ئەتىيازدا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدۇ
دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار نازارەت، باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئەتىيازدا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
مەخسۇس تەكشۈرۈشتە مەكتەپ ئاشخانىلىرى بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشخانىلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى%10 دىن تۆۋەن بولمايدۇ، مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، يېمەك ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازىتى، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى باشقۇرۇش، مۇھىت تازىلىقى، پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتى، خام ماتېرىيال ساقلاش، گۇۋاھنامە، تالون ئېلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، سۇ تازىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى، جەمئىيەتتىكى نازارەتچىلەر قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى بارلار چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، تولۇق تۈزەتمىگەنلەر قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]