خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بېرىشنى ۋە يۈز نومۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-08-23 22:44

 
مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بېرىشنى ۋە يۈز نومۇر تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىدى

 22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىشىش توغرىسىدىكى 10 ماددىلىق بەلگىلىمە» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەسلىھەت ۋە پىكىر ئېلىنىدۇ. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»نىڭ تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن.

   «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»دە جايلار ئۆز ئەتراپىدىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىشنى قاتتىق يولغا قويۇش؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق كىنىشكا ۋە ئىمتىھان دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى ئاساس قىلماسلىق؛ ناھىيە، رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەربىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، دائىرىسى، تەرتىپى، ۋاقتى ۋە نەتىجىسىنى تور بېكىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، بىرلىككە كەلگەن توردا تىزىملىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پائال يولغا قويۇش؛ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپلارنى تەڭكەش ۋە ئىختىيارىي ئايرىش؛ ھەرقانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپ، ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىشنى قەتئىي چەكلەش؛ سىنىپقا ئايرىغاندا ئاتا-ئانىلار، مەھەللە ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»دە تاپشۇرۇق بېرىشكە قاتتىق تەلەپ قويۇلدى: باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچە تاپشۇرۇق بەرمەسلىك كېرەك. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جايلار ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزېي، كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق جەمئىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى قۇربىتى يېتىدىغان جىسمانىي ئەمگەك، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكلىرىگە تەشكىللىشى لازىم. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، دەرىسلىك ئۆلچىمى بويىچە «نۆلدىن باشلاپ» دەرس ئۆتۈش لازىم، يۇقىرى ئوقۇش تەلىپى قويۇشقا، دەرس سۈرئىتى تېزلىتىشكە بولمايدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار