ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > بەشتاش تورى سەھىپىسى > تولۇق مەزمۇنى

بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب

ۋاقىت : 2012-02-15 22:25 | مەنبەسى : بەشتاش تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بەشتاشتىن ئۇستاز ۋە تورداشلارغا خىتاب

 

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە مەيلى قانداق بىر تورداش بولمىسۇن يۇز كىلەلمەيدىغان ياكى ۋەدىمىزدە تۇرالمايدىغان ئىشنى سادىر قىلمىدۇق.بىز مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن ئازراق بولسىمۇ كۆپچىلىككە قولايلىق يارىتىشنى مەخسەت قىلىۋاتىمىز. تور بىتىمىزدىكى ماتىرياللار نۆۋەتتە 4G  دىن ئىشىپ كەتتى. لىكىن بىز ماتىرياللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر پۇتۇنلۇكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تىز سۇرئەتتە چۇشۇرش ۋە پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئىزچىل قوش لىنيەلىك بوشلۇقنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز.تور بەتنىڭ نۆۋەتتە كۇندىلىك زىيارەت IP سى 8000 مىڭدىن چۇشمەي مىڭىۋاتىدۇ. بۇ تورداشلارنىڭ بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى  ۋە بىزنى قوللىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.

يۇقاردا ئازراق سۆزلەپ سالدىم ھە، بۇ ھەرگىزمۇ زارلانغىنىم ئەمەس، بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئۇچۇن باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  مەن قاتارلق بارلىق دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى، لىكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا تور بىتىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن يىللاپ پايدىلىنىپمۇ سالمايدۇ، جۇملىدىن تور بىتىمىزگە ھاجىتىمۇ چۇشمەيدۇ. لىكىن ئۇلار شۇنداق تۇرۇپمۇ ئازراق بولسىمۇ بىر ئىش قىلىش مەخسىتىدە مىھنەتسىز تور بىتىمىز ، تور بىتىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلار ئۇچۇن ، ئۇستازلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

لىكىن بىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلارغا ياخشى بولالمىدۇق. بەزىلەر ھەتتا بىر قانچە قىتىم تىلفۇن قىلىپ مىنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن ئەھۋاللارمۇ خىلى بار.( قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىزنى تىللىغان ۋە ھاقارەتلىگەن ئىشلارنى بۇ يەردە تىلغا ئالماي تۇراي)باشتا دىگەندەك بىزنىڭ بۇ تور بەتنى قۇرىشىمىز ھەرگىزمۇ ئىقتىساد ئۇچۇن ۋە ياكى باشقا مەخسەت ئۇچۇن ئەمەس. بەلكى دوسلارغا خىزمەت قىلىش، دوسلار ئارا، ئۇستازلار ئارا ماتىريال ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇش خالاس.جۇملىدىن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ بوشلۇق، ئىسىم قاتارلىق چىقىملىرى بىر يىلدا 1500 يۇەندىن يۇقىرى. لىكىن بىز ئىقتىسادى جەھەتتە ھىچقانداق بىر مەنپەئەتكە ئىرىشىپ باقمىدۇق. ھەم ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلاشمىدۇق.

