خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-29 20:55


 
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ خۇا باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي يېڭى شەھەر رايونىغا بېرىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئورۇن تاللاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەمدە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئورۇن تاللاش، چېقىپ كۆچۈرۈش، ھەقنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلانغان بولۇپ، مەكتەپ پىلانى، پەن-كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، قەشقەرگە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى قاتارلىق خىزمەتلەرمۇ ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان ھەمدە ئالاقىدار قۇرۇلۇش مۇددىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاللانغان ئورۇن قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شەرقىي شەھەر پۇل مۇئامىلە، سودا رايونىغا قوشنا بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئىككى مىڭ مو كېلىدىكەن. كەلگۈسىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەرەققىيات رايونى مائارىپ، پەن-تەتقىقات، كەسىپ ئورتاق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئىختىساسلىقلار زاپاس بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.


 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار