ئوت ئۆچۇرۇش، ئالدىنى ئىلىش بىخەتەرلىك تەربىيىسى ساۋاتلىرى
1ـ كۆيۇش ھازىرلايدىغان ئۈچ شەرىت: ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇم، كۆيۇشكە ياردەملىشىدىغان بۇيۇم، ئوت مەنبەسى. دائىم كۆرىلىدىغان ئوت مەنبەسى: يالقۇن، يۇقىرى تىمپۇراتۇرلۇق جىسىم، چاقماق، ئىلىكتىر ئۇچقۇنى، كۇچلۇك نۇر قاتارلىقلار.
2ـ تۇرمۇشتا ئوت كىتىشنىڭ ئامىلى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ: ئوت ئىشلەتكەندە، توك ئىشلەتكەندە، ماي ئىشلەتكەندە، گاز ئىشلەتكەندە، تاماكا چەككەندە دىققەت قىلماسلىق، ئوت ئويناش، پوجاڭزا ئېتىش قاتارلىقلار.
3ـ مەكتەپ ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش
1) ئوقوغۇچىلار پوجاڭزا، سەرەڭگە قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان، پارتىلايدىغان بۇيۇملارنى مەكتەپكە ئىلىپ كىرمەسلىك.
2) تەجرىبىدە ئىشلىتىدىغان ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان بۇيۇملارنى مەخسۇس ئامبارغا قويۇش، خالىغانچە ئىشلىتىپ، خالىغان جايغا قويۇپ قويماسلىق كىرەك.
3) ئىلىكتىر ئۇسكىنىلىرىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۇرۇش، ئىشلىتپ بولغاندىن كىين توك مەنبەسىنى ئۇزىۋىتىش.
4ـ ئاسان پارتىلايدىغان، ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئىلىپ كىرمەسلىك، ئاممىۋى قاتناشتا ئولتۇرماسلىق.
ئورماندا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش
1) ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى ئىلىپ دالا سەيلىسىگە، ئوۋ ئوۋلاشقا، مال بېقىشقا، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىشقا ئورمانلىقلارغا بارغاندا، ئوت ئېلىپ كىرمەسلىك، ئورمانلىقلاردا تاماكا چەكمەسلىك كىرەك.
2) مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنى ئورمانلىق رايۇنلارغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن ۋاقىتتا ، دالا تامىقىغا تەشكىللىمەسلىك، گۈلخان ياقماسلىق.
ئائىلىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش
مەش ئوتنى بىخەتەر ئىشلىتىش
بىرىنچىدىن، تۇتۇن ئىلىكتىر سىمىدىن، ياغاچ تام ۋە ئىشىك قاتارلىقلاردىن يىراق بولىشى، ئەڭ ئاز بولغاندا 0.2 مىتىردىن ئارتۇق يىراق بولۇشى كىرەك.
ئىككىنچىدىن، مەش ئەتراپىدا چوقۇم ئوتتىن ساقلىنىش توسىقى بۇلۇشى ياكى ئوت كىتىش ئىھتىمالى بولغان نەرسىلەر 0.5 مىتىر يىراقلقتا بولىشى كىرەك.
ئۈچىنچىدىن، كۇل ۋە دەشقاللارنى پاكىز تازلاش، قالايمىقان تۆكمەسلىك، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارغا يىقىنلاشتۇرماسلىق، ئەڭ ياخشىسى مۇقىم بىخەتەر ئورۇن بولۇشى، بۇران چىققان كۈنى مەش كۈلىنى تۆككەندە چوقۇم بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.
تۆتىنچىدىن، ئوت ياققاندا، بىنزىن، سەنەركە، ئىسپىرت قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئوت ياقماسلىق.
سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى بىخەتەر ئىشلىتىش
1ـ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئوچۇقىنى ياتاق ئۆي، ئىشخانا، بالكۇن ياكى ئامبار، زال قاتارلىق ئورۇنلاردا قويماسلىق، گاز قىچىپ ئوت ئىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلش.
2ـ ئۈزۈپ- ئۇلىغۇچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگەللەش، ئوت گازنى ساقلاش، گاز ئوتنى ساقلىماسلىق، ئىشلىتىپ بولۇپ چۇقۇم قاپقاقنى ئىتىۋىتىش، قاپقاق بۇزۇلۇپ قالسا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، بالىلار خالىغانچە ئۈزۈپ- ئۇلىغۇچنى ئىچىپ ئېتىپ ئوينىماسلىق كىرەك.
3ـ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى ئىشلەتكەندە، چوقۇم ئادەم ياخشى قاراش، يىراقلاپ كەتمەسلىك، ئوتنىڭ ئاز كۆپلۇكىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، قازاندىكى سۇ تىشىپ كىتىپ ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىپ، گاز چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. .
4ـ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىنى تىك قويۇش، ياتقۇزۇپ قويماسلىق، قايناق سۇغا چىلىماسلىق ياكى ئوتقا قاقلىماسلىق لازىم.
5ـ ئەگەر گاز قاچقانلىق بايقالسا، دەرھال تەدبىر قوللىنىش، ئىشىكنى ئىچىۋىتىش، يەلپۇگۇچتە يەلپۇش، شامال ئۆتۇشتۇرۇش (بىراق شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)، كىيىن گاز قاچقان ئىدىشنى تەكشۇرۇپ تىپىش لازىم.
ئوت ئۆچۇرۇشتىكى ئاساسىي بىلىملەر:
1) ئايرىۋىتىش ئۇسۇلى: بۇ بىر خىل دەرھال ئوت ئالىدىغان مەنبەنى ئۈزىۋىتىش ئۇسۇلى.
2) تىنجىقتۇرۇش ئۇسۇلى، ھاۋانىڭ ئوت ئالىدىغان رايۇنغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ھاۋادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئوت مەنبەسىنىڭ يىتەرلىك ئوكسىگىنغا ئىرىشەلمەي، ئۆچۇرۇش كىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش.
3) سوۋۇتۇش ئۇسۇلى، سۇ ياكى باشقا ئوت ئۆچۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنىڭ تىمپۇراتۇرىسى كۆيۇش نوقتىسىدىن تۆۋەنلەيدۇ.ئوت ئالغان بۇيۇملارنىڭ تىمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئوتنىڭ كىڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4)چەكلەش ئۇسۇلى:
ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ناۋادا ئوت ئاپىتى يۇز بەرسە تىزلىكتە «119» ئوت ئۆچۇرۇش ساقچىسىغا تىلفۇن قىلىش، دەرھال ئادەم تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ،قۇتقازغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئادەم قۇتقۇزۇش كىيىن نەرسە كىرەكلەنى قۇتقۇزۇش، ئالدى بىلەن مۇھىمنى كىيىن ئادەتتىكىنى، ئاۋۋال توكنى ئۇزگەندىن كىيىن قۇتقۇزۇش كىرەك ئوت ئۆچۇرگەن ۋاقىتتا ئادەتتە سۇ، توپا قاتارلىق ئوت ئۆچۇرۇش ئۇسكىنىلىرىنى ئىشلىتىپ كونتورۇل قىلش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى ئورمانلىىقلارغا بىرىپ ئوتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىشقا تەشكىللەشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى كۇچەيتىپ، ئوت ئاپىتىگە قارىتا ئىڭىنى ئۆستۇرپ، مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دەل ۋاقتىدا چەكلەش، بىھۇد يارلىنىش، ئۆلۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا دىققەت قىلشقا تىگىلشلىك بىر قانچە نوقتىلار:
1) ئوت كەتكەن ئورۇن ياكى نوپوسى تۇرۇشلۇق رايۇن(ناھىيە)كوچا ياكى يىزىلار، كەنىتلەرگىچە چۇشەندۇرۇش لازىم. يەر ئىسمى ئوخشاپ كىتىدىغان ياكى ئاسان ئالمىشىپ كىتىدىغانلارنى چوقۇم ئىنىق چۇشەندۇرۇش كىرەك.
2) ئورۇن ۋە كوچا ئىسمىنى تولۇق مەلۇم قىلىش، قىسقارتىپ ئاتىماسلىق كىرەك.
3) نىمىگە ئوت كەتكەنلىكىنى، ئوتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى چۇشەندۇرۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا ئوت ئۆچۇرۇش ئەترىتى كۆيۇش ئوبىكتىگە ۋە ئوتنىڭ ئاجىز كۇچلۇكلىكىگە قاراپ ماشىنا ۋە ساقچىلارنى بىكىتىدۇ.
4) ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئادەمنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ئىنىق دىيىشى لازىم. چۈنكىى مەلۇم قىلغان ئادەم ئىشلەتكەن تېلفۇن ئوت مەيدانىغا يىقىن بولۇپ، ئوت ئۆچۇرۇش ئەترىتى نەقمەيدانغا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن تىلفۇن قىلىپ ئوت ئەھۋالىنى سوراپ، قوماندانلىق قىلىشقا قۇلايلىق.
5) ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، ئەھۋالنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم ئوت مەيدانىغا يىقىن جايدىكى يول ئىغىزىدا تۇرۇپ، ئوت ئۆچۇرۇش ماشىنىسىنى ساقلاپ ياكى يول باشلاپ، سۇ ئورنى تەمىنلەپ، تىز سۇرەتتە ئوت ئۆچۇرۇشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.
ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە قىچىش:
1. بىنا ئۆيگە ئوت كەتكەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش
بىرىنچىدىن، سالماقلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، قارغۇلارچە ھەركەت ئىلىپ بارماسلىق كىرەك. ئۆزى تۇرۇۋاتقان قەۋەتنى ئىنىق بىكىتىپ، پەلەمپەي ۋە ئىشىك ئورنى، يۆنىلىشىنى ئىنىق ئەسلەپ، قارغۇلارچە ئىشىك ۋە دەرىزە ئاچماسلىق، قاچماسلىق كىرەك، بىنادىن سەكرىمەسلىك بىھۇدە ئۆلۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
ئىككىنچىدىن، قىچىش ئۇسۇلىنى ياخشى تاللاش، ھۇدۇقۇپ كەتمەسلىك. ناۋادا ئوت ئۇچقىنىدا بىنادىن بۆسۇپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ھۆل لۆڭگە، ئەدىيال قاتارلىق بۇيۇملاربىلەن باش يۇزىنى يۆگەش، بولۇپمۇ بۇرنىنى يۆگەپ ئىڭىشىپ مىڭىش. بىنادىن چۈشكەندە ئوت كۈچلۈك بولمىسا، پەلەمپەيدىن بۆسۈپ چىقىپ كىتىش كىرەك. ئەگەر پەلەمپەي توسۇلۇپ قالغان بولسا، دىرىزە، بالىكۇن، سۇ تۇرۇبىسى، ياكى ئارقان (كىيىم ياكى كارۋات ئۈستى بويۇملىرىنى چىگىپ ئارقان ياساپ) مۇقىم بولغان جايغا چىگىپ، سىرىلىپ چۈشۈش لازىم. ئەگەر ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتتە بولۇپ، يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق قىچىشقا مومكىن بولمىسا، يەرگە يوتقان- كۆرپىلەرنى تاشلاپ، دەرىزىدىن سىرىلىپ چۈشۈش لازىم. ئەگەر ھەر خىل قىچىش يوللىرى ئوت تەرپىدىن توسولۇپ قالغان بولسا، ئۆيگە يىنىپ كىرىپ، ئىشىك دەرېزىلەرنى تاقىۋىلىش، شارائىت بولسا، ئىشىك- دەرېزىلەرگە سۇ سىپىپ، ئوتنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەرېزە سىرتىغا نەرسىلەرنى تاشلاش، قول چىراق يىقىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش. ئوت كەتكەن بىنادا، لىفىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئەگەر ئائىلە ئىلىكتىر ئۇسكۇنلىرى ياكى گاز ئوچىقىغا ئوت كەتسە تىزدىن ئىلىكتىر مەنبەسىنى ئىتىۋىتىش، ھەرگىزمۇ ئىلىكتىر ئۇسكۇنىلىرى، توك سىمى ۋە گاز ئوچاق قاتارلىقلار ئۇستىگە سۇ چاچماسلىق كىرەك.
