مۇقام
ئۆزقان
قەلبىم تۇپرىقىغا تېرىلغان ئۇرۇق،
گىياھ تۆت پەسىلدە چېچەكلەپ تۇرغان.
شىرىن مېۋىدۇركى يېتىلگەن بولۇق،
مەسۇم ئەقىدىگە قىلغان ئارمىغان.
قەدىم ئورمانزارنىڭ مۇڭلۇق تىۋىشى،
قۇياش ــ كەلگۈسىچۈن كۆيۈشكە تەييار.
زېمىن يۈرىكىدۇر، شائىر دىلكىشى،
دېھقان روھىناتىغا بولغان مەپتۇنكار.
سەۋدا چېچەكلىرى، روھلار تىلسىمى،
ئۈگۈت ــ نۇر يىپلىرى ھەر دىلغا تۇتاش.
قاداق قوللار ئارا يېشىلگەن شەرھى،
غالىپ ئەقىدىدىن پۈتكەن مەڭگۈ تاش.
1999-يىل مارت، قەشقەر
(«قەشقەر گېزىتى» نىڭ 1999-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى‹1292›16-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بىر ئۆلۈش نېسىۋەم باردۇر پەرۋازدىن
ئۆزقان
جەسۇرلۇق ساداسىن ياڭراتقۇچىمەن،
ئەڭ مۇدھىش ئازابمۇ تەزىمدە ئەنە.
ئادرېسسىز بولسىمۇ ۋىسال ھوجرىسى،
ئەرلىكنى ھەر ۋاقىت قىلدىم تەنتەنە.
تېنىگەن ئەقىدە ئەركسىز ھامان،
سىلىدىم ئۈمىدنىڭ يۇمران پېيىنى.
يۈرەكنىڭ تەكتىدە كۆيمەكتە ۋەتەن،
ئارمانلار شىركەيىپ قىلماقتا مېنى.
بىر ئۈلۈش نېسىۋەم باردۇر پەرۋازدىن،
قاناتلىق پەسىللەر تىۋىنما ماڭا.
مەنمۇ ھەم سەن كەبى كۆكلەپ تۇرغۇچى،
ماڭا تەل ئەل ئاتلىق سۇ، تۇپراق، ھاۋا.
1999-يىل مارت، قەشقەر
(«قەشقەر گېزىتى» نىڭ 1999-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى‹1292›16-سانىدا ئېلان قىلىنغان)