ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى
مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ
2012 – يىللىق يىڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى سۈپىتىدە ‹‹دۆلەت مەكتەپ فورمىسى سۈپەت ئۆلچىمى›› ئاساس قىلىنىدۇ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، شارائىتى بار مەكتەپلەر بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىشنى يولغا قويسا بولىدىكەن. جايلاردىكى مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ پەسىل ئالاھىدىلىكى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدىكەن، بىرلىككە كەلگەن فورما ھەققىنى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدىكەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بېرىدىغان تولۇقلىما سوممىسى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن فورما كىيىش – كىيمەسلىك ئەھۋالىنى مائارىپ نازارىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن.
ئاپتونوم رايون جايلاردىن مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى، باھاسىنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى، چىرىكلىكتىن قەتئىي ساقلىنىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]