3) بەدىنىگە ئوت كەتكەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش:
ئەگەر بەدىنىمىزگە ئوت كەتسە، ھەرگىزمۇ قاچماسلىق كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئوت بارغانسىرى كۇچىيىپ كىتىدۇ، ئامال قىلىپ كىيىم - كىچەك، باش كىيمى قاتارلىقلارنى سىلىۋىتىش، ئۆلگۈرەلمىگەندە يىرتىۋىتىش لازىم. ئەگەر ئوت كۈچلۈك بولسا، دەرھال يەردە يىتىپ دومىلاش ياكى كۆلچەك، ئېرىقلارغا سەكرەش كېرەك. ئەگەر باشقىلار بولسا، ھۆل تاغار، ئەدىيال قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئوت كەتكەن ئادەمنى ئورىۋىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىنى ئوت كەتكۈچىگە قارىتىپ پۈركىمەسلىك لازىم. چۈنكى پۈركىگەن سۇيۇقلۇق يارا ئىغىزىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.
ئوت ئۆچۇرۇش ساۋاتلىرى:
1. مۇقىم ئوت ئاپىتىدە ئالدى بىلەن سۇ ، كۆپۇك، فوسفورىك كىسلاتا ئامىن تۇزى پاراشۇكى، گالوئالكانلىق ئوت ئۆچۇرۇش ئەسۋابى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش.
2ـ سۇيۇق ئوت ئاپىتىگە قارىتا ئالدى بىلەن پاراشۇكلۇك، گالوئالكانلىق، كاربۇن (Ⅳ) ئوكسىدلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ئىشلىتىپ قوتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش لازىم.
3. گازلىق ئوت ئاپىتىگە قارىتا پاراشۇكلۇك، گالوئالكانلىق، كاربۇن (Ⅳ) ئوكسىدلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ئىشلىتىپ قوتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش لازىم.
4. ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرىغا ئوت كەتكەندە، پاراشۇكلۇك، گالوئالكانلىق، كاربۇن (Ⅳ) ئوكسىدلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ئىشلىتىپ قوتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش لازىم.
5. مېتال بويۇملار ئوت ئاپىتىگە قارىتا ئىشلىتىلدىغان ئوت ئۆچۇرۇش ئۇسكۇنلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شۇ يەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئوت ئۆچۇرۇش نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن كىڭىشىپ ھەل قىلىدۇ. نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە قەرەرلىك شەكىلدىكى ئوت ئۆچۇرۇش مەھسۇلاتلىرى تىخى يوق.
6. ئوت ئۆچۇرۇش ئۇسكۇنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئوت ئاپىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇلى”ئوت ئۆچۇرۇش ئۇسكۇنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى“ بويىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
ئائىلە باشلىقلىرى بىخەتەرلىك ئالدىنى ئىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
1ـ ئائىلىگە بالا باققۇچى تەكلىپ قىلغاندا چوقۇم ئىھتىياتچان بولۇش كىرەك. ئائىلىگە بالا باققۇچى تەكلىپ قىلغاندا سالاھىيتنى ئىنىق تەكشۇرۇش، يىقىن دوسىت بۇرادەرلىرى ياكى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق بىرىنچى قول ماتىريالنى ياخشى ئىگەللەش لازىم. ھەرگىزمۇ سالاھىيەت كىنىشكىسى يوق ياكى ئۆزىنى تونۇشتۇرغان كىشىلەرنى ياللىماسلىق، يامان كىشىلەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
2ـ ئائىلىدە مىھمان كۇتىۋالغاندا ئاتا- ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ يامان دوسىت بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە خالىغانچە باشلاپ مىھمان قىلماسلىقى ئەگەردە موشۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرى كىرسە كۈتىۋىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە بالىلىرىنى كۆرۈشتۈرمەسلىك كىرەك. تونۇش مىھمان ياكى سودىگەرلەرگە قارىتا سودا توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە باشلاپ تاماقتا بىرگە بولماسلىقى لازىم. كىيىنكى كۈنلەردە سودا مەيدانىدىكى يۇز ئۆرۇش سەۋەبىدىن پەرزەنىتلەرگە خاپىلىق ئىلىپ كىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم. چۇنكى بالىلار قەلبىدە مىھمانغا كەلگەن تاغاـ ھەدىلەر ھەممىسى ياخشى كىشىلەر دەپ قارىلىپ ئاسانلا ئالدىنىپ كىتىدۇ.
3. ئاتا- ئانىسى سىرتقا چىقىپ كىتىپ بالا يالغۇز قالغاندا ئىشىكنى ياخشى تاقاپ دەرېزىلەرنى پۇختا ئېتىشى، كىشىلەر كەلگەندە ئالدى بىلەن ئىشىكنىڭ مۇشۇك كۆزىدىن قاراپ تونۇيدىغان - تونۇمايدىغانلىقىغا قاراپ، تونۇمايدىغان كىشىلەرگە ئىشىكنى ئىچىپ بەرمەسلىكى، ئىشىكنىڭ ئالدىغا چوڭلارنىڭ بېر قانچە ئايىغىنى قويۇپ، ئۆيدە ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى چاندۇرماسلىقى كىرەك.
4. ئاتا - ئانىسى بالىلىرى ئۇچۇن ئارخىپ تۇرغۇزىۋىلىشى لازىم. ئاتا ـ ئانىسى يىزىق ئارقىلىق پەرزەنىتلىرىگە ئائىت ئالاھىدىلىكى، قىياپىتىنى خاتىرلەپ قويۇشى، ھەر پەسىلدە ياكى يىرىم يىلدا بالىلىرىنى رەسىمگە چۇشۇرۇش، زاپاس تەييارلاپ قويۇشى لازىم.
5. دىلو مەلۇم قىلىش ۋاقتىدا بولىشى كىرەك. ناۋادا پەرزەنىتلىرى، ئوقوغۇچىلار يوقاپ كەتسە، ئاتاـ ئانىلار، مەكتەپلەر چوقۇم شۇيەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىش لازىم. بالىلار، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىنىپ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنى ئەھۋال بىلەن تەمىنلىشى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىلەن سودىلاشماسلىقى لازىم.
6. بالىلىرىغا سىرىق فىلىم، زەھەر،قىماردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بىرىش كىرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنىتلەرنىڭ سىرىق فىلىم، قىمار، قوقۇنۇشلۇق فىلىملارنى كۆرۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى بۇنداق فىلىملارنى سىتىۋالماسلىق ۋە ئارىيەتكە ئىلىپ كەلمەسلكى كىرەك. بالىلىرىغا زەھەرلىك بۇيۇملادىن يىراق تۇرۇش تەربىيسى بىرىپ، باللىرىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش قاتارلىق سىرىتقى مۇھىتلىرىنى دائىم تەكشۇرۇپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ دوست تۇتۇش، دوسلىرى دائىم يىغىلىدىغان جايلىرىنى بىلىش كىرەك. بۇنىڭ ئىچىدە گۇمانلىق كىشىلەرگە قارىتا بالىلىرىنى ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش، پەرزەنتىنىڭ ئىقتىساد، سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ئادىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، كۆڭۇل بولۇش، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كىرەك.
ئوقوغۇچىلار ئائىلە تۇرمۇش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى
ئوقوغۇچىلار بەخىتلىك، ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىدا ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆيۇنىشىگە ئىرىشىدۇ، ھىچقانداق خەۋىپ خەتەر يوقتەك بىلىنىدۇ، بىراق ئائىلە تۇرمۇشىدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا ئەستايىدىل ۋە ئىھتىياتچان بولۇش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئۇنداق بولمايدىكەن ناھايىتى ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋاللار يۇز بىرىدۇ. ئائىلە تۇرمىشىدىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بار .
كۆيۇپ يارلىنىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟
كۆيۇپ يارلىنىش بولسا تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ھادىسە، ئائىلە تۇرمۇشىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغىنى قايناق سۇ، قىزىق ماي قاتارلىقلار تەرىپىدىن كۆيۇپ يارلىنىش.
1. ئوچاق ئۇستىدە چەينەك، قازانلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، چوقۇم پەلەي كىيىش ياكى رەخت ئىشلىتىش، بىۋاستە كۆيۇپ يارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، چەينەك، قازاننى ئوچاقتىن ئالغاندا ئادەم ئاسان تەگمەيدىغان جايلارغا قويۇش كىرەك.
2. ئائىلە باشلىقلىرى سەي قورىغان، يىمەكلىك پىشۇرغان ۋاقىتتا، ئەتراپتا ئوينىماسلىق، ئاۋارە قىلماسلىق، قىززىق ماي تەرىپىدىن كۆيۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم، يىشى چوڭراق ئوقوغۇچىلار سەي قورۇشنى ئۇگەنگەن ۋاقىىتتا، چوقۇم دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ، سۇنى ھەرگىزمۇ ماينىڭ ئۇستىگە تىمىتماسلىقى كىرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن قىززىق ماي بىلەن سۇ ئۇچرىشىپ، چاچراپ ئادەمنى كۆيدۇرۇپ زەخمىلەندۇرىدۇ.
3. ماي ئاسان ئوت ئالىدۇ، يۇقىرى تىمپۇراتۇرىدا كۆيىدۇ، سەي قورىغان ۋاقىتتا، ماينىڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرا تۇپەيلى ئوت ئىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم. ناۋادا قازاندىكى مايغا ئوت كەتسە ھەرگىزمۇ جىددىلەشمەي، تىزلىكتە قازاننىڭ تۇۋىقىنى يىپىپ، قازاننى تىز سۇرئەتتە ئوچاقتىن يۆتكەش ياكى ئوچاقنىڭ ئوتنى ئۆچۇرۇش كىرەك.
4. ئائىلىدىكى دەزمال، توكلۇق ئىسىتقۇچ قاتارلىق ئىسسىق چىقىرىدىغان ئۇسكۇنىلەر ئادەمنى كۆيدۇرۇپ يارلاندۇرىدۇ، ئىشلەتكەن ۋاقىتتا چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك، بولۇپمۇ خالىغانچە تۇتماسلىق كىرەك.
قانداق قىلغاندا يۇقىرى بىسىملىق قازاننى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
يۇقىرى بىسىملىق قازاندىن پايدىلىنىپ تاماق ئەتكەندە، ۋاقىت، ئىنىرگىيە تىجىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر شۇنى ئىشلىتىدۇ، يۇقىرى بىسىملىق قازاننى ئىشلەتكەندە قازاندىكى ئىسسىقلىق يۇقىرى، بىسىم چوڭ، شۇڭا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم.
1) يۇقىرى بىسىىملىق قازاننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ھاۋا ئۆتىدىغان- ئۆتمەيدىغانلىقنى، بىخەتەرلىك قاپقىقى مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۇرۇش لازىم.
2) ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، يۇقىرى بىسىملىق قازاننىڭ بىسىم قاپقىقىغا يىقىنلاشماسلىق، يۇقىرى بىسىملىق قاپقىقىنىڭ ئۇستىگە ئىغىر بۇيۇم قويماسلق، قازاننىڭ ئاغزىنى ئاچماسلىق كىرەك.
3) تاماقنى ئىتىپ بولغاندىن كىيىن يۇقىرى بىسىملىق قاپقاقنى ئالماسلىق ياكى قازان ئىغىزىنى ئاچماسلىق، قازاننىڭ يۇقىرى بىسىم ئىسسىقى چىقىپ كەتكۇچە سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاش، ئاندىن بىسىم قاققىقىنى ئىلىپ، قازان ئىغىزىنى ئېچىش لازىم.
قانداق قىلغاندا تىغلىق ئەسۋاپلارنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
كۇندىلىك تۇرمۇشتا دائىم پىچاق، مىۋە پىچىقى، قايچا قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىشكە ئىھتىياجلىق بولىمىز. پىچاق ئىتتىك ۋە ئۆتكۇر بولۇپ ئىشلەتكەندە ئىھتىياتچان بولمىغاندا زەخمىلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. پىچاق ئىشلەتكەندە چوقۇم تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك:
1) پىچاق ئىشلەتكەندە چوقۇم دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇش، پىچاق ئىشلىتىپ سىزىدىغان،چۇقان سالىدىغان،ئۆز-ئارا ئوينايدىغان ئىشلارنى قەتئىي سادىر قىلماسلىق، باشقىلارنى ھەم ئۆزىنى زەخمىلەندۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
2) پىچاقنى ئىشلەتمەيدىغان ۋاقىىتا چوقۇم ياخشى ساقلاش، بىخەتەر جايغا قويۇپ قويۇش، ئۇچىنى چىقىرىپ باشقىلار ۋە ئۆزىنىڭ ئىھتىياتسىلىقتىن يارلىنشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
قانداق قىلغاندا گازنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
كىشىلە دائىم تەبىئى گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان جىسىملارنى يىقىلغۇ گازى دەپ ئاتايدۇ. يىقىلغۇ گاز تۇرمۇشتا كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى، لىكىن مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە ئاپەت ئىلىپ كىلىدۇ. يىقىلغۇ گاز ئىشلەتكەندە چوقۇم تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك:
1) يىقىلغۇ گاز ئۇسكۇنىلىرىنى ئىشلىتىش قوللانمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇش، چۇشەندۇرۇش قوللانمىسى بويىچە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش كىرەك.
2) ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئوت ئالىدىغان ئوچاقلارغا ئوت ياققان ۋاقىتتا، چوقۇم”ئوت گازنى ساقلاش“ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئالدى بىلەن ئوت مەنبەسىنى ئوچاققا يىقىنلاشتۇرۇپ، ئاندىن گاز قاپقىقىنى ئىچىش كىرەك.
3) گاز ئۇسكۇنلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، گاز قاچقانلىقىنى بايقىغاندا دەرھال تەكشۇرۇپ رىمىنۇت قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىدا گاز قاچقانلىقىنى بايقاپ قالسا دەرھال باش قاپقاقنى ئىتىپ، گاز مەنبەسىنى ئۇزۇۋىتىش كىرەك.
4) گاز ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرماسلىق، شامال تۇپەيلىدىن پارتىلاش كىلىپ چىقىشنىڭ، ئوت ئاپىتى يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
5)گاز ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلەتكەندە (مەسىلەن گاز ئوچىقى، گاز ئارقىلىق سۇ ئىسسىتىش ئۇسكۇنىلىرى قاتارلىقلار) چوقۇم شامال ئۆتۇپ تۇرۇشقا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، يىتەرلىك ئوكسىگىن ساقلاش، گازدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
كۆمۇر ئوچاقنى ئىشلەتكەندە قانداق قىلىپ كۆمۇر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
نۆۋەتتتە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇنلىغان رايۇنلار قىشلىق ئىسسىنىشتا يەنىلا كۆمۇر ئوچىقى ئىشلىتىدۇ. كۆمۇر ئىشلىتىشتە ئىھتىياتچان بولماسلىق تۇپەيلى كۆمۇر گازىدىن زەھەر لىنىش كىلىپ چىقىدۇ. قانداق قىلىپ كۆمۇر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؟
1. كۆمۇردىن پايدىلىنىپ ئىسىنغاندا چوقۇم تورخۇن ئورنىتىش كىرەك.