سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئاپتورلار بېتى

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(4)

قەلەمنىڭ ئىشىنى قىلىچ قىلالماس.

ئوغرى يولدا قويار،قاراقچى چۆلدە.

دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا،كىچىسى پايلا.
ئوغىرلاپ كەلگەن ناغرىنى چالغىلى بولماس.
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كىيىنمۇ بىلىنەر.
بىرىپ يامان بولغۇچە،بەرمەي يامان بول.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ ،شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
ئاتا كەسپىنى تاشلىغان،پىشانىسىنى قاشلىغان.
نامەرد گىپىدە تۇرماس ،ناكا ئىشەك چۆپتە.
كۈندۈزدە ئاچ قالساڭ،كىچىدە يۇلتۇز سانا.
ئۆزۈڭ يىمىسەڭ غىمىڭنى،قاغا چوقۇر تېنىڭنى.

قارىغۇنىڭ كەينىگە كىرسەڭ گوداڭغا يىقىلىسەن.
 ئاق تامىنڭ چالمىسى يامان،ئادەمنىڭ لالمىسى.

ئاقىللاردىن ھۆرمەت يانار،نادانلاردىن كۈلپەت يانار.
سىپايى ئادەم سىر يوشۇرالماس،پۇچۇق ئادەن بۇرنىنى.

نىسى بەرگەننىڭ ھالى خاراپ،قالىدۇ دەپتىرىگە قاراپ.

بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس،ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس.

ھۆپۆپ دۆڭگە چىقسا قۇش يەر،يىتىم دۆڭگە چىقسا مۇش يەر.

 

ئويغاق بۇلاقلار

بىر ئىزگۈ ئاھاڭدەك نازۇك شىۋىرلاش،

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېرىق قىرى- قاش؛

چىمەنلەر مەڭزىگە چېچىپ ئۈنچە-ياش،

بەختنى سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.

 

قىياقلار بويىنى سۆيۈپ قانچە رەت،

چېچەكلەر رەڭگىدىن ئېلىپ ھەم قۇدرەت؛

چايقالغان ھېسلارغا بېرىپ مۇھەببەت،

ھاياتتىن سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.

 

ياتىدۇ كۆزىدە ئېسىل رەڭدار تاش،

تەبىئەت سىرلىرى بولۇپ ئۇندا پاش.

يۈزىگە زەر نۇرلار سەپكەندە قۇياش،

مېھىردىن سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.

 

كۈلىدۇ دالىلار، جىرالارمۇ ھەم،

كۈلىدۇ كائىنات، كۈلىدۇ ئادەم،

ئېھ، شۇنداق كۈلكە بۇ سۆيگۈ مۇجەسسەم،

مېھنەتتىن سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.

 

1994-يىلى فېۋرال، يېڭىشەھەر-ئارال

(«قەشقەر گېزىتى»نىڭ 1994-يىلى7-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى 29-ساندا  ئېلان قىلىنغان)

 

شەپەق

لەۋلەرگە گۈلگۈن مەي ئۇزاتسا شەپەق،

خۇش ساباھ سۆيۈشىن قىپ تۇرسا تەقدىم.

چىمەندە بوپ شۇنداق مەستۇ-مۇستەغەرەق،

شادىمان ئۆتكۈزسە دەملەرنى ھەركىم.

 

چېچەكلەر تەبەسسۇم ئەيلەپ ھەر دەقىق،

قەترىلەر مەڭزىدە  يانسا زەر قۇياش.

شەربەتتىن دىل جامى تۇرسا لىقمۇلىق،

يار بولسا ھەر كىمگە مېھنەتلىك ياشاش.

 

ئېھ، شۇنداق دەملەرگە پۈركەنسە ئالەم،

بەختلەر ئىشىكىن ئاچاتتى تولۇق.

ھاياتتىن زوق ئېلىپ ھەر قاچان ئادەم،

مۆجىزە ياراتقان بولاتتى ئۇلۇغ.

 

1994-يىل فېۋرال، يېڭىشەھەر-ئارال

(«قەشقەر گېزىتى»نىڭ 1994-يىلى7-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى 29-ساندا  ئېلان قىلىنغان)

ئابدۇللا ئارىپوۋ

ئابدۇللا ئارىپوۋ 1941-يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى، قاشقادەريا ۋىلايىتىنىڭ، كاسان تۈمەنى (ناھىيسى) دىكى نەكۆز قىشلىقىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ قىشلاق سوۋېتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مىدال بىلەن 1958-يىلى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت دارىلفونۇنى ژورنالىستىكا بۆلۈمىگە كىرىپ، ئۇنى 1963- يىلى مۇئاپىقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ چىقتى.
ئۇ 1963-يىلىدىن تارتىپ تۈرلۈك نەشىرىياتلاردا مۇھەررىرلىك، يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كاتىپى، مۇئەللىپلەر ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى ۋەزىپىلىرىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئا.ئارىپوۋنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا يازغان شېئرلىرى رىسپوبلىكىنىڭ ۋاقىتلىق مەتبۇئاتلىرىدا بېسىلىپ چىقتى. 1965-يىلى بىرىنچى شېئىرلار توپلىمى «كىچىك يۇلتۇز»نەشىر قىلىندى، شۇنىڭدىن باشلاپ شائىرنىڭ «كۆزلىرىم يولۇڭدا» (1967)، «ئانا جان»(1969)، «روھىم»(1971)، «ئۆزبېكىستان» (1972)، «خاتىرەت» (1974)، «يۇرتۇم شامىلى»(1974)، «ھەيرەت» (1979)، «ھەكىم ۋە ئەجەل»(1980)، «نەجات قەلئەسى»(1981)، «يىللار ئارمانى» (1983) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بېسىلىپ چىقتى.
ئا.ئارىپوۋ ئىستىداتلىق شائىر بولغىنىدەك ھەم ئىستىداتلىق تەرجىماندۇر. ئۇ دانتېنىڭ «ئىلاھىي كومىدىيە»دېگەن ئەسىرىنى ئۆزبېك تىلىغا يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئۆرىدى. ئا.ئارىپوۋ نىكراسوف، ل.ئوكرائىنكا، شېۋچنكوۋ لارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئانا تىلغا تەرجىمە قىلغان. ئىجاتكارنىڭ شېئىرىي مەجمۇئەلىرى روس ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر تىللىرىغا (جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا-نەشىرگەتەييارلىغۇچىدىن)تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئالاھىدە كىتاپ ھالىتىدە نەشىر قىلىنغان.
ئا.ئارىپوۋ 1989-يىلى«ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى»دېگەن مۇناسىپ نام بىلەن تەقدىرلەنگەن. مۇستەققىلىقتىن كېيىن «ھەمزە نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ لائورياتى بولغان.

قانات

ئىنساندا قانات يوق،

ئۆكۈنمەڭ بۇڭا،

پەقەت ئاڭا يۈرەك-سۇبات بېرىلگەن.

قۇشتىچۇ، سۇبات يوق،

شۇڭلاشقا ئاڭا،

قېچىپ كېتىش ئۈچۈن قانات بېرىلگەن.

1969-يىل

«دەپتىكەن…»

ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر»دەپتىكەن،

رەنجۇ بالالاردىن كۆيمىسۇن جېنىڭ.

لېكىن ئەلەم قىلار

                        بىر ئۆمۈر يىغلاپ،

ئىتلار ئارىسىدىن ئۆتسە كارۋىنىڭ.

1981-يىل

تۆتلۈكلەر

***********************************

بۇلبۇل ئۆگەي ئىكەن زاغلار ئارىسىدا،

يۈگرۈك سۇمۇ ئۆگەي تاغلار ئارىسدا.

مۇھەببەت دەردىدە بىمار قەلبلەر بىز،

ئۆگەي بولساق نېمە، ساقلار ئارىسىدا.

***********************************

سەھرا چىغىر يولىدا باشىنى ئېگىپ جىم،

كېتىۋاتىدۇ بىرى، بىلەمسەن ئۇ كىم.

ئەگەر ئۇ سەن بولساڭ،  قېشىڭغا باراي،

ئەگەر ئۇ مەن بولسام، تېز كەل رەپىقىم.

***********************************

 ئارىمىزدا سەرسان بىر جۈپ قارا كۆز 

كۆيدۈمۇ  ۋە لېكىن ھىجران تۈنىدە ،
ساڭا ئەھۋالىمنى قىلمىدىم بايان .
جىمجىت كېچىلىرى كۆزۈم ئوڭىدا ،
تونۇش قاراشلىرىڭ بولدى نامايان .

نە سەن نەزەر قىلدىڭ ھالىمغا بىرەر ،
نە مەن ئېيتالمىدىم ساڭا بىرەر سۆز .
شۇنداقلا ئۆتمەكتە ئۆمرىمىز بىكار ،
ئارىمىزدا سەرسان بىر جۈپ قارا كۆز.
1969-يىل

نەسىھەت

     (ھەزىل)

 نەسىھەت ئاڭلايمىز ئۆمۈردە قانچە،

ھەتتا بەزىسىنى تارتالمايدۇ ئات.

دوستلار، نەسىھەتنىڭ ئورنى بۆلەكچە،

كۆرسەتمە ئالىدۇ شۇ بىلەن ھايات.


مەنمۇ  ھەم ئۆزۈمگە ئۇزاقتىن بۇيان

نەسىھەت قىپ كەلدىم قەتئىي،  بىشەپقەت.

چۈنكى بىر نەسىھەت ئاڭلىغان ھامان

ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ  باشقا  نەسىھەت.

1972-يىل


 

خەير ئەمدى….

خەير ئەمدى…

قەلبىمدە بىر ۋىدا قالدى.

خەير ئەمدى، سەن كەتتىڭ بىگۇناھ ئاھۇ.

بۈگۈن نەدىسەن، نەلەردە قالدىڭ؟!

بۈگۈن باش ئۈستىڭدە پاناھىڭ كىمدۇر؟


 

سېنى كەچ تاپقانتىم، بالدۇر يوقاتتىم.

قارغىغىن، لايىقمەن سېنىڭ قەھرىڭگە.

ئۆزگىلەر قەلبىدە قەدرىڭ ئويغاتتىم،

بىراق يېتەلمىدىم ئۆزۈم قەدرىڭگە.


 

ئاھ، ئىنسان قىسمىتى نەقەدەر چېگىش،

نەقەدەر خىلمۇ–خىل، پاجىئە، ھازا.

قىسمىتم، ئۆزۈممەن گۇناھكار بۇ رەت،

ناھات گۇناھكارغا لايىقدۇر جازا.


 

–خەير ئەمدى…

قەلبىمدە بىر ۋىدا قالدى،

خەير ئەمدى سەن كەتتىڭ بىگۇناھ ئاھۇ.

بۈگۈن  سەن نەدىسەن، نەلەردە قالدىڭ؟

سەن بۈگۈن كىملەرنىڭ مەسۇم ھەمراھى؟!


 

قايسىبىر ئادەمنىڭ بەختىگە يارسەن،

ئېچىلدىمۇ ساڭا تەلەي باغچىسى؟!

بۈگۈن سەن كىملەرنىڭ مېھرىگە زارسەن،

مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ مەجرۇھ پارچىسى؟

1966-يىل


باھار خاسىيىتى

 

قاراڭا، باھارنىڭ مەنسىپىمۇ يوق،

بىرەر مەھكىمىدىن مائاش ئالمايدۇ.

ئاڭا كار قىلمايدۇ ئالقىش ياكى دوق،

سەپەرگە چىقتىمۇ كەلمەي قالمايدۇ.


يۈكسەك قەسىرلەرنى پۈركەپ چېچەككە،

بېزەيدۇ گاداينىڭ كۈلبىسىنىمۇ.

ئەزگۈلۈك بابىدا ئۇ پەقەت يەككە،

باقار تەڭ–باراۋەر ھەممىسىگىمۇ.


ئېچىپ قويۇڭ كۆڭۈل دېرىزىسىنى،

قايغۇلۇق دىلدىمۇ كۈلىدۇ باھار.

ئۈمىدۋار ئىنسانلار، ئالقىشلاڭ ئۇنى،

پەقەت خاسىيەتلىك بولىدۇ باھار..

1979-يىل


 

سەن بارسەن

سەن بارسەن–مەن ئۈچۈن بۇ ھايات گۈزەل،

سەن بارسەن– مەن ئۈچۈن كائىنات دىلبەر.

سەنسىز قالار ئىدىم زۇلمەتتە تۈگەل،

سەنسىز قالار ئىدىم مۇراتسىز بەتتەر.


سېنىڭ ۋىسالىڭدا ئۆمرۈم يوشۇرۇن،

چېچەكسەن مەن ئۈچۈن، زادى سۇلمايسەن.

شۇ قەدەر دىلبەرسەن، شۇقەدەر شىرىن،

ھەي، شۇنداقلىقىڭنى ئۆزۈڭ بىلمەيسەن.

1975–يىل


 تېپىشماق

 ئىدراكىم بارىچە ياشىدىم پەقەت،

دۇنيا كەڭرى ئىكەن، قەۋەتمۇ–قەۋەت.

يالغۇز بىر تېپىشماققا يەتمىدى ئەقلىم،

نەدە تۇغۇلىدۇ، بىلمىدىم ھەسەت. 

1968–يىل


 ئەقىل ھەققىدە

 شۇنچىلىك گۈزەلسەن، گۈزەلسەن سەنەم،

تەرىپىڭ يازماققا ئاجىزدۇر قەلەم.

بىر يىگىت ئۆمرىنى ئاۋات قىلاتتىڭ،

ئەقىلنى بەرگەندە قوشۇپ پەلەك ھەم.


 

  ئۇ قوشاق كۈيلىدى…

 

 ئۇ قوشاق كۈيلىدى يار شەنىگە مەست،

يىغلاپ پەرياد چەكتى سۆيگۈ نامىدىن.

ھەممىنى يىغلاتتى، لېكىن قىز پەقەت

بىپەرۋا جىلمىيىپ ئۆتتى يېنىدىن.


 

ئۇ قوشاق كۈيلىدى يار شەنىگە مەست،

كۈلمىدى، تۆكمىدى قەترە يېشىنى.

ئۇ مەغرۇر كۈيلىدى، قىز شۇندا پەقەت

ھوزۇرىغا كەلدى ئېگىپ بېشىنى.

1964–يىلى


 

نىچۈن تۇم قارادۇر ئەرمەن كۆزلىرى

نىچۈن تۇم قارادۇر ئەرمەن كۆزلىرى،

ماھىر تەبىئەتنىڭ سېھرىمىكىن بۇ؟

يا گۈزەل بولسۇن ئەرمەن قىزلىرى، ـ

دېگەن ئانىلارنىڭ مېھرىمىكىن بۇ؟  


ياق،بۇ مېھىر ئەمەس، سېھىرمۇ ئەمەس،

بۇ كۆزلەر ئۆزىنى قىلىپ قويار پاش.

يېغىدىن بولارمىش كۆزلەر تۇم قارا،

ھېچكىم ئەرمەنچىلىك تۆكمىگەن كۆز ياش.

1967-يىل


بىمەھەل قار ياغقان كۈنى

(چاخچاق)

گۈل پەسلى، بوستانغا ئىشتىياق بەلەند،

نېچۈنكى، بىمەھەل يېغىپ كەتتى قار.

دىكتورنىڭ بىر ئېغىز ئېلانى بىلەن،

راستىنلا نەگىدۇر مۆكۈندى باھار.


بۇ پۇرسەت چىمەنسىز، كۆڭۈللەر يېرىم،

بۇلبۇلنى قوغلىماڭ داستانىمىزدىن.

سىزدىن نېمە كېتەر، دېكتور دوستلىرىم،

قارنى كۈرەپ قويۇڭ بوستانىمىزدىن.


كونا قۇدۇق

 

ھەممىگە ئايان بۇ بىر رىۋايەتتۇر:

بارمىش ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى-شېخى.

ئۇنى يوشۇرالماي ساتىراش قۇرغۇر،

قۇدۇققا ئېيتىپتۇر شۇدۇر قىلمىشى.


ياشاپ كەلمەكتىمەن، ئۆزۈمگە ئايدىڭ،

ئۆتكەن-كەچكەن سىردىن دائىم كۆڭلۈم توق.

نېمىدۇ ماڭا يېتىشمەس لېكىن،

ئېھتىمال، يېتىشمەس شۇ كونا قۇدۇق.

 

ئاپتورنىڭ 1989-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان«ئابدۇللا ئارىپوۋ تاللانما شېئىرلىرى» ناملىق كىتابىدىن تەييارلاندى.

******************************************************************************

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز باشقا بىلوگ-تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ!

******************************************************************************

2011-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى

بۇ كېچە مەن يەنە تەنھا ئولتۇرۇپ،

تىڭشايمەن يۈرىكىم چالغان دۇمباقنى.

ئىككى مىڭ ئون بىرىنچى ھارۋىمۇ ئۆتتى،

قالدۇرۇپ ئىزىدىن تۈمەن سوراقنى.

 

چالغىنىم بەرىبىر ئۆزۈمنىڭ دېپى،

ئاسمىدىم بىرىگە ئاتاپ قوڭغۇراق.

قولۇمدا بىر تال گۈل، يۈرەكتە شېخى،

بىر ئارمان بەرگىدە چاچار خۇشپۇراق.

 

تىڭشايمەن قۇشلارنىڭ ئۇخلاشلىرىنى،

ماڭىدۇ تېنىمدە مىڭلاپ چۈمۈلە.

بەھەيۋەت تاغلارنى قىلىمەن قىياس،

يۇلتۇزلۇق ئاسماننى قىلار دەپ جىلۋە…

 

يۆتكەيمەن پۇتۇمدەك ئېغىر تاشلارنى،

ئۆمرۈمنىڭ بېغىدىن ئالىمەن ھېساب.

ئاچىمەن كۆڭلۈمدەك ئاپئاق بىر  بەتنى،

مەن پەقەت سەن ئۈچۈن يازىمەن كىتاب!

 

2011-يىل31-دېكابىر، شەھىرى قەشقەر

 

مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم

مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم

كېرىمجان سۇلايمان

ئوتتۇز ئۈچ

ئوتتۇز ئۈچ-سەن سۆيۈملۈك رەقەم،
ئۇلۇغلىسام ئامىتىم بىلىپ.
بۆرە بولۇپ ئۇچلايمەن قەدەم،
سۆيسەڭ يىگىت يېشىمنى كېلىپ.

ئوتتۇز ئۈچ-سەن ھەسرەتلىك رەقەم،
كۆرسەم يىلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ.
ئۆتۈپ كېتەر قايتا بىر مەرتەم،
بەختىم قىزدەك تەبەسسۇم قىلىپ،

ئابدۇخالىق ئاشۇ يىلى ھەم،
شېھىت بولغان زۇلمەت كېچىدە.
ئوت تېشىدا كۆيگىچە ئادەم،
كۆيسە شۇنداق ئوتنىڭ ئىچىدە.

ئىككىنچى شەخسكە

قاراڭغۇدا يىرتىپ قەلبىمنى،
يېزىپ چىقتىم يۈرەك قېنىدا،
ئاي ۋە يۇلتۇز بىلەر قەدرىمنى،
شېئر بولۇپ كۆيگەن چېغىمدا.

ئاستا ئوقۇپ چىققىن ئىچىڭدە،
بولالمىسا ئۆتكۈزگۈچ ئۈنۈڭ.
يانارمەنغۇ قايتا ئېسىڭدە،
مېنى تولۇق چۈشەنگەن كۈنۈڭ.

نۇرلاندۇرۇپ روھىڭنى شۇنداق،
ۋۇجۇدۇڭدا ئويغاتسام سېزىم…
نام-ئاتاق بىر ئەرزىمەس قونداق،
زىنھار مېنىڭ يوق قونغان ئىزىم.

مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم

ـــــ ئوقۇغۇچىلىرىم خاتېرىسىگە

بىلىم قايناپ تۇرغان بۇلاقتەك،
پەخرىم سىلەر قارا كۆزلىرىم،
يوللىرىمدا يانغان چىراقتەك،
بەختىم سىلەر ئالا كۆزلىرىم.

ئايۋان بولۇپ كۈيلەي تىلىمدا،
مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم.
ياشايسىلەر تۇيغۇن دىلىمدا،
ئاقارسىمۇ ھەتتا چاچلىرىم…

چۈنكى، مېنىڭ يۈرىكىم سىلەر،
يېنىپ تۇرغان تىلىكىم سىلەر.
ئەۋلاد ئۈچۈن يىقىلمايدىغان،
بىر سەپتىكى يۆلىكىم سىلەر.

جۇدالىقنىڭ سائىتى يامان،
توختاتقىلى بولماس يىغلىشىپ.
ئايرىلساقمۇ بىز تاڭلا جاھان،
قالارمىزغۇ بىر كۈن سىردىشىپ.

مەي كەلكۈنى

مەي كەلكۈنى ــ ئىنسانىيەت ئۆزى ئاپىرىدە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق توپان بالاسىدۇر.

ـــ«كۆڭۈل دەپتىرىم»دىن

ۋۇجۇدىستان ــ قۇياشسىز شەھەر،
يىراقلاشقان ئۆز خۇداسىدىن.
تارىخىدا تۇغماستىن سەھەر،
مەھرۇم قالغان نۇر-جۇلاسىدىن.

مەي كەلكۈنى ــ ئۆزگەرتىپ شەكىل،
بېسىپ كەلگەن توپان بالاسى.
تەن دېگەن بىر خارابە سېپىل،
ئاڭلانمايدۇ روھنىڭ ساداسى.

ئېغىز بولدى لېيىغان بۇلاق،
شەربەت سۆزلەر ئۇنتۇلدى تامام.
شاۋقۇنلاردىن سەمرىگەن قۇلاق،
تاپتى ئاخىر سەزگۈسىز ئارام.

ئار گۈللىرى توزۇپ يۈزلەردىن،
شەيتان سۈنئىي قىزىللىق باسقان.
تاشقىنلىسا مەستلىك كۆزلەردىن،
زېمىن بىلەن ئالماشتى ئاسمان.

تومۇرلار ــ قان بۇلغانغان دەريا.
كۆپۈكلىنىپ ئاقىدۇ زەئىپ.
غۇرۇر ئاتلىق مۇقەددەس گىياھ،
ئاستا-ئاستا بارماقتا چىرىپ.

ھۈجەيرىلەر گويا شېغىل تاش،
ئۇخلاپ ياتقان ئۆلۈم سۈيىدە.
بىر تەبەسسۇم، يا بىر تامچە ياش،
تېپىلمايدۇ مەنا ئۆيىدە.

كېچە ــ ئېغىز ئالمىغان يارا،
خىرە دىلنى قاپلىغان پۈتۈن.
گۇمراھلىقىنىڭ لاتقىسى ئارا،
توختاپ قالدى تىنىقتىن بۈگۈن.

مەي كەلكۈنى باسماقتا ھەردەم،
ۋۇجۇدىستان ــ خۇداسىز شەھەر.
ئېتىقادتىن ياسالغام مەھكەم،
نوھ كېمىسى بەرمەكتە خەۋەر…!

ساختا مۇھەببەت

پەرۋەردىگار سىنىماق بولۇپ،
ئىككىمىزنى قوشقاندۇر، بەلكىم.
ساختىلققا بارماقتا تولۇپ،
سېنىڭ قەلبىم ھەم مېنىڭ قەلبىم.

تۇرغان بىلەن مەھكەم يېپىشىپ،
ئىچىمىزدە قاينايدۇ زەھەر.
ماڭدامدا بىر قەسەم ئىچىشىپ،
يۈزىمىزە قاندىن يوق ئەسەر.

ۋاسىتە قىلدۇق شىرىن ئېغىزنى،
جېنىمىزنى ساقلاشتۇر مەقسەت.
كىر سىققاندەك سىقسىمۇ بىزنى،
بىر تامچىمۇ چىقماس مۇھەببەت.

ئۆزۈم بىلەن مۇڭدىشىش

تۇغۇلمىسۇن قەلبىڭدە گۇمان،
سەنلا ساڭا سىرداش ھەم يۆلەك.
تامغا قۇلاق چىققاندىن بۇيان،
مۇڭدىشىڭ يوق ئۆزۈڭدىن بۆلەك.

چىڭ تۇت ياتتىن ئاغزىڭنى ھەردەم،
كۆڭۈل دېگەن بەزىدە كۆزسىز.
ئەركەك بولساڭ شىر كەبى بەردەم،
مەنزىلىڭگە يېتەرسەن سۆزسىز.

ۋاپا كۈتمە پالتا سېپىدىن،
يالغۇز دەرەخ بولساڭمۇ كېرەم.
باردۇر تاڭنىڭ قارا يىپىدىن،
ئاق يىپىنى ئاييرىغان ئىگەم.

سوئالدىن پەرلىنىش

قۇياشمۇ سەن؟ئاشىقلىق سەۋەب،
يوللىرىڭغا باقتىم تېخىچە.
كۈلۈمسىرەپ چىقمىدىڭ ئەجەب،
تەنھالىقتا كۆيدۈم بۇ كېچە.

يۇلتۇزمۇ سەن؟ كەلمەكتە ئۈنۈڭ،
قوللىرىمنى قىسقا دەپ كايىپ.
ئالقىنىمغا چۈشكەن شۇ كۈنۈڭ،
تىلىكم شۇ: بولمىغىن غايىپ!

ھاۋامۇ سەن؟ سەزگۈمدە قوغلاپ،
يا تۇتقىلى بولماس جىسمىڭنى.
قەلىمىمنىڭ ئۇچىنى چوغلاپ،
تۈن باغرىغا يازدىم ئىسمىڭنى!

غېرىبسىنىش

كۈيچى قۇشلار قاناتلىق كارۋان،
يۈكلىمەكتە باھاردىن ئارمان.
لېكىن، سەن يوق مېنىڭ قارلىغىچىم،
بولۇپ قالدىم مۇڭ باسقان ئايۋان.

ئېرىگەنچە مۇزلۇق تاغلارمۇ،
رەڭ تۈزمەكتە يازدا باغلارم؛
لېكىن سەن يوق مېنىڭ قۇياشىم،
توڭۇپ يۈردۈم تومۇز چاغلارمۇ.

يوللاردا بار سوغۇق بىر كەچمىش،
پۈركەنمەكتە ئاپئاق قارغا قىش.
لېكىن، سەن يوق مېنىڭ كۆز نۇرۇم،
ياغار غېرىب قەلبىمدە تەشۋىش.

ئىككى قۇتۇپ

مېنىڭ بولسا قار قاپلىغان قىش،
گۈل ئېچىلغان ياز پەسلى سېنىڭ.
سېنىڭ بولسا كەچكۈزدە تەشۋىش،
نەۋباھاردا خۇشاللىق مېنىڭ.

سېنىڭ كۈنۈڭ پاتقان ئاشۇ دەم،
ئالتۇن كۈنۈم تۇغۇلار مېنىڭ.
مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغا تولۇپ ھەم،
زۇلمەت باسا كۆڭلۈڭنى سېنىڭ.

كاككۇكنامە

ئاي يۈزى ئايدىن ئايان، زەينەپ قېنى؟
يۇلتۇزى كۆكتىن بايان، زەينەپ قېنى؟
ئوينىغان شاخلاردا ئەركىن قوغلىشىپ،
ئۇچتى باغلاردىن قايان، زەينەپ قېنى؟
يالىڭاچ دۇنيا ئېڭىمدا مۇڭلىنار،
يوق يېشىللىقتىن ماكان، زەينەپ قېنى؟
تاپمىدىم قايتا ۋىسال بۇ سۆيگۈدىن،
شۇ سەۋەب تاردۇر جاھان، زەينەپ قېنى؟
كۈتتىما شۇنچە ئۇزاقتىن تەلمۈرۈپ،
تاقىتىم تاقتۇر ھامان، زەينەپ قېنى؟
بىزنى شور دەريا ئەجەبمۇ ئايرىدى،
توستى ئالدىمنى مانان، زەينەپ قېنى؟
كۆكتە لاچىن سوقسىمۇ، جاندىن كېچىپ،
سۆيگىلى باقىي جانان، زەينەپ قېنى؟
بىلمىگەنلار مەن غېرىبلىق شاھىنى،
دەيدىكەن ئاشىق نادان، زەينەپ قېنى؟
ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ تېڭى پەرۋاز بىلەن،
ئاشقىلى بىللە داۋان، زەينەپ قېنى؟
قان قۇسارمەن قىچقىرىپ ھەر تاڭ-سەھەر،
كەلسىچۇ بىر مەن تامان، زەينەپ قېنى؟
ئىككىمىزنى تۇتقىلى قىسماق قۇرۇپ،
ئوۋچىنىڭ پەيلى يامان، زەينەپ قېنى؟
چۈشكىنى باشقا ئۆلۈمنىڭ سايىسى،
بولسىمۇ ئاخىر زامان، زەينەپ قېنى؟
ھەممىنى قويدۇم ساڭا قادىر ئىگەم،
بىر كۆرۈشتۈرسەڭ ئامان، زەينەپ قېنى؟

(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ2003-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان؛13-نۆۋەتلىك”خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى“غا ئېرىشكەن)

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»

مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق


‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ››-11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنىسكلوپىدىيە خاراكتېرىلىك تۈرك تىلى لۇغىتى بولۇپ، 11-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمىي قامۇسى ھېساپلىنىدۇ.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دۇنياغا كەلگەن مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا بىردە ئاشكارا بولۇپ، بىردە يوشۇرۇلۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىلمىي مەدھىيە، ئېتراپقا ئېرىشكەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىنىشقا، قەدىرلەپ ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن. ‹‹ دىۋان ›› ئەسلى ئەرەپچە يېزىلغانلىقتىن دەسلەپتە باغداد، مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، مۇتالىئە قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ①، ئىلىم دۇنياسىغا تولۇق مەلۇم بولۇشى تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىش.
ھىجىرىيىنىڭ 466 (مىلادىيە1073-1074)-يىلى باغدادتا يېزىلىپ قولدىن چىققان بۇ ئەسەر كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان بولسىمۇ، بىزگىچە بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرلا نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن.
مىلادىيە 1266-يىلى(‹‹دىۋان››يېزىلغان ۋاقىتتىن 192يىل كېيىن) ئىرانلىق مۇھەممەت بىننى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئوبۇلفەتھى تەرىپىدىن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قوليازمىسىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخا 1910-يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازپىبەينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق 1914-يىلى دىيارى بەكرىلىك ئەلى ئەمىرگە ساتقان. تۈركىيىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدىن مۇئەللىم رىفئەت بىلگە بۇنى ئاڭلاپ، ئەلى ئەمىرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئەسەرنى 1915-، 1917-يىللىرى ئۈچ توم ھالدا مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان.ئەنە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇپ، تېزلىكتە ئالىملارنىڭ دىققىتىنىى قوزغىدى.
1930-، 1940-يىللاردا، مارتىن ھارتمان، بىروككېلمان قاتارلىق نېمىس ئالىملىرى، بېسىم ئاتالاي، دەھرى دىلچىن قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرك ئالىملىرى بۇ ئەسەرنى بەس-بەستە تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىشتى، ئېندىكىس ئىشلىدى ھەم نېمىس، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتى.
بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپلىگەن ئەللەر ئالىملىرى ئوخشىمىغان ھالەتتە تەتقىق قىلىشىپ، ھېلىھەم تەتقىقاتىدىن قانائەتلەنمەي باش قاتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»يەنىلا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ يېگانە نامايەندىسى ھالىتىدە چاقناپ تۇرماقتا.
ئەپسۇس، ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئەنە شۇنداق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، خەلىقىمىز بۇ ئەسەرنى تولىمۇ كېچىكىپ بىلدى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇلىشىغا دائىر بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بىر زامانلاردا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىپايان باغرىدا ئارغىماقلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ، سەييارىلەردەك ئەركىن ۋە بىمالال ياشاپ ئۆتكەن، شۇنداقلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، تۈركۈم –تۈركۈم مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ، مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بېزىگەن» خەلقىمىز «يىپەك يولىنىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق، دىنىي خۇراپاتلىق، مۇتەئەسسىپ نادانلىق، دەم كوتا – قۇلچىلىق، تۈگىمەس ھەم ئەرزىمەس تەپرىقىچىلىك، شۇنداقلا زۇلۇم –زالالەت قۇيۇنلىرى ئىچىدە قارا تەقدىرنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان»② بولۇپ، مەنىۋى تۇرمۇش دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.
خەيرىيەت، «19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەيتاۋۇر باشقا ئەللەردە ياڭرىغان مەرىپەت قوڭغۇرىقىنىڭ ساداسىدىنمۇ ياكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ دەھشەتلىك خورەك ئاۋازىدىنمۇ بەزى ئەقىل –ھۇشى ۋە ئىمان – ئېتقادى سەزگۈر كىشىلەر بالدۇر ئويغىنىپ»③خەلقىمىزنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدىدى. ئىلىم ئىزدەش ياكى سودا–تىجارەت قىلىش يولى بىلەن جاھان كۆرگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى بۇ ئىزدىنىشنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى بولۇپ قالدى.
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مەشھۇر دېمۇكىراتىك شائىرلىرىمىزدىن بىرى، تارىخچى ۋە نەشىرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مانا مۇشۇ ئىزدىنىشكە يېقىندىن ھەمكار – مەدەتكار بولغان بىر ئەزىمەت ئىدى.
ھاياتىنى پۈتۈن ئۆمرى غەپلەتتە قالغان مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا مەرىپەت تارقىتىش، مىللىي مەدەنىيەت ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مىللىي نەشىرىياتچىلىق، مەدەنىي ئاقارتىشتەك مەنىۋى كۈرەشلەرگە ئاتاپ، شۇ كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ساپ مىللىي غۇرۇرى، پاك ئىمان–ئېتقادى بىلەن ياشىغانلىق «گۇناھى»ئۈچۈن ھۆكۈمران جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بۇ مەرىپەت –مەدەنىيەت جەڭچىسى 1876 – يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئابدۇرېھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب–پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1908–يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى بېرىپ، قايتىشىدا مىسىردىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىئۇلۇم»ىغا ئوقۇشقا كىرىپ مەخسۇس ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام قانۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇشنى تۈگەنكەندىن كېيىن تۈركىيىگە كەلگەن. شۇ چاغلاردا تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتچىلىق (جەدىتچىلىك) ھەرىكىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە يېڭى مۇھىتنى–جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. جاھان كۆرۈپ مەلۇم جەھەتلەردە يېڭىچە ئىدىيۋى تونۇشقا كېلىۋاتقان قۇتلۇق ھاجى بۇ يېڭىچە مەنزىرىنىڭ تەسىرىدە ئىستانبولدا قېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئالىي بىلىم يۇرتىغا كىرىپ ئوقۇغان. مۇشۇ جەرياندا تۈركىيىدە مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاھالەتكە، قالاقلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى يېڭىلاش (ئىسلاھات–جەدىتچىلىك)كۈرىشى قۇتلۇق ھاجىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نامرات، قالاق ھالىتىنى–قۇللۇق تۇرمۇشىنى پەقەت ئىلىم–مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنىڭ روھىي– مادارىنى قوزغاپ، يېڭىلىققا يېتەكلىگەندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ.
ئىستانبولدا ھەر قايسى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا، تۈرك ئەللىرىنىڭ تارىخى، مەدەنيىتىگە دائىر بىلىملەرنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەر جەھەتتىن بىلىمىنى مۇستەھكەملەيدۇ.1917–يىللىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن قۇتلۇق ھاجى ۋەتەن، مىللەتنى جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، مەلۇم نىيەت– مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈش بىلەن بىللە، شۇ يىللىرى تۈركىيىدە بېسىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى دەپ قاراپ بىرگە ئالغاچ كېلىدۇ.
قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر بايلار ۋە زىيالىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەر جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 1918–يىلى مىخ مەتبەئەدە «ئاڭ گېزىتى»نى نەشىر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېمۇكىراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدۇ.مىللىي ئويغىنىش، جاھالەتكە قارشى تۇرۇش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش بۇ گېزىت ياڭراتقان جاراڭلىق سادا بولغانلىقتىن بىر مەزگىل چىقىپلا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ، توختىتىپ قويۇلىدۇ.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى «ئاڭ» گېزىتىنىڭ پېچەتلىنىشى بىلەن تەڭلا، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە موللا نازىم، نورۇز يۈسۈپى قاتارلىق شائىرلار بىلەن بىرلىشىپ، مللىي ئويغىنىش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش مەزمۇن قىلىنغان جەڭگىۋار شېئىرلىرىنى توپلام قىلىپ، «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» دېگەن ناملار بىلەن 1920– ۋە 1924– يىللىرى مىخ مەتبەدە باستۇرۇپ تارقىتىدۇ.④
خەلققە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇتۇش، ئەجدادلار روھىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي روھنى ئويغىتىش، ئەزىز ۋەتەننىڭ، ئانا ماكاننىڭ قەدىر– قىممىتىنى تونۇتۇش– قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىچە پائاليىتىدۇر.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋەتەن– مىللەتنىڭ قەددىنى كۆتىرىش يولىدىكى بۇ پائاليەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرى توغرۇلۇق خەلقىمىزگە تۇنجى مەلۇمات بەرگەن ئىلىم ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ.
ھازىرغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشتە بولغان تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 1940– يىللاردىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 30– يىللاردىلا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىپ كەلدى.⑤
دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى ئەسەرلىرىدىن ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردىن بۇ ھەقتە خېلى ئىشەنچلىك تونۇشقا ئاساس تاپالايمىز.
مەلۇمكى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باشقا ئىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى پۇختا بىلىشىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىشلەردە بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيىدىن قايتىشىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى بىرگە ئېلىپ كېلىشىمۇ مەقسەتسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە 1936– يىلى قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى، داڭلىق ئالىم موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان مەھمۇد قەشقىرى مازىرىغا كىتاب ۋەخپە قىلغانلىق ھەققىدىكى تارىخىي ھۆججەتنى تېپىپ ساقلىغان.⑥قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «قەشقەر» ناملىق غەزىلى خەلقىمىزگە مەھمۇد قەشقىرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسەردۇر:

كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.

خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر.

نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر.

يادىكار ئەيلەپ جەھانغا يازدى «دىۋانى لۇغەت»،
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.

ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.

مانا بۇ يالقۇنلۇق مىسرالار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن، مىللىتىمىز تارىخى ھەققىدىكى نىسبەتەن كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق مىللىتىمىزگە ئۆز تارىخىنى تونۇتۇپ، مىللەتنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنيىتىنى، باتۇر، پاراسەتلىك، كۆرەشچان ئوغلانلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ پائاليەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتنى ئەجدادلار ئىزىدىن مېڭىپ، ئىلىم– مەرىپەت بىلەن قۇراللىنىپ، قۇللۇق– مەھكۇملۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ،قەد كۆتۈرۈش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش مەقسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن.⑦ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرى تۈرك (ئۇيغۇر)تىلىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئىجتىھات قىلغانلىقىنى، توسالغۇلار ئالدىدا قانچىلىك جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ، ئەسەرنى ھەرتەرەپلىمە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەرجىمىنى ئىمكانقەدەر پىششىق قولدىن چىقىرىشقا تىرىشقان. ئۆگىنىش جەريانىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەب–پارس تىللىرى بىلەن تەڭ بەيگىگە چۈشكەن تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرى، مەزمۇنغا باي تىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىچ– ئىچىدىن سۆيۈنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق زىيالىيلار يېتەكىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىل جەھەتتىنمۇ يېڭىلىققا يۈزلىنىپ، مىللىي تىلنى ساپلاشتۇرۇش (تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارس تىلى ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا مىللىي تىلىمىزدىكى خاس سۆزلۈكلەرنى سەپلەش)، ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە «ئانا تىل نەزمىسى» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، خەلقىمىزگە ئانا تىلنىڭ قەدىر– قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقان:

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر!

تولۇق ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ شېئىر ھەققىقەتەنمۇ ئىسمى–جىسمىغا لايىق «ئانا تىل نەزمىسى»دۇر.
1933-، 1934– يىللىرى يەنە ئارقا–ئارقىدىن «ئەركىن ھايات»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنى چىقىرىپ تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللەت، ۋەتەننى زۇلۇم ئىلكىدىن ئازاد قىلىش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىستەكلىرىنى تەشۋىق قىلغان قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بۇ گېزىتلەردە يەنە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەر، ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىدۇ. مەشھۇر تارىخىي ئەسىرى «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر»نى يازىدۇ.
خەلقنى قۇللۇق ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ، يىلىكىنى شۇراپ، ئۆزىنى سەمرىتىپ كەلگەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىرى، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پائاليەت ئېلىپ بارغان ئوغلانلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە تۇتقۇن قىلىدۇ. شۇ قاتاردا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىمۇ قامايدۇ.ئاخىر 1937–يىلى 5–ئايدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.تارىخ، مەدەنىيەتكە دائىر مىللىي مىراسلىرىمىزنىمۇ يىلتىزىمىزنى قىرقىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە يوقىتىشقا يۈزلەنگەن جاللات ھۆكۈمەت سانسىزلىغان قەدىمكى كىتاب جاۋاھىرلىرىمىزنى يىغىپ كۆيدۈرىدۇ.قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ توپلىغان كىتاب–ماتېرىياللىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ چاغدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئازغىنە ئەسەرلىرى ئەينى يىللاردا چەتئەل گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ۋە بەزى پىشقەدەملىرىمىزنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئىبارەت.
يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئېزىلگەن مىللەتنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىي مىراسلىرىنى ھەققىي قەدىرلەش، توپلاش، تونۇتۇشنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى سۈپىتىدە پائاليەت قىلغان مەرھۇم قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى زۇلمەتلىك زاماننىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلى ئاخىرلىشالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىز– دېرەكسىز يوقتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پاكىتلىق قاراشلار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت مىللەتنىڭ بىباھا ئەڭگۈشتىرىگە خېلى بۇرۇندىنلا چوڭقۇر ئىپتىخار ۋە ئىخلاستا بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئىزدىنىش يولىدا كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىنى موقىملاشتۇرىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ.
ھازىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابى ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر رايونىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخى بىرقەدەر مۇپەسسەل يۇرۇتۇلغان بۇ كىتابنى ھازىرچە كۆرۈپ پايدىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمىسەكمۇ، بۇ ئەسەردە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي بايانلار يوق دەپ ئېيتالمايمىز.
شۇڭا، بىز 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن ئىبارەت بۇ مىللەت سۆيەر ئوغلانىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تارىخىمىز سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، ئەجدادلار تارىخىنى بىلىش، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بىباھا مىراسلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي پائاليەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.

ئىزاھاتلار:
①«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981 – يىل نەشىرى، كىرىش سۆز 42 -، 43 – بەت.
②③ م. سىيىت، ي. رۇزى: «مەمتېلى ئەپەندى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997 – يىل نەشىرى، سۆز بېشى 2-، 3 – بەت.
④ ن.زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ»، «تارىم» ژۇرنىلى 1986– يىل 11– سان 112– بەت.
⑤ غ. سەدىۋاققاسوپ: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە»، «بۇلاق»1997-يىل 1 – سان 118– بەت.
⑥ مەزكۇر ھۆججەتنى يېقىنقى يىللارغىچە ساقلاپ، مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئېنىقلىنىشنغا زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم تارىخچى ئۆلىما، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئوغلى مەرھۇم ئىمىر ھۈسىيىن قازى ئاخۇنۇم بۇ ھۆججەتنىڭ ئاتىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن قالغانلىقىنى ئېيىتقان. «مەھمۇد قەشقىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1965 – يىل نەشىرى، 97 – بەت.
⑦ ئەدەبىياتشۇناس ھاجى ئەھمەد كۆل تېكىن ئۆزىنىڭ «دېڭىز ئۈنچىلىرى» دېگەن كىتابىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مەمتېلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1983 – يىل نەشىرى، 195 – بەت.
( ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە پاكىتلار يىتەرلىك ئەمەس شۇڭا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىينىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابىنى نەشىرگە تەييارلاپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىشتۇر.)

مەنبە: ‹‹بولاق››2001-يىللىق1-سانىدىن.

 

تىنىقلىرىم سۆيگۈ ۋولقىنى

Close[MP3]

ئىلتىجا

ئېلىپ كەتتىڭ يۈرەكنى يۇلۇپ،

مەندە قالدى بېغىشى پەقەت.

روھىم ئۇنى ئىزلىمەك بولۇپ،

تۇتقۇن بولدى ساڭا تا ئەبەد.


ئىگە ئەمەس ئۆزۈمگە ئۆزۈم،

قالدى پەقەت مەندە قۇرۇق تەن.

كۆزلىرىڭگە قادالدى كۆزۈم،

بىر خىيالىي شېرىن ھېس بىلەن.


سەندە قالغان روھ ۋە يۈرىكىم،

سىڭىپ كەتتى ساڭا مۇپەسسەل.

قانائىىتىڭ توشمايدۇ بەلكىم،

ئېلىپ كەتكىن جىسمىمنى تۈگەل…

1990-يىل،ئاپرېل خوتەن

(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

كاككۇك گۈلى

 

كاكككۇك گۈلى تىترەيدۇ مۇڭلۇق،

گۈل بەرگىدىن سىرغىيدۇ شەبنەم.

كونا ئېقىن ئاقمايدۇ ئۇلۇق،

ساھىلنىمۇ سۆيمەس دەممۇ-دەم.


يېشىل چۆپلۈك ياتار بىماجال،

ساھىل دەرتلىك تامشىتىدۇ تىل.

كۈي تۆكمەيدۇ قۇشلار بىمالال،

ياپراقلارمۇ كۈلمەيدۇ ھەر خىل.

چۈنكى كاككۇك ئىزدىگەن ۋىسال،

كەچ «ئوۋچى»غا بولغانتى تېگىل…


پەقەت كاككۇك گۈلى مۇڭلىنىپ،

بەرگلەرنى تاشلار بىرمۇ بىر.

كاككۇك گۈلى رەڭدە چوغلىنىپ،

كۈن ۋىسالغا بەرگۈچە تەبىر.


1991-يىل ئاۋغۇست، يېڭىشەھەر-ئارال

(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 

سەن ـ ئېڭىمدىكى مۇقەددەس سوئال

 

سەن كۆك سەتھىدە پارلىغان قۇياش،

مەن ئۇپۇق تامان ماڭغان يولۇچى.

ماڭا مەنسۇپتۇر مەڭگۈلۈك چاڭقاش،

ئېھ، سەن ھالرەڭ لەۋ زەمزەم تامغۇچى!


سەن روھىناتلار دۇنياسى سىرلىق،

مەن نىمجان تەنۇ ئىشقىڭدا كۆيگەن.

سەن قارايسەنۇ ئىللىق،بەك ئىللىق،

ياشىماقتىمەن ئازابىڭ بىلەن.


سەن چۈشلىرىمدە زاھىر شوخ كۈلكە،

مەنچۇ؟ سېھرىڭگە تۇتقۇن يېتىرقاش.

سەن شېرىن بۆسە ھۆرلەرگە ئۈلگە،

قىينايدۇ مېنى چەكسىز ئېچىرقاش.


سەن ئېڭىمدىكى مۇقەددەس سوئال،

جاۋاب بولۇشۇم تېخى نائېنىق.

غۇۋالىق ئىچرە كۆرۈنمەس ئىقبال،

تۇمانلىق خىيال، قېنىق، بەك قېنىق!


1991-يىل نويابىر، يېڭىشەھەر-ئارال

(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

(«سەن ئېڭىمدىكى مۇقەددەس سوئال» ناملىق بۇ شېئىر شۇ يىللىق «ياشلىق، سۆيگۈ، غايە» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق شېئىرىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.)

 

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(3)

▲ساڭا ئالتۇن ساپلىقىڭ ياخشى،

ماڭا نوگاي-قاپىقىم ياخشى.

▲قولى ئوچۇق ئاچ قالماس،

يولى ئوچۇق كەچ قالماس.

▲قۇرۇق ئوتۇننىڭ تۈتۈنى ئاز.

▲كېچىنىڭ ئايدىڭىدىن كۈندۈزنىڭ سايىسى خوپ.

▲مۇلايىملىقتىن بەخت كېلەر،

مەردانىلىقتىن تەخت كېلەر.

▲ئېرىقنىڭ سۈيىنى بۇلغىما، كۆلۈڭگە كىرەر.

▲ياز يامغۇرىدا لاي بولماس، ھورۇن كىشى باي بولماس.

▲ ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە

ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا.

▲ئىككى چېقىمچى بىر بولسا،

ئاقىل ئەرنى داردا كۆر.

▲ياخشى ئادەم بىر ئۆلىدۇ، تىرىلمەيدۇ،

يامان ئادەم مىڭ ئۆلىدۇ، بىلىنمەيدۇ.

▲ياخشى بىلەن يۈرسەڭ كۈندە بازار.

▲ئۆتكەن ئۆمۈر ، كۆيگەن  كۆمۈر.

▲ ئوناق ئوناق قا كەلمەس ، دۆڭ يەر  قوناققا.

▲ نەقتىن ھەسەل چىقار ، نېسىدىن  جېدەل.

▲ ئىنساپ — دىلى  ساپ.

▲ ياخشىغا يىپەك يارىشار، يامانغا تىكەن.

▲ ئەقىل يەتمىسە ، كۆز يەتمەس.

2011-يىل،ئۆتەبىر،  قەشقەر

مۇھەممەد يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ 1954-يىلى 26-ئاپرېلدا ئەندىجان ۋىلايىتىنىڭ مەرھەمەت تۈمەنىدىكى  قوغۇنچى قىشلىقىدا تۇغۇلغان. 1971-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تاشكەنتكە كېلىپ، 1978-يىلغىچە رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان.

ئىجادىيەتكە بولغان ئىشتىياق ئۇنى تاشكەنتتە ئېلىپ قالدى. 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئۇ تاشكەنت «كىتابسۆيەرلەر» جەمئىيىتىدە مۇھەررىر، 1980-يىلدىن 1986-يىلىغىچە «تاشكەنت ئاخشىمى» گېزىتىدە مۇخبىر، 1986-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە غافۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەشىرىياتىدا مۇھەررىر، 1992-يىلدىن 1995-يىلىغىچە «ئۆزبېكىستان ئاۋازى» گېزىتىدە مۇخبىر، ئۆزبېكىستان مىللىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا باش مۇھەررىر ئورۇنباسارى، «تەپەككۇر» ژۇرنىلىدا بۆلۈم مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

«تونۇش دەرەخلەر»(1985)، «بۇلبۇلغا بىر گېپىم بار»(1987)، «ئىلتىجا»(1988)، «ئۇيقۇدىكى قىز»(1989)، «ئىشىق كېمىسى»(1990)، «كۆڭلۈمدىكى يار»(1991)،«بىۋاپا كۆپ ئىكەن»(1991)، «ئەركە كىيىك»(1992)، «يالغانچى يار»(1994)، ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتىمەن»(1998) گە ئوخشاش بەدىئىي توپلاملىرى شائىرنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلانغان ئىجادىيەتلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان. تۇنجى توپلىمى ــ  «تونۇش دەرەخلەر» ئۇنى ئەلگە تونۇتقان. ئۇ 1996-يىلى «دوستلۇق» ئوردېنى، 1998-يىلى«ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» پەخرىي ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان. ئۆزبېك شېئىرىيەت سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا   كاتتا تۆھپە قوشقان بۇ شائىر 2001-يىل 31-ئىيۇل كۈنى ۋاپات بولغان.

2001-يىلى ئۇنىڭ «تاللانما ئەسەرلەر» مەجمۇئەسى نەشىر قىلىنغان.

تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى سۇندۇق:

مۇھەببەت


مۇھەببەت،ئەي، گۈزەل ئىزتىراب،

ئەي، كونا دەرد، ئەي، كونا تۇيغۇ!

كۆكرىكىمگە قولۇڭنى تىرەپ،

يۈرىكىمنى تەقىب قىلدىڭغۇ!


قانچە كۆزلەر ماڭا زار ئېدى،

نە غەم، نە بىر قايغۇم بار ئېدى،

قۇشتەك يەڭگىل روھىم بار ئېدى؛

چاك-چېكىدىن سۆكۈپ قويدۇڭغۇ!


نە قىلاردىڭ ماڭا تېگىب سەن،

يېڭىلمىگەن ئېدىم ــ يېڭىب سەن.

باشلىرىمنى يەرگە ئېگىپ سەن؛

قامىتىمنى پۈكۈپ قويدۇڭغۇ.


سەن مەن ئۈچۈن بىر خىيال ئېدىڭ،

ياخشى بار، يا ياخشى قال ئېدىڭ.

قان كېرەكمۇ؟ مانا، ئال ئەمدى،

قىينار بولساڭ قىيناپ تويدۇڭغۇ!؟


بىلسەم ئەسلى سېنىڭ مەقسىدىڭ:

ماڭا بىر جۈپ گۈلنى راسلىدىڭ،

بىرسىنى سەن كۈمۈش ئاتىدىڭ،

يەنە بىرىگە زەينەپ قويدۇڭغۇ.


مۇھەببەت، ئەي، گۈزەل ئىزتىراب،

كوچاڭ كەزدىم سەرسان، تەمتىرەپ،

يۈزلىرىمگە يۈزلىرىڭ سۈركەپ،

كۆزلىرىمنى ياشلاپ قويدوڭغۇ…

ئۇيقۇدىكى قىز

 

قارا يەرگە قويۇپ باش،

بىر مەسۇم قىز ئۇخلايدۇ،

كۆزلىرىگە تولۇب ياش،

ھۆر-پەرى قىز ئۇخلايدۇ.


ياتار قۇرۇپ دەرمانى،

مەڭگۈ ئۇخلار گۈل سىياق.

كۆڭلىدە كۆپ ئارمانى،

قۇچاغىدا قىزغالداق.


بۇ دۇنيادا ھىچ سەندەك،

قىز يوق ئېدى، تۇر، سىڭلىم.

ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك،

توي قىلارمىز، يۈر، سىڭلىم.


ئاي يۈزۈڭگە بىر نەپەس،

ھەلىل رومال ئورارسەن.

گۈل-گۈل يېنىپ، مۇقەددەس

چىمىلدىققا كىرەرسەن.

 


مېنىڭ چۆچىكىم سەن

 

مېنىڭ شادلىقىم سەن، بالىقىم سەن،

مېنىڭ غۇسسەم ئۆزۈڭ، مېنىڭ ئارمانىم.

سېنى ئاسمىنىمغا ئېلىپ كېتىمەن،

يەردە بىزگە كۈن يوق، كۈن يوقتۇر جانىم!


خاتا قىلدىممىكىن مەن يەنە كېلىپ،

يا سەن ئاداشتىڭمۇ كېلىپ كېيىنمۇ؟

گاھى كىملىكىڭ ھەم بولمايدۇ بىلىپ،

سىڭلىم دەيمۇ سېنى، سۆيگۈنۈم دەيمۇ؟


كەت دەپ ھەيدەلمىسەم قانداق قىلارمەن،

كەل دەپ ئېيتالمىسام قانداق قىلارمەن.

سېنى ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتەرمەن،

سېنى ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتەرمەن.


ئويلىماي دەيمەنۇ ئويلىماي بولماس،

سەن ئۆتكەن يوللارغا قارىماي بولماس.

سەن مېنىڭ ھەممىدىن يوشۇرغان سىرىم،

مېنىڭ بالىلىقىم سەن، ئىزدىمەي بولماس.

 


خاۋاتىر


قورقىمەن، ئەتىلا مەن ئۆلۈپ كەتسەم،

ياتار بولسام قۇمغا پېتىپ كۆزلىرىم.

كۆڭلۈمنى كەچكىچە باسىدۇ بىر غەم،

يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم…


ئەڭ يېقىن دوستلىرىم غەيۋىتىم قىلار،

ئەڭ ئاجىز دۈشمىنىم ئۈستۈمدىن كۈلەر.

ئۇلارغۇ نە قىلسا ئۆزلىرى بىلەر،

يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم…


شائىر ئۆلسە كىممۇ كۆيىنەر دەيسىز،

مەدىھىيىۋاز ھازىر سۈۋەرەكتەك كۆپ.

ئۇلار گويا قىشتا تونۇردىكى مۇز،

بارماق تەگسە يەرگە تۆكۈلەر توپ-توپ…


تىلدىن قالسام كۆزدە قېتىپ ياشلىرىم،

كۆڭلۈمدىن باشقا بار ئاخىر نە زارىم.

يەرگە شۇ ئېگىلگەن كۈنى باشلىرىم،

يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم…


ئۇلار ياش، ئۆلۈمدىن قورقىمەن يامان،

چۈنكى دەردىگە ھىچ قۇلاق سالمىدىم.

قەبرەمنىڭ ئۈستىدە يىغلىسۇن دەپ بىر،

قىزلىرىم كۆز يېشىن ئاسراپ قالمىدىم!

 

سۆيگۈ بۇ…

 

سۆيمەك بۇ

كەچۈمەك دېگىنى ئەسلى،

تاكى بۇ دۇنيادا قۇياش بار، گۈل بار.

يالپۇزلار گۈللىگەن شۇ باھار پەسلى،

سادىق ھەمراھ بولغىن سەن ماڭا دىلبەر.


غەيۋەتلەر دەستىدىن ئايلاندى بېشىم،

ھۆل تۇپراق كۆيدۈردى تاپانلىرىمنى.

ۋە مانا مەن ئۆيدا كۆڭلۈمنى ياساپ،

كۆمدۈم بىئار دوستتەك گۇمانلىرىمنى.


خىيال سۈرمەكتىمەن كېچىلەر تەنھا،

گاھىدا لىق ياشقا تولغاندا كۆزۈم.

ھەم سېنى سۆيۈشتىن بۇرۇن بىر كۈنى،

دىلدىن سۆيۈپ قالدىم ئۆزۈمنى ئۆزۈم…


سۆيمەك بۇ ئۆزۈڭنى تىڭشىماق ئەسلى،

تاكى زامان ئارا قۇياش بار، گۈل بار.

رەيھانغا كۆمۈلگەن شۇ باھار پەسلى،

ساداقەتلىك يار بول سەن ماڭا دىلبەر.


سۆيگىنىم، مەن سېنى سۆيىمەن تامام،

مۇڭ باسقان، ھېرىققان، غەمكىن كۆزۈڭنى.

سۆيمەك، بۇ كۈندە بىر كۆرمەك بەختتۇر،

ئۇزات قوللىرىڭنى، ئاچقىن يۈزۈڭنى…

 

ھەزىل

مېنىڭ ھەققىمدىكى غەيۋەتلەر يالغان،

ئىختىيار ئۆزۈمدە بولسا قېنىدۇ؟

شاراب ئىچىش ماڭا ھەييامدىن قالغان،

ئىچمىسەم ئول زاتنىڭ كۆڭلى رەنجىيدۇ.


ئۆزۈم باشلىدىممۇ، ئۆزۈم قىلاي بەس،

دوستلىرىم بىھۇدە زاۋالىم ئىزلەر.

گەر قىرىققا كىرمەي ئۆلسەم، مەي ئەمەس

مېنى خاراب قىلغان بىۋاپا قىزلار!…


ساددا مۇھەممەد مەن


ساددا مۇھەممەد مەن

ساددا مۇھەممەد ،

تۈركمەن قىزنى ماختاپ بالاغا قالدىم.

كۆينىكىگە ھەۋەس قىلغاندىم پەقەت،

تا ئەبەد تۈگىمەس غەۋغاغا قالدىم.


نېمىدىن رەنجىدىڭىز جان سىڭىللىرىم،

قاپاقلار تۈرۈلدى، ھىمىرىلدى قاشلار.

تۈركمەن چۈشەنمەي تاش ئاتسا چىدىدىم،

ئەمما يامان پاتتى سىز ئاتقان تاشلار.


يورۇق دۇنيادىغۇ بارچە قىز گۈزەل،

مىللەت تاللىماس ھۆسن دېگەننى.

نىگاھىم چاناقتىن بالقىپ ئۆتسە سەل،

قايدىن بىلەي سىزگە مالال كەلگەننى.


يۇرتۇم گۈزەللىرى سىزگە تېپىلماس تەرپ،

قېشىڭىزدا ئوسما يۈرسە سىرغىلىپ.

ئۇزۇن چېچىڭىزنى ئۆرسىڭىز تاراپ،

باقسا دېگەنىدىم ئاي ھەم زوقلىنىپ.


ئەسلى تۈركمەن قىز باھانە، خالاس،

ئىزلىگىنىم ئېدى سىزلەر كەبىلەر.

كۈتكىنىم ھايا- موماملارغا خاس،

سېغىنغىنىم ئېدى كۈمۈش بىبىلەر…


يانسام ھىجرىڭىزدە، مېنىڭ يېنىشىم.

كۆيسەم سىز تۈپەيلى كۆڭلۈمدىكى چوغ.

تۈركمەن قىزلىرىدا يوق مېنىڭ تونۇشۇم،

بىرەرگە كۆڭلۈم ھەم چۈشۈپ قالغان يوق!

 

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۆزقان


ئىككى شېئىر

…غا

 

كۆز ئوينىتىپ قارىشىڭ سوئال،

نازۇك لېۋىڭ تىترىشى ئۈندەش.

نۇر دەستىسى كىرپىكىڭ تال–تال،

تاراتقىنى جىسمىمغا ئاتەش.



بىر كۈلكەڭدە مىڭ خىل گۈزەللىك،

قىلىقىڭدا تۈرلۈك نازاكەت.

خۇلقىڭ ئەسىر قىلدى شۇنچىلىك،

بەر ۋىسالىڭ، يوق ئەمدى تاقەت!

 

1990–يىلى، خوتەن

(خوتەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 

 

بۇ كېچە…

 

 

ئۆچۈپ بارار ئاداققى نۇرلار،

گۇگۇم لەرزان سىلكىتىدۇ پەر.

كۈي تۆككەندە ئورماندا دىلتار،

مۇڭغا چۆكەر بىر پەرى–پەيكەر.


دىلتار كۈيى نەقەدەر لەزىز،

كۈي ئەمەس، ئۇ— سۆيگۈ قىسسىسى.

ھەسرەت بىلەن تولغىنار  ئۇ قىز،

قۇلۇپلانغان تەنھا خانىسى.


بىر جۈپ قارچۇق تۈنەر كۆزنەكتە،

دىل سەتھىدە ساماۋىي ئورمان.

ئاي قارايدۇ ئىزگۈ تىلەكتە،

ئارمانلاردىن تۇغدۇرۇپ ئارمان.


قىزنى قىينار ئازاب ۋە ھەسرەت،

ئۇچۇپ چىقار ئۈنسىز نىدالار.

ئاھ، يىگىتمۇ ئامالسىز،

پەقەت–

مۇڭ تۆكىدۇ بۇ كېچە دىلتار…

 

1992–يىل،ماي، يېڭىشەھەر–ئارال

خاسىيەت

كېچە. كۆككە بالقىپ چىقتى ئاي،

زېمىن تېنچ ئۇيقۇدا، دېمەك…

بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن تۇيغۇ،

شاماللارغا تەلپۈنەر يۈرەك.

 

بەختكە تولۇپ، شادلىنىپ ئالەم،

گۈلگۈن ھايات ئۆزرە گۈل تۇتار.

پەقەت، پەقەت ئاينىڭ ئارقىدىن،

ئەگىشىدۇ ئوتلۇق بۇلۇتلار.

 

 مېنىڭدىن ھېچ نەرسە سورىما…بەلكىم،

بەختكە ئىنتىلىپ ياشىغۇچى مەن ئەڭ.

مەن ياشاپ ئۆتكەن شۇ  پۈتكۈل ھاياتنى،

بۈگۈنكى كۈنۈمگە قىلالماسمەن تەڭ.

 

خۇداغا ئىلتىجا قىلىمەن تىنماي،

قولۇمدىن كەتسىمۇ مەيلى كۈچ–مادار.

بۈگۈنكى كۈنۈمدىن ئەسلا داجىماي،

بەختىمنى تېپىشقا قىلىمەن قارار.

 

 تۆكۈلسىمۇ، ئاھ، شۇنچە خازان،

كۆمەلمەپتۇ، باردىم ئالغىلى.

ھەمدە قىلدىم يولۇمنى داۋام،

چۆنتىكىمگە سېلىپ ئالمىنى.

 گۈل–غۇنچىگە چۈشتى تىترەك–زەرب،

تەقدىر مېنى باقتىمۇ سىناپ.

بەلكىم بىرى چاخچاق قىپ ئەتەي،

كۈلۈپ تۇرار بىر چەتتە قاراپ…

 

شۇنداق خىيال قىلسام ھەر زامان،

تىترەك تارار  شۇ دەم تېنىمگە.

بىگانە بوپ تۆكۈلگەن خازان

ۋە بىر ئالما كېلەر ئېسىمگە…

 

”ئوغرى“ دېگەن نامنى مەن گويا،

يىللار ئۆتۈپ قالارمەن ئېلىپ،

ئالما بولۇپ قالساڭدى دۇنيا،

كەتسەم ئېدى چۆنتەككە سېلىپ…

 

مەنبە:WWW.ZIYOUZ.COM
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۆزقان

مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم نەچچە رەت

ئۆزقان

 

لەپىلدەپ ياغماقتا قەلبىڭ نۇرلىرى،

روھىمنىڭ پايانسىز، كەڭ دالاسىغا.

مىليون يىل چاڭقىغان چىلانرەڭ تۇپراق،

يەتكەندەك سۇ ئاتلىق دىلرەباسىغا.



بوۋايلار ئۈگۈتى تۇرار شاخلاردا،

مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم  نەچچە رەت.

ئارمانلار چېچەكلەر ئېچىپتۇ ئاپئاق،

قۇياشنىڭ ئەكسىدە چاراقلار ئاق بەت !…


چېچىمنى ئوينايدۇ تاغلارنىڭ قولى،

دەريا ھەم كۆللەردە گۈزەل لىرىكا.

لېۋىڭدە خىيالىم ئوينايدۇ مەشرەپ،

قىياقلار ئۇچىدىن تامار مۇزىكا …

قەشقەر 081204

ئىبرەتلىك ماقال–تەمسىللەر(2)

 

 

ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ، ئادەمنى تەربىيە .
كىچىك دېمەڭ بالىنى، ئەقىل تاپار ھامىنى .
سودىگەرنىڭ يۈزى يوق، خېرىدارنىڭ كۆزى يوق.
ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل ، قىزىڭنى نۇمۇسچان.
چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر .
قېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا .
ھەر كىم ئۆز ئەيبىنى بىلمەس .
دەرەخ مىۋىسى تەنگە، بىلىم مىۋىسى ئەلگە .
ئەقىل تۇغۇلۇشتىن ، ھۈنەر ئۈگۈنۈشتىن .
كۈچەت تىككەن سايىدا ئولتۇرار .
ئازغاندا چىغىر يولمۇ ئازدۇرار .
دىتى يوق ئەردىن يەر ياخشى .
ۋاپاسىز يار بېشىڭغا دار .
ئاپەتكە سەۋەپ قىل، ئامەتكە تەلەپ.
مەنىسىز ئۆمۈر ، دات باسقان تۆمۈر .
ئىچى تارغا دۇنيامۇ تار .
قېرىشتىن قورقما، يېتىپ قېلىشتىن قورق.
دەرەخ سۈپىتى ياپراق ، ئادەم سۈپىتى ئەخلاق .
كۈرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر .
سۇنغان ئەينەك تۈزەلسىمۇ ، سۇنغان كۆڭۈل تۈزەلمەس .
گۈلنى سۆيگەن تىكەننىمۇ سۈيەر .
ئالدىساڭ ئالدىنىسەن، سەۋىر قىلساڭ شاتلىنىسەن.
ئېغىرلىق – دانالىق ، يىنىكلىك – نادانلىق .
ۋاقتىدا قىلغان ھەركەت ، ھۇسۇلغا بەركەت .
ئىمان ئېيت ئۈنسىز ، ئوقەت قىل غەمسىز .
تازىلىق – بايلىقتىن ئارتۇق

ياخشىدىن ئۈگەن ، ياماندىن يىرگەن .

يامان خوتۇن ئۈزۈلمەس تاسما ، ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما .

پۇل بولمىسا

پۇل ئەجەپ نەرسە، چاتاق، پۇل بولمىسا،

يوق مەئىشەت نام-ئاتاق، پۇل بولمىسا،

كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،

تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،

كونا تاملىقتا قوناق ① پۇل بولمىسا.

بولسا پۇل، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ،

بولسا پۇل، قالمايدۇ ئېگىنىڭ جۇل سېنىڭ،

گۈل سېنىڭ، بۇلبۇل سېنىڭ، دۇلدۇل سېنىڭ،

بەزمە-مەشرەپ، توي سېنىڭ، مەرغۇل سېنىڭ،

يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا.

پۇل بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ،

پۇل بىلەن  ئۇ مەيدە قاقسا، بۇ كۆرەڭ،

بولسا پۇل، بار «قارىي قۇرئان»دا سۈرەڭ،

كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم، كۆر، شوخ، تېرەڭ،

كۆز چاپاق،چېھرىڭ ئاۋاق، پۇل بولمىسا.

بولسا پۇل، «جاڭگالدا شورپا» بەزىدە،

«پۇلغا رۇستەم قۇل» شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە،

بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن پۇل دەزىدە،

پۇل ساقايتقاي بولسا دەرھال نە زېدە،

كولىماي گۆرۇ تاقاق، پۇل بولمىسا.

«پۇل-پۈچەك ــ قەغەز» پەقەت رەڭدار نېمە،

«ئىت يېمەيدۇ بەرسە»شۇنداق خار نېمە،

ھەجمى ئالقانچە، كۈچى داڭدار نېمە،

شۇڭا پۇل كىمدە، قىلۇر ھالدار نېمە،

ھەر قەدەمدە مىڭ توساق، پۇل بولمىسا.

كۆرگىنە، تاڭ سېڭغا پۇلسىز «نوم» قېنى؟②

بەردىمۇ «نوم»، قانچە قىلدى غوم، قېنى؟

نۇشرىۋانمۇ③ بولسا يانچۇق توم، قېنى،

ۋرقىراپ باققانمۇ ئامغا④  بوم، قېنى؟

نەدە نەپ، ھەرقانچە باق، پۇل بولمىسا؟

پۇل نە كويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى،

ئەقلىدىن ئازدۇردىغۇ «تۇيغۇن»لىنى،

دەل شۇ پۇل «مىزان»غا ماس-ئۇيغۇنلىنى،

قىلدى رەت، جىم  قويمىدى«تۇرغۇن»لىنى،

بولدى يوللۇقلار مازاق، پۇل بولمىسا.

دوستنى دۈشمەن، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل،

بىرنى مۇھتاج، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل،

بىرنى قامچا، بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل،

مۈشكۈلاتنى قاتمۇ-قات ئەتتى شۇ پۇل،

سۆيگۈگە يەتتى سىناق، پۇل بولمىسا.

پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى،

پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى،

تاپتى پۇل، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى،

بىرنى ئون قىلسام دېدى، قۇت ئاتمىدى⑤،

كەتتى پانىيدا ساياق، پۇل بولمىسا.

پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى بەزىلەر،

پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر،

ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان، بۇ بەچچىلەر،

«ئېسىت!» دېيىشتى، مويسىپىت ھېكمەتچىلەر:

«ھەي، بۇ پۇل…، ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا».

پۇل تېپىپ، پۇل تاپمىغانلار «تۈف!» ساڭا،

پۇل تېپىپ، پەر قاقمىغانلار «تۈف!» ساڭا،

پۇل يېقىپ، ئەل ياقمىغانلار  «تۈف!» ساڭا،

پۇل بېقىپ، ئەل باقمىغانلار  «تۈف!» ساڭا،

كۆرىمىز، ئالەم ئۇزاق، پۇل بولمىسا.

پۇلنى تاپ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن،

يول ياسا، مەكتەپ ياسا، تۈر يەڭنى سەن!؛

گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ، بىبەھرى سەن،

ئەل پاناھىغا ئالار، بىجەبرى سەن،

ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق، پۇل بولمىسا.

پۇلى بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان،

پۇلى بار بەتنامنى ھەم بار ياقلىغان،

كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان،

بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان،

تاپ كامال، چاچ خۇشپۇراق، پۇل بولمىسا!

پۇل مۇھىم، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى،

ئاقمىغاي پۇلنىڭ بىشەم، ھايتاقلىقى⑥،

كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى،

رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى،

ساتما ۋىژدان، سات قىياق، پۇل بولمىسا!

‹ئىشىكنى ئاچماق›تىن غەرەز ئالماشتۇرۇش،

‹ئالغۇ-بەرگۈ›… سودىنى قاملاشتۇرۇش،

يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش،

يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش،

ياندىشىش تەس، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا.

بىر ھېسابتا پۇل دېگەن  شۇنداق نېمە،

ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە؛

كىم زېرەك، ئاقىل، شۇنىڭ پۇل، غەم يېمە،

قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە،

تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق، پۇل بولمىسا.

نائۈمىد قويماس ھاالال قىلغان كىرىم،

يول راۋان بولسا، نېنىڭ قالماس يېرىم،

ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم،

پۇل ئاشۇ! كۆپ قالمىدى ــ قىلدىڭ كىرىم،

ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق، پۇل بولمىسا.

گەپمۇ بار:«پۇل تاپقىچە يۈز تاپ» دېگەن،

«يۈز» دېمەك ــ ئابروي، ئىناۋەت، بىل، ئۆگەن،

نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز، سال يۈگەن،

ھەق-ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن،

باشقىنى قىل،«ئۈچ تالاق!»، پۇل بولمىسا.

پۇل نىجىس، پۇل كىر-ھارام، ياق، پۇل ــ ئىمان،

پۇل مۇھەببەت، پۇل ئوزۇق، ياق، پۇل سامان؛

پۇل دېگەن غەم، پۇل توزاق، ياق، خانىمان…

قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان،

«قاغىمۇ قىلمايدۇ ‹قاق!…›، پۇل بولمىسا».

بولسا يول داغداملىقى، ئادىل تۈزۈم،

تۇرسا قاشتاش ھەم گىلەم، مەشۇت، ئۈزۈم…

پۇل تېپىشچۈن يول تاپار، بۇ ھەق سۆزۈم،

راستنى يازدىم ئىلچىلىك بولغاچ ئۆزۈم،

ئىشقا ئاشقاي بۇ بۇداق، پۇل بولمىسا.

پۇل، قېنى ئېيتقىنچۇ، كار-بارىڭ نېمە؟

شادلىقىڭ قانداق، يەنە زارىڭ نېمە؟

بىرلا گەپ قىل: بىزگە ئىزھارىڭ نېمە؟

ھەمدىمىڭ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە؟

تاپقۇلۇق،بىل، سەن سىياق پۇل بولمىسا!

­­­ــــــــــــــــــــــــــــــــــ

①       قوناق ـــ قونالغۇ، ئۆتەڭ

②       «غەربكە ساياھەت» ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئامىتا بۇددانىڭ ئالتۇن جامغا نوم دەستۇرلىرىنى ئالماشتۇرشانلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ.

③       ئېيتىلىشىچە، نۇشۋىران شاھنىڭ ئالدىغا سوۋغاتسىز كىرگەن ئام(پۇقرا) چىرايلىق كۆرۈنمەيدىكەنمىش.

④       ئام ـــ پۇقرا

⑤       قۇت ئاتمىدى ـــ بەخت يەتكۈزمىدى، ئەسقاتمىدى

⑥       ھايتاق ـــ كەپسىز، باشباشتاق