خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

917مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بو

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2012-02-28 16:15

 

ئاپتونوم رايونىمىزدا«يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى» يولغا قويۇلدى

 

917مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

 

 

ئاپتونوم رايون 26 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

بۇلتۇر ئۆكتەبىردە، دۆلەت يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەركەز مالىيەسىدىن ھەر يىلى 16 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئۈچ يۈەندىن ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پۇلى بەرگەن. بۇ پىلان ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 503 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇدىكى 24 ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 840 مىڭ ئوقۇغۇچىغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە 46 مىليون 308 مىڭ 600 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، چىڭگىل، جېمىنەي، چاپچال قاتارلىق يەتتە ناھىيەدىكى 77مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى ياخشىلاش پىلانىغا كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ %53.32ى بۇ پىلاندىن بەھرىمەن قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىندا مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى؛ سىياسەتنى يېتەكچى قىلىشىتا، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشتا، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى؛ ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئىلى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار