كۆز ئوينىتىپ قارىشىڭ سوئال،

نازۇك لېۋىڭ تىترىشى ئۈندەش.

نۇر دەستىسى كىرپىكىڭ تال–تال،

تاراتقىنى جىسمىمغا ئاتەش.

" />

ئىككى شېئىر

…غا

 

كۆز ئوينىتىپ قارىشىڭ سوئال،

نازۇك لېۋىڭ تىترىشى ئۈندەش.

نۇر دەستىسى كىرپىكىڭ تال–تال،

تاراتقىنى جىسمىمغا ئاتەش.



بىر كۈلكەڭدە مىڭ خىل گۈزەللىك،

قىلىقىڭدا تۈرلۈك نازاكەت.

خۇلقىڭ ئەسىر قىلدى شۇنچىلىك،

بەر ۋىسالىڭ، يوق ئەمدى تاقەت!

 

1990–يىلى، خوتەن

(خوتەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 

 

بۇ كېچە…

 

 

ئۆچۈپ بارار ئاداققى نۇرلار،

گۇگۇم لەرزان سىلكىتىدۇ پەر.

كۈي تۆككەندە ئورماندا دىلتار،

مۇڭغا چۆكەر بىر پەرى–پەيكەر.


دىلتار كۈيى نەقەدەر لەزىز،

كۈي ئەمەس، ئۇ— سۆيگۈ قىسسىسى.

ھەسرەت بىلەن تولغىنار  ئۇ قىز،

قۇلۇپلانغان تەنھا خانىسى.


بىر جۈپ قارچۇق تۈنەر كۆزنەكتە،

دىل سەتھىدە ساماۋىي ئورمان.

ئاي قارايدۇ ئىزگۈ تىلەكتە،

ئارمانلاردىن تۇغدۇرۇپ ئارمان.


قىزنى قىينار ئازاب ۋە ھەسرەت،

ئۇچۇپ چىقار ئۈنسىز نىدالار.

ئاھ، يىگىتمۇ ئامالسىز،

پەقەت–

مۇڭ تۆكىدۇ بۇ كېچە دىلتار…

 

1992–يىل،ماي، يېڭىشەھەر–ئارال



1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم يىڭى مەھەلىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن مەن كونا مەھەلىڭىزنى پىرقىراپ يۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ مىنىڭ يىڭى مەھەلەمگىمۇ بىرىپ قويارىسز!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)