سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «سەھرادا،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

سەھرادا قىش

قار گۈللىرى يۇيۇنار تىمتاس،

سەھرادىكى سۈزۈك روھ ئارا.

تۈن تېنىدىن تارار ئىللىق نۇر،

نۇر قوينىدا بۇ ئانا سەھرا.

 

چۈشەپ چىقار مېھىرلىك ئۆيلەر،

كېلەچەكتەك يارقىن بىر چۈشنى.

تېرىپ ئالار قۇشلار ئاۋايلاپ،

قار گۈلىدە قاتقان تىۋىشنى.