(دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلاپ)
ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان
ئانام ئوغۇزىدا كىرگەن تېنىمگە،
ئۇنىڭ شەيداسىدۇر مېنىڭ ۋەتىنىم.
ھىممەت كەمىرىدۇر تاقسام بېلىمگە،
ئۇنىڭ تۇپراقىدا كۆكلەيدۇ جېنىم.
كەلمىش زۇۋانىغا قەدىمىي تاشلار،
دەرمىش:«ئانا تىلنىڭ ھەغداسى بىز» دەپ،
دەرمىش:«ئانا تىلنى ئەيلەپ ئىپتىخار،
ئەۋلاد مىراسلارنى تاپقۇسى ئىزلەپ».
كۆكتىن تامغانلارمۇ سۆزلەر ئۆز تىلدا،
يەردىن ئۈنگەنلەرمۇ:«تىلىم—ئانام» دەر.
تىلىنى سۆيمىگەنلەر قۇشتۇر بىناۋا،
قەسىرلەر قەپەس بوپ قاقالمىغان پەر.
ھالا يىللار ئۆتۈپ كەلسە بىر كۈنلەر،
مەيلى قاي تەرەقىدە بولسۇن بۇ ئىقبال؛
مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمغا گۇۋاھلىق بېرەر،
ئەنگۈشتەر بۇ تىلىم ھەممىدىن ئاۋۋال!
2013–يىلى، 21–فېۋرال،شەھىرى قەشقەر









مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt=" ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">