3300 ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنئ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە
ھەقسىز ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەردە ھەقسىز تېخنىكا ئۆگىتىشكە ئەۋەتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولىدىكەن. ھەمدە باشقا رايونلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئېتىبار بېرىلىدىكەن. جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىق ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە قاراپ، ئۈچتىن ئىككىنى تاللايدىكەن.
نۆۋەتتە، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ ئاچقان ئىچكىرى ئۆلكىلەر تيەنجىن، شاڭخەي، لياۋنىن، شەندۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭ، جياڭشى، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سىنىپلارنى ئاچقان مەكتەپلەر بىردەك دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش شەرتىنى ھازىرلىغان، تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا جىددىي كېرەكلىك ئىختىساسلىقلار ساھەسىدىكى كەسىپلەر.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان 3300 شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى توققۇز ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 31 دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپكە كىرىپ ئۈچ يىللىق ئوقۇشنى باشلىغان.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]