ئاينىڭ 30-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 4-ئاينىڭ 29-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 4-ئاينىڭ 28-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ
- 5200 تەڭگە سوۋغات،مۇكاپات تارقىتىلدى
- ماتىريالنى قانداق يولايمىز؟
- ئەسكەرتىش:ئەزالىق نامى چوڭ كۆلەمدە ئۆچۇرلىدۇ
- بەشتاش تورىغا پىكىر(جۇغلانما،تەڭگە)
- ھەقلىق تەڭگە سىتىۋالىمەن دىگۇچىلەرگە جاۋاپ
- دوپپا بايرىمىلىق ئەزالارغا 855 تەڭگە سوۋغات تا
- 5-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- 5-ئاينىڭ 3-كۇنىدىكى سوۋغات تارقىتىلدى
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ
- ئەسكەرتىش:ئەزالىق نامى چوڭ كۆلەمدە ئۆچۇرلىدۇ
- ھەقلىق تەڭگە سىتىۋالىمەن دىگۇچىلەرگە جاۋاپ
- دوپپا بايرىمىلىق ئەزالارغا 855 تەڭگە سوۋغات تا
- ئىزدەن دەيدۇ : ھەقسىز بەشتاش تەڭگىسى تارقىتىم
- بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب
- ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققىدە ئېز
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايد
- ئەمدى بەشتاش تەڭگىسىگە ئىرىشىش چۇش ئەمەس
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قوللانمىسى
- بەشتاش دەرس تەييارلىق كاتولوگى1.0
- بەشتاش تورىدىن سىزلەرگە مۇكاپات كۆپ
- ئىزدەن دەيدۇ : ھەقسىز بەشتاش تەڭگىسى تارقىتىم
- يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھا
- ئەزا مەركىزى قوللانمىسى
- ماقالە تۇرىدىكى تىمىلارنى يوللاش ھەققىدە ئېز
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تەستىقلانمايد
- بەشتاش تورىنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆچ
- يىڭى ئەزا تىزىملىتىش توختىتىلدى