خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاپتونوم رايونىمىز ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-12-08 18:12

 
ئاپتونوم رايونىمىز ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى مالىيە – ئىقتىساد، ماتېماتىكا، خىمىيە، مېھمانساراي باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت كەسىپتىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئاخىرلاشتى.

  مائارىپ نازارىتى بۇ يىلدىن باشلاپ خېرىدار چاقىرىپ، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرگە ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تۆت كۇرسنى شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مەركىزى، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى ئۈستىگە ئالدى.

   مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تەربىيەلەش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزگەن. شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ‹‹ئەمەلىي ئوقۇتۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش››، ‹‹كارخانىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئۆگىنىش›› ۋە ‹‹داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى››دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلگەن، ‹‹يوڭيوۋ شىنداۋ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى كەسپىي كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ‹‹ئوقۇتقۇچىلارغا، دەرسخانىغا، ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش›› پىرىنسىپى بويىچە تۈزۈپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملارنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان، تىپىك مىساللارنى تەھلىل قىلىش، ئۈلگىلىك ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، گۇرۇپپىلار ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 ئالىي مەكتەپنىڭ 120دىن ئارتۇق ياش ئوقۇتقۇچىسى كۇرسقا قاتناشقان، كۇرسانتلار تەربىيەلەش مەزمۇنى ۋە ئۈنۈمىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار