• anatil
  • tilim
  • ishsizliq
  • ustazim
  • 1-iyun xeir
  • keqkuz
  • maqal6
  • tamam

ئىككى شېئىر(2)

مۇقام

ئۆزقان

 

 قەلبىم تۇپرىقىغا تېرىلغان ئۇرۇق،

گىياھ تۆت پەسىلدە چېچەكلەپ تۇرغان.

  شىرىن مېۋىدۇركى يېتىلگەن بولۇق،

 مەسۇم ئەقىدىگە قىلغان ئارمىغان.

 

قەدىم ئورمانزارنىڭ مۇڭلۇق تىۋىشى،

قۇياش ــ كەلگۈسىچۈن كۆيۈشكە تەييار.

زېمىن يۈرىكىدۇر، شائىر دىلكىشى،

دېھقان روھىناتىغا بولغان مەپتۇنكار.

ئابدۇللا ساۋۇت ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرى

 
ئىزدىسەڭ شەھرىڭدە ھەر بىر رەستىدىن ئىزدە مېنى،
ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەن قەلەندەر كەسپىدىن ئىزدە مېنى.
بىلمىدىم، ئىشقىڭنى كىم قەلبىمگە سالدى قايسى چاغ،
ياق، ئۆزۈڭنىڭ بىر چىرايلىق قەستىدىن ئىزدە مېنى.
ئوت بولۇپ كۆيمەك، كېيىن ئۆچمەك مېنىڭ ھەددىم ئەمەس،
«ھەق» دېگەن دىۋانە – ئاشىق نەسلىدىن ئىزدە مېنى.
كەتمىدىم، كۈندۈز – كېچە ئىتتەك بوسۇغاڭدىن يىراق،
مەيلى قىش، ياز، ئەتىياز، كۈز پەسلىدىن ئىزدە مېنى.
ھالىتىم مىسلى قويۇندۇر پىرقىرايمەن توختىماي،
لەيلىگە كۆيگەن جۇنۇن-سەرگەشتىدىن ئىزدە مېنى.
ھەر كوچا، ھەربىر ئىمارەت، ھەر گىياھ دىلكەش ماڭا،
سىرلىرىم سىڭگەن چىمەننىڭ بەستىدىن ئىزدە مېنى.
ئىككى دەريا قىلدى ھاسىل ياش تۆكۈپ ئىككى كۆزۈم،
ھەم تۈمەن، ھەمدە قىزىلنىڭ ئەسلىدىن ئىزدە مېنى.

قۇش شەھىرى

ئۆزقان

 

بۇ يەردە ھېسلىرىڭ بوغۇلماس ئەركەم،

مېھىرنىڭ ئاپتىپى يېيىلغان تەكشى.

چېچچەكلەر لېۋىدىن تۆكۈلسە زەم-زەم،

ئۇرۇلار يۈرەككە سۆيگۈ تىۋىشى.

بىلىپ قويۇڭ

تۇزنىڭ مۇنداقمۇ رولى بار:

1. ئاياغ ئىچىگە ئازراق تۇز چېچىپ قويسا، پۇتتىكى تەرنى قۇرىتىدۇ ھەم سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.

2. سوغۇق سۇغا تۇز سېلىپ ئۆيگە قويۇپ قويسا، ئۆيدىكى سىرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. كىىيىم يۇيغاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە، كىيىمنى پاكىز ھەم يېڭى قىلىدۇ.

4. ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئۇنى پۇختا ھەم كۆركەم قىلىدۇ.

5. يۇندا چۈشۈرگۈچكە تۇزلۇق سۇ قۇيۇپ قويسا، ئۇنىڭدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ، پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

6. مېتال قاچا – قۇچىلارنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرسا، دات باسمايدۇ.

7. بېلىق باققان سۇغا ئازراق قۇيۇپ قويسا، بېلىقلار تېخىمۇ جانلىق ۋە ساغلام بولىدۇ.

8. چاقچۇق ياكى ئەينەك بۇيۇملارنى تۇز سۈيىدە قاينىتىۋەتسە، ئاسان چېقىلىپ كەتمەيدۇ.

قىيا تاش

ئۆزقان

يازغىن شورلۇق تەزكىرەڭنى ئۆكسۈپ قىيا تاش،

يازغىن، ئۆكسۈپ قان تامچىغان ئۇپۇق ئۈچۈن ھەم.

تونۇش دەريا نالىسىگە مۈمكىنمۇ چىداش،

ئاپئاق بۇژغۇن قەھرى ئۈچۈن يازغىن ئاشۇ دەم.

ياق، يازمىغىن، بېرەلمەيمەن ئۇنىڭغا بەرداش،

تەنھا ناخشام ـ دىل سىرىمنى بىلگەندە ئالەم.

ئون نادىر بىلوگ

«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە

 دەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار!
بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش–پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بىلوگگىرلار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھەلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بىلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بىلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بىلوگ بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بىلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بىلوگى 2008–يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئىككى شېئىر

مۇھەممەدجان راشىدىن

بىر كۈنى

 

بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىر كۈنى،

ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.

 

خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،

ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

 

گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،

ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.

تەبەسسۇم

ئۆزقان

تەبەسسۇم گوياكى تاڭدىكى چېچەك،

تەبەسسۇم چىراينى دائىم كۆرەيمەن.

تەبەسسۇم دىللارغا ئاققان نۇر دېمەك،

ئۇ بىرلە ھاياتلىق پەيزىن سۈرەيمەن.

تەبەسسۇم بەردىڭ سەن ـ بەردىڭ بىر يۈرەك،

سەن بىلەن كۆرۈمنى بىللە كۆرەيمەن،

تەبەسسۇم يوقالسا شۇئان ئۆلەي مەن.

چوڭ قىلتېرىق ۋە كىچىك قىلتېرىق

ليۇ يوڭ

       بېلىق يېگەندە كىچىك قىلتېرىقنى ئايرىش چوڭ قىلتېرىقنى ئايرىشتىن قىيىن. چۈنكى، چوڭ قىلتېرىقنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ، كىچىك قىلتېرىق خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن بايقىلىدۇ.

     ئادەم بولۇشنىڭ يولىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. چوڭ خاتالىققا قارىغاندا كىچىك يېتەرسىزلىكنى ئۆزگەرتمەك تەس. چۈنكى چوڭ خاتالىق كۆزگە ئاسان چېلىقىدۇ، كىچىك يېتەرسىزلىكنى ئالاھىدە دىققەت قىلغاندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ.