مەرھۇم روزى سايىتنى ئەسلەيمىز

 

 (مەشھۇر خەلق شائىرى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

ئۆزقان

     ئون دېگەن بۇ سان بەزىبىر  ئىش-ئەمەللەرگە كۆرە ئېيتىلسا ھېچقانچە ئۇزۇن ۋاقىت تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىنسان ئۆمرىگە نىسبەتەن بۇ، ئەلۋەتتە، ئاز سان ئەمەس! بىز بۇ ساننى ئىنسان ئۆمرىگە مۇساپە قىلىپ تاللىغىنىمىزدا ئۇنى «يىل» دېگەن تەبىرلىگۈچىسى بىلەن ئەمەس، ئاۋال ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئىككى ئايغا، ئاندىن ئۇمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇز كۈنگە، ئاندىن شۇ كۈن ئۆز ئىچىگە ئالغان 24سائەتكە، ئاخىرىدا بىر سائەتنى 60مىنۇت دەيدىغان ئۆلچىمىمىز بويىچە 60 قا كۆپەيتىپ كۆرىدىغان بولساق، ئەييۇھەنناس! يەتتە خانىلىق بىر سان، يەنى 5184000دېگەن سان چىقىدۇ. دېمەك بۇ 5مىليون 184مىڭ مىنۇت دېگەنلىك. ئەمدى بۇ ئاز سان ئەمەس، بولۇپمۇ ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن  تېخىمۇ شۇنداق.

    خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، قەلب يارىسىغا مەلھەم بولىدىغان ئېسىل شېئىرلىرى ۋە چىن ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن خەلقنىڭ قەلب تۆرىگە يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن ھۆرمەتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت(مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى  بولسۇن!)  مانا مۇشۇنداق ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زېمىننىڭ ھەر بىر گىياھلىرىغىچە سىردىشىپ چىقىدىغان چىقىشقاق كىشى ئىدى.

    مانا، ئۇنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە ھەش-پەش دېگۈچە ئون يىل بولاي دېدى. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «دېھقان دادام» كەبى ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىزگە شائىرنىڭ قەلبلەردە مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇراتتى. بىز ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيتتۇق، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە خاس ئۇسۇلىمىز، ئۆزگىچە ئەسلىمىلىرىمىز ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن سىردىشاتتۇق…

    مەن ئاشۇنداق خاس ئەسلىمىلەر ئىچىدە بۇنىڭدىن 20يىل مۇقەددەم ئۇنىڭ بىلەن ئۇستاز شاگىرتلارچە، سەل تارتىنىش- قورۇنۇشلار تۈگىگەندىن كېيىن بولسا ئاكا-ئىنىلەرچە ساپ ھېسسىياتىمىز بىلەن شېئىرىيەت، ئادىمىيلىك، ياشلىقنى قەدىرلەش… قاتارلىق تېمىلاردا ھوزۇرلۇق سۆھبەتلەرنى قۇرۇپ ئولتۇرغىنىمىزنى، ئۇنىڭ يۈرىكىدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان جۇشقۇن پىكىرلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەردىكى تىڭشارمەنلىرى بولغىنىمىزدىن شەرەپلەر ھېس قىلىپ، شېئىرىيەتكە بولغان ئىشتىياقىمىز ھەسسىلەپ ئاشقان ئاشۇ دەقىقىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن…

     تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى بوغۇن چاغلىرىمىزدىلا  تۇتاشقان شېئىر ئىشقى بىلەن قولىمىزغا چۈشكەنلىكى كىتابلاردىن شېئىر ئاقتۇرۇپ، كۆڭلىمىزگە ياققان شېئىر-قوشاقلارنى خاتىرىلىرىمىزگە كۆچۈرۈپ، يادقا ئېلىپ ۋە شۇ نۇرلۇق ئىزلارنى بويلاپ ئۆزىمىزچە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى مىسرالارغا يۈكلەپ يۈرگەن،  شائىرنىڭ تىلى يەڭگىل، ئوبرازچانلىقى كۈچلۈك، تېرەن پىكىرلىك شېئىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ غايىۋىي ئۇستازى بىلىپ، قەلب ئېتىزىمىزىدىن ھۆرمەت گۈلدەستىلىرىنى تىزىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇنى ئۆستۈرگەن ئاشۇ ئەزىز تۇپراقتا ئۇنىڭ  بىلەن بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىر ئاسماننىڭ ھاۋاسىدىن ئورتاق نەپەس ئېلىپ ئېلىپ، بىر زىمىننىڭ نېنىنى تەڭ يەپ ئۈچ يىل بىرگە ياشايدىغانلىقىمىزنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدۇق. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى  مەن  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن شائىر ياشىغان ئاشۇ زېمىندا شائىر بىلەن بىرگە ياشاش پۇرسىتىگە تەڭلا ئېرىشكەنىدىم.

     مەن ئوقۇشقا كەلگەن بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتېتىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات پاكولتېتلىرى ئىچىدە خېلى يامان ئەمەس تەسىرگە ئىگە ئەدەبىيات پاكولىتېتلىرىنىڭ بىر دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. مەكتەپنىڭ ئەدەبىي مۇھىتمۇ خېلىلا قويۇق ئىدى. شۇ چاغلاردا مەكتەپتە بىر ئىلمىي ژۇرنال قەرەللىك نەشىر قىلىغاندىن تاشقىرى بىر مەكتەپ گېزىتىمۇ ئۆز قەرەلىدە مەكتەپ باسمىخانىسىدا مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقاتتى. ئىلمىي ژۇرنال ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلارغا كۆرۈنەرلىك ئورۇن بەرسە، ئۆز نۆۋىتىدە مەكتەپ گېزىتىمۇ ھەر ساندا دېگۈدەك مەخسۇس ئەدەبىي بەت تەسىس قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇراتتى.

     بۇ مەكتەپتە يەنە شىنجاڭدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە يازغۇچى-شائىرلار، دىراماتورگلار، ئەدەبىيات تاتقىقاتچىلىرى، ئوبزورچىلاردىن مەرھۇم ئىمىن راشىدىن، مەرھۇم مامۇت زايىت، ئابدۇللا سۇلايمان، نۇرىمۇھەممەت توختى، شىرىپجان قاسىم، مۇختار سۈپۈرگى، ئابدۇرېھىم زۇنۇن، ئەركىن داۋۇت ئوغۇز،مۇھەممەت بارات تەشنائىي، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلھەمىد سەمەد  قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلاتتى. جۈرئەت نۇرۇللا، ۋارىسجان تۇردى، ئادىل ئابدۇرېھىم، شاھىپ ئابدۇسالام(نۇربەگ)، تۇرسۇن ھامۇت ئۈمىدى، سادىقجان قۇربان، ئەخمەتجان تۇرۇپ(بەگتۈرۈك)، تۇخان بارات، دۆلەت قۇربان، ئىبراھىم ئەمەت، قەدرىدىن(چوڭ) قاتارلىق بىزدىن بىر قارار يۇقۇرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلار  ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنى ئۈزمەي ئېلان قىلىپ تۇراتتى.

     بىز مۇشۇ قارار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بىر سىنىپ ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى بۇ مەكتەپنىڭ ئاشۇ قايناق ئەدەبىي مۇھىتىغا ھېچقانچە قورۇنمايلا سىڭىشىپ كەتتۇق. ئۇستازلارنىڭ، بىزدىن بىر قەدەم ئالىدىدا كېتىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ يېتەكلىشى، يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمىزنىڭ تۈرتكىسىدىكى جاپادىن قورقىماي ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان تىرىشچانلىقلىرىمىز، پاكولتېتنىڭ«يورۇڭقاش دولقۇنلىرى» ئەدەبي ئىجادىيەت گېزىتىنى تەسىس قىلىپ، بىزنىڭ ئەمدىلا بىخ سۈرۈپ مېۋە بېرىۋاتقان ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، تۈرلۈك ئەدەبيات-سەنئەت مۇسابىقىلىرى، ئىجادىيەت كۆرەكلىرىنى تەشكىللەپ ئىجادىيەتتىكى ئاكتىپچانلىقىمىزنى ئۇرغۇتىشى، «ئۈمىد چېچەكلىرى»گە ئوخشاش مەجمۇئەلەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئىجادىيەت مېۋىلىرمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىشى نەتىجىسىدە بىزمۇ ئاستا-ئاستا مەكتەپ دائىرىسىدىن چىقىپ، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئەسەرلىرىمىزنى ئېلان قىلىدىغان سەۋىيىگە يەتتۇق. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ھازىر بىزگە «تىلغا ئېلىشقا ئانچە ئەرزىپمۇ كەتمىگۈدەك» ئاشۇ نەتىجىلىرىمىز بىزنى ھاياجاندىن كېچىلىرى كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويغانىدى. شۇ چاغدا سىنىپىمىزدىن ئەدەبي ئىجادىيەتكە سۇنماس ئىرادە بىلەن كىرىشىپ، كەلگۈسىنىڭ ئىجتىھاتلىق شائىر-يازغۇچىلىرىدىن بولۇشقا بەل باغلىغانلاردىن  م س.ئىبراھىم، مەن(كەمىنە ئۆزقان)، قەدىردىن قادىر، ھۈسەنجان مامۇت، ئەسقەر ئازات، ئابىدە تۇرسۇن، كۈرەش كېرىمبېك(قىرغىز) قاتارلىق ساۋاقداشلار  پاكولتېتتىلا ئەمەس، مەكتەپ بويىچىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان، بەزىلىرىمىز ھەتتا ۋىلايەت تەۋەسىدىمۇ  كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغانىدۇق.

      دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاكولىتېت ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇيۇشمىمىزنىڭ قەرەللىك يىغىلىشىغا ئەل سۆيگەن شائىر روزى سايتنىڭ تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تاقالدى. شۇ مەزگىللەردە پاكولتېتىمىزنىڭ يۇقۇرى يىللىقىدا شائىرنىڭ قىزى(ئىسمى غۇنچەمغۇ دەيمەن) ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇمۇ ئىجادىيەت ئۇيۇشمىمىز تەركىۋىدە ئىدى. يىغىلىشىمىز چۈشتىن كېيىن بولۇپ، شائىرنى قىزى بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بوپتۇ. مەن شائىرنى شۇ كەمگىچە تېلىۋىزورلاردىكى بىر قىسىم مەخسۇس پروگراممىلاردا كۆرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ بىلەن تېخى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، دىدارى مۇلاقەتتە بولۇپ باقمىغانىدىم،  مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن تېزراق كۆرۈشۈش ئىستىكى تېىخمۇ يېلىنجىماقتا ئىدى. كۈتكەن مىنۇتلار ئاخىرى يېتىپ كەلدى: بىز پاكولتېتىت كىچىك يىغىن زالىدا( بۇ يەر قوشۇمچە ئىجادىيەت ئۇيۇشمىمىزنىڭ پائالىيەت ئۆيى ئىدى) رەتلىك كىيىنىپ، روھلۇق ئولتۇرۇشقانىدۇق، «كەلدى، كەلدى…» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى ۋە شۇ ھامان ئىشىكتىن سەل ئورۇقراق كەلگەن، يارىشىملىق كىيىنگەن، ئېگىز بوي كەلگەن شائىر كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە پارلاپ تۇراتتى. بىز دۈررىدە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ شائىرغا ھۆرمەت بىلدۇردۇق. ئۇمۇ توختىماي باش لىڭشىتىپ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرگەچ ھەممىمىز بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھۆرمەت بىلەن سورۇنىمىزنىڭ تۆرىگە تەكلىپ قىلدۇق. شائىرنىڭ پاكۇلتېتىمىزدىكى ئۇستازلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ شۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ پاكۇلتېتىمىزدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستازلىرىمىز بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن، دوستانە چاقچاقلىرىدىن بىلدۇق. ئابدۇللا سۇلايمان، مۇختار سۈپۈرگى قاتارلىق ئۇستازلار ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىلىرى ئىدى. ئۇلار شائىرنى بىزگە قىسقىلا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلىدى. شائىرغا ئىجادىيەت ئۇيۇشمىمىزنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغىنىغا قارىماي بەلگىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە ئۇيۇشمىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇيۇشما ئەزالىرىنى شائىرغا بىرمۇ-بىر تونۇشتۇردى. تېخى بەزىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئازغىنە نەتىجىلىرىمىزنىمۇ شائىرغا تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. شائىرنىڭ «ئابدان…»، « ما بالىنى تونۇيتمە…» دېگەندەك سۆزلىرىدىن بەزىلىرىمىز ئالەمچە شادلىققا چۈمەتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن شائىر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، بىز  ياش ھەۋەسكارلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، بىزدە ئىجادىيەتكە نىسبەتەن قەتئىي نىيەت ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھنىڭ بولۇشىنىڭ لازىملىقى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشىمىزنىڭ لازىملىقى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتۇرىغا قويدى. شائىرغا بولغان ھۆرمەت- قايىللىق ھېسسىياتىمىز بىلەن بىز بىرنەچچەيلەن ئۆزلىرىمىزنىڭ يېقىندا يازغان شېئىرلىرىمىزنى ئوقۇدۇق. شائىر ئەستايىدىل ئاڭلاپ پىكىر بايان قىلدى، ئىلھامبەخش سۆزلەر بىلەن بىزنى رىغبەتلەندۈردى. تېخى قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىپ، ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈۋەتتى. ئارىدىكى تارتىنىشلار ئەمدى ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولغانىدى. ئاخىرىدا بىز شائىردىن بىر قىسىم سوئاللارنى سوراپ، بىر قىسىم كاللىمىزدا چىگىش بوپ تۇرغان مەسىلىلىەرگە قاتائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئىزدىدۇق، نۆۋىتىدە شائىرمۇ ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ، بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى ئاشۇردى. ئاشۇ سوئالىرىمىز ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابلار ئىچىدە  شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئادىتىگە ياتىدىغان مۇنۇ بايانلار ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە:

      سوئال: روزىكا، كۆپچىلىك يازغۇچى-شائىرلار جىمجىت، خالى ئىجادىيەت مۇھىتىدا، تولىراق كېچىدە يېزىقچىلىق ب بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، سىلىمۇ شۇنداقمۇ ياكى باشقا ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ئادەتلىرى بارمۇ؟

ـــ شائىر كۈلۈپ كېتىپ، ئالدىرىماي بېشىدىكى يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە قويغاچ:ــ«  مانا، نەخ يېرىنى سورىدىڭىز ئۇكام،ــ كۆڭلىكىنىڭ تۆش يانچۇقىدىن نەپىس ياسالغان چاققانغىنە ياغاچ تارغاقنى چىقىرىپ، چاچلىرىنى ئارقىغا تارىغاچ،ــ مەن جىمجىت مۇھىتتا ئابدان يازاممايمە، مەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئايالىم ياكى قىزىم(قىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى) ئارقامدا تۇرۇپ، چاچلىرىمنى مانا، مۇشۇنداق تارغاقتا ياكى قولىدا ئاستا، يەڭگىل تاراپ تۇرسا ئاجايىپ شىرىن ئىلھاملار ئىلكىدە ياخشى يېزىپ كېتىمەن… 

      مانا شۇ سۆھبەتتىن كېيىن خېلى بىر ۋاققىچە ساۋاقداشلار ئارىسىدا شائىرنىڭ كەمتەرلىكى، سەمىمىي، خۇشچاقچاقلىقى، شېئىرىيەتتىكى تالانتى ھەققىدىكى ئىپتىخارلىق پاراڭلار داۋام ئېتىپ تۇردى. بىزمۇ شائىرنىڭ شۇ چاغدىكى ئىلھامى ۋە دەۋىتى بىلەن ئانچە-مۇنچە شائىرنىڭ ئىشخانىسى(شائىر شۇ مەزگىللەردە«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىدى)نىڭ ئىشىكىنى چېكىپ تۇردۇق. كېييىنچىرەك تېخى شائىرنىڭ تەكلىىپى بىلەن ئۆيىگە بېرىپ، مېززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ھاياجانلىق سۆھبەتلەردىمۇ بولدۇق. مۇشۇ جەرىيانلادا باشتىن ئاخىر بىزنىڭ قورۇنۇش-تارتىنىشلىرىمىز  ئۇنىڭ قىزىقارلىق، تەكتىدىن ھايات ھېكمەتلىرى بالقىپ تۇرىدىغان چاقچاقلىرىغا ئورۇن بوشىتاتتى.

      ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەل ئون يىلدىن كېيىن شائىرنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم ئېزىلگەن، ئاشۇ ۋاقىتتىكى كارتىنىلار قەلىب ئېكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلغانىدىم…

شائىرنىڭ ۋاپاتىغا ئون يىل بولاي دەپ قالغان مۇشۇ پەيتلەردە، شائىرنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىۋاتقان، شېئىرىيەتتە روزى سايىتچە شېئىرلارغا بولغان تەشنالىقىمىزنى يۇشۇرالماي قېلىۋاتقان مۇشۇ دەملەردە، ئۇنى ياد ئېتىش، ئۇنى ئەسلەش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا تونۇتۇش خۇسۇسىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئون يىل توشىدىغان مۇشۇ يىل(2011-يىل) نىڭ بېشىدىن باشلاش تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىلكىدە شائىرنىڭ تەرجىمھالى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇندۇم:

                 شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن  يېرىدە تۇغۇلغان. 1951-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، 1958-يىلىغىچە”چايغانا مەكتەپ“ (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى)تە، ۋىلايەتلىك 1-ئوتۇرا مەكتەپنىڭ تو؛لۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتونىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خۇتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن  ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە «يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى»دا مۇھەررىر بولغان.

       روزى سايىت 1973-يىلىدىكى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۈۆسېڭ بولدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھەرقايسى گېزىت-دۇرناللاردا «چۈشنامە» قاتارلىق 12پارچە داستان ۋە باللاداسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق بىر قانچە پارچە ھېكايىسى، «‹ئەتەبەتۇلھەقايىق›نىڭ شېئىرىي يەشمىسى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئاراسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

           «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»،«بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»،«نەرھابا»،«ئاھ، ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»،«كۆڭۈلدىكى گەپلەر»،«مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار»،«رۇبائىيلار»،«تۇيۇقلار»،«خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»،« دېھقان كۈلكىسى»،«پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق داستان ۋە شېئىر توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان. شائىرنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»،«كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»،«بۇـ خوتەن، مەن ـ خوتەن قىزى» قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ، ئەل ئارىسىغا تارالغان. بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن.

        شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ»،«چۈشنامە»،«بالىلار پۇلغا زار، چىرىكلەر بەتخەج»،«بارات يازغان ھېكايە»،«يىپەك يۇرتىدا نورۇز» قاتارلىق شېئىر،داستان، ھېكايە ۋە تېلىۋېزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىملىرى، «بۇ جاھان»، «جاھان كەڭرى يول كەڭرى»ناملىق ناخشا تېكىسىتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن«دېھقان بولماق تەس» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلغان.

      خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى9-ئاينىڭ8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى.  مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12مۇقام تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن زور يۇقۇتۇش، شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىر بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

           



باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)