خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-08-10 22:55

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش

كارتىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ


مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسىنى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا، كارتا تارقاتقاندا رەسمىيەت ھەققى ئالماسلىق، ئۈچ يىل ئىچىدە يىللىق رەسمىيەت ھەققى ۋە ئاز سوممىلىق ھېسابات باشقۇرۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسى 2012–يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ تارقىتىلىدىكەن.

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچى، كارتا بېجىرىشتە بىر كىشىگە بىر كارتا بېجىرىش، مەركەزلىك ئىلتىماس قىلىش، كارتىنى كارتا ئىگىسى ئۆزى قوزغىتىش، راست ئىسىم–فامىلە قوللىنىپ، ساختا كارتا بېجىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن. ئىككىنچى، كارتا تارقاتقان بانكىدىن ئۇچۇرنى ئىنكاس قىلىش، ئستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش، ئالماشتۇرۇلۇش، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەسئۇل ئورۇنلارغا ۋاقتىدا يوللاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ جايلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ئەھۋالى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۈچىنچى، قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ۋە ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا دائىر ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلىدىكەن ھەم ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، بېسىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.


بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار