سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۇنىۋېرسال» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بىلىپ قويۇڭ

تۇزنىڭ مۇنداقمۇ رولى بار:

1. ئاياغ ئىچىگە ئازراق تۇز چېچىپ قويسا، پۇتتىكى تەرنى قۇرىتىدۇ ھەم سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.

2. سوغۇق سۇغا تۇز سېلىپ ئۆيگە قويۇپ قويسا، ئۆيدىكى سىرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. كىىيىم يۇيغاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە، كىيىمنى پاكىز ھەم يېڭى قىلىدۇ.

4. ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئۇنى پۇختا ھەم كۆركەم قىلىدۇ.

5. يۇندا چۈشۈرگۈچكە تۇزلۇق سۇ قۇيۇپ قويسا، ئۇنىڭدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ، پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

6. مېتال قاچا – قۇچىلارنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرسا، دات باسمايدۇ.

7. بېلىق باققان سۇغا ئازراق قۇيۇپ قويسا، بېلىقلار تېخىمۇ جانلىق ۋە ساغلام بولىدۇ.

8. چاقچۇق ياكى ئەينەك بۇيۇملارنى تۇز سۈيىدە قاينىتىۋەتسە، ئاسان چېقىلىپ كەتمەيدۇ.

ئون نادىر بىلوگ

«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە

 دەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار!
بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش–پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بىلوگگىرلار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھەلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بىلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بىلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بىلوگ بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بىلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بىلوگى 2008–يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

بىز بار چۆچەكلەر

ئۆزقان

 

جىمىرلىشار كۆكتە يۇلتۇز،

چۆچىكى ئۇ مومامنىڭ.

زىلال سۇدا ئۈزەر قۇندۇز،

چۆچىكى ئۇ بوۋامنىڭ.

 

يۇلتۇز ماڭا كۆز قىسىدۇ،

قۇندۇز ماڭا تىكىلەر.

ئېھ، مەنمۇ بار شۇ چۆچەكتە،

قولىن تۇتۇپ ئۇكامنىڭ.