تور بەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇنبەرلەرنى، مۇنبەر بولغاندىمۇ، ئەدەبىيات، تىل، مائارىپ، جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت يازمىلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقان بىر قىسىم مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كاللامدا بىردىنلا «ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق بىر شەخسىي يازما يېزىپ، تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان بىر سورۇنى بولغان بولسا-ھە!» دېگەن ئوي ئەكس ئەتكەن 2010-يىلنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلىدىن باشلاپ ھېسابلىسام، شەخسلەر تور خاترېسى(بىلوگ) بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىنىمگىمۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ.
دەسلەپ بىلوگ ھەققىدە ھىچقانداق ساۋادىم بولمىغان ئەھۋالدا Blogbusتىن ھەقسىز بوشلۇق ئىلتىماس قىلدىم؛ لېكىن ئۇنى ئۆزەم بىر قوللۇق ياساپ چىقالمايتتىم، بۇ ساھەدىكى سەركىلەرنىڭ، دوستلارنىڭ ياردىمىدە http://ozkani.blogbus.com دېگەن بۇ بىلوگنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئۆزگچە پۇراققا ئىگە قىلىپ، ھەم خاسلىققا، ھەم ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بىلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقتىم.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تور دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇربىلوگچىلىق ساھەسىدە ئۇسلۇبى رەڭدار، جەلب قىلىش كۈچى كۈچلۈك، كۆپ قاتلاملىققا، روشەن خاسلىققا ئىگە بولغان بىلوگلار كۆزنىڭ يېغىنى يېيىشكە باشلىدى!
مەلۇم بولدىكى، بلوگبۇستا قانات چىقىرىپ ئۇچۇرما بولغان، ئالدىن كۆرەر دوستلىرىمىز، blogbusنىڭ مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بىر قانچە قېتىملىق نورمال ئېچىلماسلىقىدىن ئۇنىڭ ئەتىسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىدىن يالتىيىپ قالغان. تور دۇنياسىدا ئاپىرىدە بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن چەكسىز ھاياتىي كۈچى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ۋوردپىرەس(WordPress)دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قلغانىدى…
ئەلقىسسە،2011–يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا كەمىنە ئۆزقان مەخسۇس بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپ (www.../) بۇ يېڭى بىلوگ— ئۆزقان بىلوگىنى قۇرۇپ چىقتىم. بۇ جەرىياندا پىرېستان بىلوگى (http://prestan.net/blog)،ئۇيغۇر Wordpreesمۇنبىرى(http://bbs.uyghurbeg.net/forum.php)،ئىناق بىلوگى(www.inaq.biz) ، ئەلشاد بىلوگى (www.alxat.net) ، ئۇيغۇر بەگ تور تۇرايى(www.uyghurbeg.net) قاتارلىق دوستانە مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ سەمىمىي يارىمىگە ئېرىشتىم؛ بۇ يەردە ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن!
دوستلارنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرى، دوسلۇق مېھرى بىلەن بۇ بىلوگنى تيېخىمۇ رەڭدار ۋە ئوقۇشچانلىققا ئىگە بىلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى تىلەكلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!
2011–يىلى، ئىيۇل
ئەڭ يېڭى باھالار