سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كۈتەرمەن،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

كۈتەرمەن

ئۆزقان

كۈي سېھرىگە چۆمگەن شۇ ئاخشام،

دېرىزەڭنى چەككەنتى ناخشام.

پەنجىرەڭدىن مۇڭلىنىپ باقسام،

چىقمىدىڭ سەن، سېنى كۈتەرمەن.

 

تاپالمىدىڭ ياكى بىر ئىمكان،

ياكى قىلدىڭ مېنى ئىمتىھان؛

بىلسەڭ جېنىم، پىدا ساڭا جان،

سېنى ئويلاپ، سېنى كۈتەرمەن.