مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىش نامرات ئوقۇغۇچىلارغا پايدىسىز»لىقىنى ئىنكار قىلدى
مائارىپ ساھەسىدىكى قىسمەن زاتلار «ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىش تۈزۈمى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاسپىرانتلار ئېرىشىدىغان ماددىي ياردەم ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئۇلار تۆلەشكە تېگىشلىك ئوقۇش پۇلىدىن كۆپ بولىدۇ، ياردەم سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالماسلىقى تۈزۈم جەھەتتىن تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
بۇ يىل 28-فېۋرال، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنسىتىرلىقى «ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان. «پىكىر»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، يېڭى ھەق ئېلىش تۈزۈمى 2014-يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن «يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تۈزۈم، كونا ئوقۇغۇچىلارغا كونا تۈزۈم بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ».