سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۆزقان شېئىرلىرى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ئانا تىل…

ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان

زامان-زامانلاردىن تىڭلايمەن مەغرۇر،

مەھمۇد، يۈسۈفلەردىن بىر سادا كېلەر:

«ئانا تىل ئەركىڭدۇر، ئانا تىل غۇرