قانۇن ئۆگىنىپ ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايلى!
(ئۇقۇغۇچىلارغا سۆزلەنگەن لىكسىيە)
چودا يىزا باشلانغۇچ مەكتەپ
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
قانۇن ئۆگىنىپ ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايلى!
ساۋاقداشلار،ياخشىمۇسىلەر!
مەن ھازىر سىلەرگە قانۇن ئۆگىنىپ ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ بىرىمەن.ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمۈد قلىمەن.
سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار،ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بىر ئانىمىز بار.قېنى قايسى ساۋاقداش دەپ بىرەلەيدۇ،بىزنىڭ ئانىمىز زادى كىمدۇ؟
ۋەتەن بىز ھەممىمىزنىڭ ئانىمىز.بىز ھەممە مىللەت بۇ بىر مىھرىبان ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدا ئۈسۈپ چوڭ بولماقتىمىز.بىزنىڭ تىنىچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئانا ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
ئانا ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ھەر بىرەيلەن زادى قانداق قىلىش كىرەك؟
ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرا چۇقۇم ئۆزىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كۆز قارشىنى ھەقىقى يۇقىرى كۈتۈرۈشى ھەمدە ھەممە ئىشتا قانۇن بۇيىچە ئىش كۈرۈش كېرەك.ۋەتەننى قوغدايمەن دەپ،قانۇنغا رىئايە قىلماي،قانۇنغا خىلاپ ئىش ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا قەتئى بولمايدۇ.ھەممىمىز قانۇندىن ئىبارەت بۇ بىر مۇقەددەس قۇرال ئارقىلىق ئۈزىمىزنى ھەر ۋاقىت قۇراللاندۇرۇپ،يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى بايقىغان ھەم كۆرگەن ھامان ئۇنى بۇ قۇرال ئارقىلىق تۇسۇپ قېلىشىمىز ھەمدە باشقىلارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا ئىنىق چۈشەنچە بىرىشىمىز لازىم.
پەقەت قانۇنغا رىئايە قىلغاندىلا ھەمدە ھازىردىن باشلاپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئۈگەنگەندىلا ئاندىن ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغىلى ھەمدە ۋەتەنگە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بۇلۇپ چىققىلى بۇلىدۇ.
ئەمىسە سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار ھەممىمىز ھازىردىن باشلاپ،قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا ھەمدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەنگە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىش كىرەلىكىگە بولغان كۆز قارشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ۋەتەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان كىچىك قوغدىغۇچىلاردىن بۇلۇپ چىقايلى!