لىكىن بىزنى ئەيىپلىگەن دوسلار بىزنى نىمە دەپ ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بەلكىم ئۆزلىرىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. چۇنكى بىز ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ھەممە نەرسە ھەقسىز دىگەن نەرسە ئىڭىمىزگە سىڭىپ كەتكەن. لىكىن ھەقسىز نەرسىنىڭ قانچىلىك قەدرى بار؟ ھەقسىز يۇمشاق دىتاللاردىن نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان كومپىيۇتىرلىرىمىز دەل شۇ سەۋەپتىن، ئويۇن ئويناش، فىلىم كۆرۇشكە بەكرەك ماس كىلىۋاتىدۇ. مىھنەتتىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك نەرسە بولمىسا كىرەك. باشقىلار شۇنچە مىھنەت بىلەن تەييارلىغان ماتىرياللارنى تور بەتكە يوللاپ، مانچە نومۇر بىلەن چۇشۇر دەپ بەلگىلىشى مىنىڭچە خاتا ئەمەس. ئەمدى شۇنداق ماتىريال بىلەن تەمىنلىەەن ئۇستازلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىمۇ ، مەنمۇ ئازراق ماتىريالغا ئىرىشسەم بولاتتى، باشقىلارمۇ ئۆزلىرىدە بارلىرىنى يوللىسۇن دىگەن سەۋەپتىن كەلگەن بولىشى ئىنىق. ئۇنداقتا تور بىتىمىز ۋە مەن ، باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك مىھنىتى ئارقىسىدا ئوتتۇرغا قويغان تەلىپىنى رەت قىلامدۇق؟

سىز سەتىرشخانىغا كىرسىڭىز 30 مىنۇتتا چىچىڭىزنى ياساپ قويسا تۆۋەن دىگەندە 3 يۇەن بىرەسىز؟ بىر كىشى نەچچە ئون سائەت مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ سەرس تەييارلاپ، بەلگىلىك نومۇر بىلەن چۇشۇرۋىلىڭ دىسە ياق دىيىشكە نىمە ئاساسىڭىز بار؟

ئۇنداقتا بىزنى ھاقارەتلىگەن دوسلار بىزنى يۇقارقى نومۇر بىلەن چۇشۇرۇش مەسىلىدە كۆپرەك ھاقارەتلەپ كەتتىڭلار؟ ئۇنداقتا سىلەر شۇنچە ھاقارەتلىگۇدەك بىزگە ، بەشتاش تورىغا ئۆتكۇزۇپ قويغىنىڭلار بارمۇ؟ بەشتاش تورى ئۇچۇن، شۇ ماتىريالنى تەمىنلىگۇچى ئۇچۇن نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟

يىڭىدىن بەشتاش تورىنى ھاقارەتلەيدىغانلار ئاۋۇپ قالدى. قالايمىقان ئىنكاس يوللاش، قۇرۇق تىما يوللاش تىگى تەكتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى ھاقارەت قىلغانلىق. بەشتاش بالىلارمائارىپ تورى سىزگە نىمە يامانلىق قىلدى؟ سىز بەشتاش تورىغا نىمە ئىش قىلىپ بەرگىنىڭىزگە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى بۇنچە ھاقارەت قىلىسىز؟

 

ئاخىرىدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا بۇگۇندىن تارتىپ تىخىمۇ قاتتىق بولغان تىزىملاش ۋە جازالاش يولغا قويۇلىدۇ. ئوخشاش مەزمۇندىكى 2 ياكى 2 دىن ئارتۇق ئىنكاس يازغۇچىلار، تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز باھا- ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئەزالىق نامى بىردەك تاقىلىدۇ. ئىغىر بولغاندا IP ئادرىسى تاقىلىدۇ.قۇرۇق تىما يوللىغۇچىلارنىڭ قۇرۇق تىمىسى 2 دىن ئاز بولسا بارلىق نومۇرلىرى بىكار قىلىنىدۇ. 2 دىن كۆپ بولسا ئەزالىق نامى بىكار قىلىنىدۇ.

ئەگەر سىز ھەقىقەتەن تىما يوللىيالمىغان بولسىڭىز يوللىماقچى بولغان ماتىريالنى baxtax@vip.qq.com  غا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى ئەزالىق نامىڭىزنى قوشۇپ يوللاپ بىرىڭ.بىز تىگىشلىك نومۇرنى بىۋاستە ئەزالىق نامىڭىز ئاستىغا قوشۇپ، ماتىريالنى سىزنىڭ نامىڭىزدا تور بىتىمىزدە ئىلان قىلىمىز.

مەن بۇيەردە قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى، باش ئاخىرى يوق گەپ -سۆزلەرنى يىزىۋەتكەن بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(16)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