سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «قىش01،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

سەھرادىكى قىش كېچىسى

يېتىلمەكتە بىر قەدىم ئاھاڭ،

سوزۇلماقتا ئۇپۇققا يوللار.

تۆكۈلمەكتە كۆكتىن قار گۈلى،

چۈش قوينىدا ياتار دالىلار.


لەۋلىرىدۇر قىشنىڭ ياپراقلار،

ھوردالماقتا كېچە قوينىدا.

توزىماقتا ئاپئاق نۇر بولۇپ،

سۈكۈتلەرگە چىلانغان سەھرا.