سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «دارۋاز،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

دارۋاز

دارۋاز

 ئابدۇللا ئارىپوۋ

 

بۇلۇتلارغا يانداش ئاسمان ئاستىدا ،

كىرپىكتىكى ياشتەك تۇرىدۇ دارۋاز

قىلىچنىڭ بىسىدەك ئارقان ئۈستىدە ،

كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ماڭىدۇ دارۋاز .

 

ئادەملەر، ئادەملەر ئۇنى ئالقىشلاڭ ،

قاراڭا، نەقەدەر  چەبدەس ،جەسۇر ئۇ .

بىزچۇ ، ئاھ ، كۆزىمىز ئوچۇق تۇرۇپمۇ ،

ئەپلەپ ماڭالمايمىز چوڭ يوللاردىمۇ ……