خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-29 21:13



مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
 
ماتېرىيال سۈرەت: 2014-يىللىق بايرام-ئارام كۈنلىرىنى تەڭشەش لايىھەسى

   شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27-نويابىر تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى 27-نويابىر سائەت نۆلدە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىدى.

   مەملىكەتلىك ئارام كۈنلىرى ئىشخانىسى 27-نويابىر ئېلان قىلغان لايىھەدە دېيىلىشىچە، ‹‹مەملىكەتلىك يىللىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى›› گە ئاساسەن، ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-ئارام كۈنلىرىنىڭ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرۈشلىرىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ خىل تەڭشەپ دەم ئېلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاشكارا پىكىر ئېلىش باشلانغان.

   بۇ ئۈچ خىل لايىھە ئىچىدىكى بىرىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، تەڭشەلمەيدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، تەڭشەلمەيدۇ، پەقەت بايرام كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

   ئىككىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ بەش كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرام كۈنى چارشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا تەڭشەلمەيدۇ، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ؛ سەيشەنبە، پەيشەنبىلەرگە توغرا كەلسە، يانداش شەنبە، يەكشەنبىلەرگە تەڭشىلىپ ئۈچ كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

   ئۈچىنچى يۈرۈش لايىھەدە، چاغاندا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يانداش شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنى تەڭشەپ يەتتە كۈنلۈك ئۇزاق دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلى 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ، يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرام كۈنى چارشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا تەڭشەلمەيدۇ، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىنىدۇ؛ سەيشەنبە، پەيشەنبىلەرگە توغرا كەلسە، يانداش شەنبە، يەكشەنبىلەرگە تەڭشىلىپ ئۈچ كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا دۈشەنبە كۈنى تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار