سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «ئەزىمەت،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ئىشچان ئەزىمەت

ئۆزقان

باشاق تېرەر بىر بالا،

قولىدا سېۋەت.

خامىنىغا تۆكتى لىقلاپ،

ئۇنى نەچچە رەت.

 

پىشانىدىن كۈمۈش تەرلەر

ئاقار چىپىلداپ.

دەيدۇ قۇياش:«ئىشچان بالا»،

ئۇنىڭغا قاراپ.