
(مەشھۇر خەلق شائىرى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئۆزقان
ئون دېگەن بۇ سان بەزىبىر ئىش-ئەمەللەرگە كۆرە ئېيتىلسا ھېچقانچە ئۇزۇن ۋاقىت تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىنسان ئۆمرىگە نىسبەتەن بۇ، ئەلۋەتتە، ئاز سان ئەمەس! بىز بۇ ساننى ئىنسان ئۆمرىگە مۇساپە قىلىپ تاللىغىنىمىزدا ئۇنى «يىل» دېگەن تەبىرلىگۈچىسى بىلەن ئەمەس، ئاۋال ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئىككى ئايغا، ئاندىن ئۇمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇز كۈنگە، ئاندىن شۇ كۈن ئۆز ئىچىگە ئالغان 24سائەتكە، ئاخىرىدا بىر سائەتنى 60مىنۇت دەيدىغان ئۆلچىمىمىز بويىچە 60 قا كۆپەيتىپ كۆرىدىغان بولساق، ئەييۇھەنناس! يەتتە خانىلىق بىر سان، يەنى 5184000دېگەن سان چىقىدۇ. دېمەك بۇ 5مىليون 184مىڭ مىنۇت دېگەنلىك. ئەمدى بۇ ئاز سان ئەمەس، بولۇپمۇ ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.
خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، قەلب يارىسىغا مەلھەم بولىدىغان ئېسىل شېئىرلىرى ۋە چىن ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن خەلقنىڭ قەلب تۆرىگە يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن ھۆرمەتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت(مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مانا مۇشۇنداق ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زېمىننىڭ ھەر بىر گىياھلىرىغىچە سىردىشىپ چىقىدىغان چىقىشقاق كىشى ئىدى.
ئەڭ يېڭى باھالار