سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «خاسىيەت،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

خاسىيەت

كېچە. كۆككە بالقىپ چىقتى ئاي،

زېمىن تېنچ ئۇيقۇدا، دېمەك…

بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن تۇيغۇ،

شاماللارغا تەلپۈنەر يۈرەك.

 

بەختكە تولۇپ، شادلىنىپ ئالەم،

گۈلگۈن ھايات ئۆزرە گۈل تۇتار.

پەقەت، پەقەت ئاينىڭ ئارقىدىن،

ئەگىشىدۇ ئوتلۇق بۇلۇتلار.