خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-08-18 00:01

 

دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە
 

 ئازات ئۆمەر

   مارالبېشىدىكى ‹‹23 – ئاپرېل›› ۋەقەسى، پىچاندىكى ‹‹26 – ئىيۇن›› ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە بىر مەزگىل بولۇپ قالدى. لېكىن نەچچە ئون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ۋەقەلەر كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىگۇناھ ئاممىمۇ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان ئاساسىي قاتلام ج خ كادىر – ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىمۇ، شۇنداقلا ۋەقە تۇغدۇرغان رەزىل جىنايەتچىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان زوراۋان، تېررورچىلارمۇ بار.

   زادى قانداق كۈچ بۇ ئادەتتىكى دېھقانلارنى يۇرتداشلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قەبىھ زوراۋانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ بۇ زوراۋان، تېررورچىلار بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى مەڭگۈلۈك ھەسرەت – نادامەتتە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 24 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى پات ئارىدا ياتلىق بولاتتى؛ ئەمدىلا دادا بولغان بازار باشلىقى پەرزەنتىنىڭ ئوماق قىلىقلىرىنى كۆرەلمەيدىغان بولدى؛ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان دادا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشتەك شەپقەتسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى؛ جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان، ھەمسۆبەتتە بولۇپ كەلگەن مېھرىبان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ھەممە كىشى ئەيىبلەيدىغان جىنايەتچىگە ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنى يۇرتداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئار – نومۇسقا قويغانلىقىدىن بەكلا ئەپسۇسلاندى. جاۋاب شۇكى، بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باش جىنايەتچىسى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە.

   دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئادەتتە دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىدىيەۋى ئېقىم ۋە سىياسىي كۈچنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئىدىيەنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان كىشىلەر، مەيلى ئۆسمۈرلەر، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار، ئاياللار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەخلاق – پەزىلەتنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، ئەسەبىيلىشىپ، ئەس – ھوشىنى يوقىتىپ، ئەخمىقانە خام – خىيالغا بېرىلىدۇ، رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە كىشىلەرنى نېرۋىسىدىن ئازدۇرىدىغان زەھەر، ئىجتىمائىي نورمال تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋىرۇس، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە ھەر ۋاقىت خەۋپ كەلتۈرىدىغان قەرەللىك بومبا.

   شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىيلىك 1933 – يىلى مۇھەممەدئىمىن . سابىت داموللا تەرەپدارلىرىنىڭ ‹‹پانتۈركىزم››، ‹‹پانئىسلامىزم››نىڭ تەسىرىدە خوتەندە بەرپا قىلغان ئاتالمىش ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى››دىن باشلانغان. دىنىي ئەسەبىي قاراشتىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ باشقا مەزھىپىدىكى كىشىلەرگە شەپقەتسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. ئاخىرىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى›› بىرقانچە ئون كۈنلا مەۋجۇت بولۇپ گۇمران بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرى ئېلىخان تۆرە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قېتىلىۋېلىپ، رەزىل نىيىتىگە يەتمەكچى بولغان. لېكىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى قەتئىي توسىغاچقا، ئۇلارنىڭ غەرىزى يەنە بىر قېتىم كۆپۈككە ئايلانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئۇنسۇرلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، زوراۋان، تېررورچىلار تەشكىلاتى قۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقاتقان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.

   ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنىي ئەسەبىيلەر تەرغىب قىلىۋاتقان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىر قېلىپتا قۇيغاندەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى زوراۋانلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، ئاخىرىدا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش. ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دىنىي ئەسەبىيلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە قاتتىق تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى دىنىي ئەسەبىيلەر مۇرەككەپ خەلقئارا ئامىل ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، شۇنداقلا تارىخ قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبنىڭ تەسىرىدە، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىن شىنجاڭدا تېز كۆپەيدى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى. مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بەزى كاتتىباشلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى قويۇۋېتىلگەن سىياسەتتىن پايدىلىنىپ تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ‹‹غازات››نى تەرغىب قىلدى ھەم ئەزالىرىنى چېگرا سىرتىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە تېررورلۇق تەلىم – تەربىيەسى قوبۇل قىلىشقا، شۇنداقلا زەھەر، قورال – ياراغ ئېلىش – سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك تەرغىب قىلىپ، ‹‹غازات›› ئارقىلىق دەھرىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئەۋەتتى. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئىگە بىر ئوچۇم زوراۋان، تېررورچىلار 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ۋە 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش دېلولىرىنى كۆپ قېتىم پەيدا قىلىپ، خېلى كۆپ ھەر مىللەت كادىرنى، بىگۇناھ ئاممىنى ۋە دىنىي زاتنى يارىلاندۇردى، ئۆلتۈردى. مەسىلەن: 1996 – يىل 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سەھەردە جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى، خاتىپى، 78 ياشلىق ھارۇنخان ھاجى نامازغا كېتىۋاتقاندا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۈچ دىنىي ئەسەبىي قىلچە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوق، مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇ مويسىپىتنىڭ 20 نەچچە يېرىگە غالجىرلارچە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ زوراۋان، تېررورچىلار مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئالدىدا قاتمۇقات قانلىق قەرزگە بوغۇلدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەيدا بولغان ‹‹ھېزبوت››، ‹‹ھىجرەت›› قاتارلىق دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات، گۇرۇھلار ئىسلام دىنىنىڭ ‹‹ئىسلاھاتچىلىرى›› قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىنىي يوسۇن ۋە توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلارنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، تويلۇق ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ روھىي ئېھتىياجىغا ماسلاشتى؛ ئۇلار كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقاد بويىچە مۇسۇلمانلار ۋە ‹‹كاپىرلار›› دەپ ئايرىدى، ‹‹جىھاد›› پىرىنسىپىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ‹‹كاپىرلار››غا ‹‹غازات›› قىلغاندىلا، ئۆلگەندىن كېيىن ‹‹جەننەت››كە كىرگىلى بولىدۇ، دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلدى؛ قانۇنسىز تەپسىر ۋە ئەمرىمەرۇپ قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاياللارنى يۈزىنى ئېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى؛ ئاممىنىڭ توي – تۆكۈنلەردە ناخشا ئېيتىشى – ئۇسسۇل ئوينىشىنى، قازا قىلغانلارغا نەزىر – چىراغ بېرىشىنى چەكلىدى ھەم ‹‹ھالال››، ‹‹ھارام›› توغرىسىدا توختىماي كاپشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇردى؛ ئۇلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقاتتى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىشقا قۇترىتىپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي ساھەنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئاممىۋى تەرتىپىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

   ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى ۋە پۈتكۈل تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، ئىسلام دىنىدا قالايمىقان زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇلىدۇ، تىنچلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئۇزاق مۇددەت بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە راۋاجلىنىش جەريانىدا ۋەتەننى، دىننى، تىنچلىقنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋەھالەنكى، دىنىي ئەسەبىيلەر سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئاساسىي ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قانۇنىدا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بەرگەنلىكى جۇڭگو قانۇنىدا يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇقەددەس بۇرچ. دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى كەسكىن سىياسىي كۈرەش. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي روھىنى دەپسەندە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلار تارقىتىۋاتقان ئەسەبىي ئىدىيەگە دادىل رەددىيە بېرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، زوراۋان، تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلەردىن ھەممە كىشى يىرگىنىدىغان ۋە ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ئىناق جەمئىيەت، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى)

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار