ئامما قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان 3-ئومۇمىي يىغىندىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار توغرىسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا يېقىندا چاڭچۈندە بۇندىن كېيىنكى ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ قىسمەن ئىسلاھات تەپسىلاتىنى چۈشەندۈردى: كەلگۈسىدە، نۇرغۇن ئالدىن ئىسلاھاتلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇش، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نورمىسىنى مەلۇم نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يۇرتىدا قالغان بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئېلېكترونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكىنى تورلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەر كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشنى قويۇۋېتىشى، كەلگەنلەرنى رەت قىلماسلىقى كېرەك؛ چوڭ شەھەرلەر ئوقۇشقا كىرىش شەرتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، يۇرتىغا قېلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئېھتىياجىنى ئىمكان قەدەر قاندۇرۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر نوپۇسنى كونترول قىلىش نىشانى، شەھەر رايونى مائارىپىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى، كەلگۈسى شەھەر رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانى، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]