سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «رەڭگارەڭ مارجانلار» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ئىبرەتلىك ماقال – تەمسىللەر(6)

ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.

ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.

 ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنىڭنى يارار.

باش بۇزۇلسا تاز بولۇر، پاختا بۇزۇلسا ماز(بولۇر).

بەگ يالاقچىغا ئامراق، ئىت شاتراقچىغا.

بىلگىنى راۋاب چالسۇن، بىلمىگىنى چاۋاك.

پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۆشۈكتىن.

توخۇ قونداققا چىققاندا ھەممىنى ئۇنتار.

توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.

جاھاننى بۇزغان چېقىمچى، كېلىننى بۇزغان بېقىمچى.

چىغىرىقچى چىگىت دەيدۇ، چوكانلار يىگىت.

خوتۇنغا ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(5)

سۈتسىز ئېنەك تولا مۆرەيدۇ.

ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.

چاشقاننىڭ ئېشىدا مۈشۈك مېھمان بوپتۇ.

قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.

شاتىراق لايغا تاش ئاتما، گىرى قىزغا قاش.

ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ.

رودىپاي ئەمەل تۇتسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتار.

تولا قاقاخلىغان توخۇ تۇخۇمىنى ئوغرىغا بېرىپتۇ.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(4)

قەلەمنىڭ ئىشىنى قىلىچ قىلالماس.

ئوغرى يولدا قويار،قاراقچى چۆلدە.

دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا،كىچىسى پايلا.
ئوغىرلاپ كەلگەن ناغرىنى چالغىلى بولماس.
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كىيىنمۇ بىلىنەر.
بىرىپ يامان بولغۇچە،بەرمەي يامان بول.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ ،شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
ئاتا كەسپىنى تاشلىغان،پىشانىسىنى قاشلىغان.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(3)

▲ساڭا ئالتۇن ساپلىقىڭ ياخشى،

ماڭا نوگاي-قاپىقىم ياخشى.

▲قولى ئوچۇق ئاچ قالماس،

يولى ئوچۇق كەچ قالماس.

▲قۇرۇق ئوتۇننىڭ تۈتۈنى ئاز.

▲كېچىنىڭ ئايدىڭىدىن كۈندۈزنىڭ سايىسى خوپ.

▲مۇلايىملىقتىن بەخت كېلەر،

مەردانىلىقتىن تەخت كېلەر.

▲ئېرىقنىڭ سۈيىنى بۇلغىما، كۆلۈڭگە كىرەر.

ئىبرەتلىك ماقال–تەمسىللەر(2)

ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ، ئادەمنى تەربىيە .
كىچىك دېمەڭ بالىنى، ئەقىل تاپار ھامىنى .
سودىگەرنىڭ يۈزى يوق، خېرىدارنىڭ كۆزى يوق.
ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل ، قىزىڭنى نۇمۇسچان.
چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر .
قېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا .
ھەر كىم ئۆز ئەيبىنى بىلمەس .

پۇل ھەققىدە ئەقلىيەلەر


تەر تۆكۈپ تاپقان پۇل سىزنى ساغلام قىلىدۇ.

تىجەپ يىغقان پۇل كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئامانەت قويغان پۇل سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.

مەبلەغ سالغان پۇل ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ.

ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سىزنى دەككە–دۈككىگە سالىدۇ.

خىيانەت قىلغان پۇل روھىڭىزنى چىرىتىدۇ.

ئوغۇرلىغان پۇل يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈرىدۇ.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(1)


ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.

ئەل ياندۇرغان شامنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.

مولۇننىڭ توخۇغا سالام بېرىشى ياخشى نىيەتتىن ئەمەس.

ئىتمۇ كەمبەغەلگە قاراپ قاۋايدۇ.

قازانغا قۇيغان ماي تۆت سەر، پۇرايدىغان ئەرۋاھ سەكسەن ئالتە.

يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ.

چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.