‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سىنىپى››بىكار قىلىنىشى كېرەك
ماگىستىرلىق ئىمتىھانى رىقابىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تاراتقۇلار يېقىندا ئالاقىدار كونسۇلتاتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تالىشىپ، بەس – بەستە ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش››، ‹‹ئىمتىھان نومۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش››، ‹‹قوبۇل قىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش››... قاتارلىق ‹‹كاپالەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سىنىپى›› نىڭ ئوقۇش ھەققى 30 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئوقۇتقۇچى كۈچى يېتەرلىك، كاپالەت كېلىشىمى باردەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە توختامنى چۈشەندۈرۈشتە مۈجمەللىك بولۇش، تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىش، كېلىشىمدە يوچۇق بولۇش، داڭلىق مەكتەپلەرنى ‹‹كوزىر قىلىش››تىن ئىبارەت تۆت چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت ئىكەن.
زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىكى سىر يېشىلدى. ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سىنىپى››نىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەسپىي تەربىيە كۆرمىگەن، ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن، ‹‹كېلىشىم بويىچە ئوقۇش ھەققىنى قايتۇرۇش››نىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى تەس بولۇپ، كېلىشىمدە نۇرغۇن يوچۇق مەۋجۇت ئىكەن.
ھەقىقىي كەسپىي ساپا ۋە كەسپىي ئەخلاققا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق كونسۇلتاتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇلىنى ئالمايدۇ. ئىلمىي ئىمتىھاننى پۇرسەتپەرەسلىك يولى بىلەن ‹‹ھەرىكەتلەندۈرۈش››، زور پايدىغا ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئوقۇغۇچىلارنى خاتا يېتەكلىگەنلىك ھەم ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق. ھېچنېمىگە قارىماي ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سىنىپى›› ئېچىۋاتقان كونسۇلتاتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئويغىنىدىغان ۋە ئويلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى.
‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان›› سىنىپلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە بازار تاپىدۇ؟ بۇ جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان ‹‹ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش نەزەرىيەسى›› قىممەت قارىشى ۋە تەييارتاپلىق، يەڭگىللىك كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ‹‹200 مىڭ يۈەن بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا، 180 مىڭ يۈەن بىلەن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز›› دېگەندەك ‹‹داڭلىق مەكتەپ››، ‹‹يۇقىرى باھا›› لىق ‹‹ساختا كوزىر›› ئېلانلىرى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل خەجلەپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشتەك ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغان. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇش تارىخى ۋە داڭلىق مەكتەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشتا، ئىقتىدار ۋە پىسخىك ھالەتكە تايىنىش ئەڭ مۇھىم. بۇنىڭغا تېز ئۈنۈم قوغلىشىدىغان ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش›› ئاپپاراتلىرىدا ھەرگىزمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
بۇ كونسۇلتاتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خاتا يېتەكلەش ۋە ئالداش قىلمىشىنى قانداق قىلىپ توسۇش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ زور پايدا ئېلىش، ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان تىجارىتىنىڭ بىر مەھەل ئەدەپ كېتىشىنى ئىمتىھان مەركىزى قاتارلىق نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، بازار ۋە مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن يوچۇق بار كېلىشىملىرى پۇت تىرەپ تۇرۇش بوشلۇقىغا ئىگە بولالىغان. ماگىستىرلىق ئىمتىھانى دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتىكى مۇھىم مېخانىزمى، ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، سىياسەت ۋە قانۇننىڭ قاتتىق چەكلىمىسى بولغاندىلا، ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش سىنىپى›› مېخانىزمىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزۇپ، ماگىستىرلىققا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر، ئادىل، ئىدراكىي، ھەقىقىي رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.