خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-09-08 23:37

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىپ

باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى
 

مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىدا 28–ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ مەكتەپ باشقۇرۇش مىزانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەجرىبە سىنىپى، ئالاھىدە سىنىپ، ھەۋەسكارلار سىنىپى، دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەش سىنىپى قاتارلىق ناملار بىلەن ھەق ئېلىش، ئىقتىسادىي ياردەم، ئوقۇش ياردەم پۇلى، يەسلى باشقۇرۇش ھەققى، مائارىپ تەننەرخى تۆلەم پۇلى قاتارلىق ناملار بىلەن پۇل يىغىش ۋە ئاتا–ئانىلارنى دەرسلىك، ئوقۇشلۇق ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى توسۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەر توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى ئىمتىھان، تەكشۈرۈش، سىناق بىلەن تاللاشقا بولمايدۇ، مەكتەپ بىلەن چېتىشلىقى بار ھەر قانداق تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىش، ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسى قاتارلىق پەنلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چېتىلىدىغان ھەر قانداق ئىقتىسادىي ياردەمنى ھەر قانداق نامدا قوبۇل قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش قىلمىشلىرىنى تۈزەش، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى قەستەن تولۇق سۆزلىمەي، دەرستىن كېيىن ھەقلىق تولۇقلاش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار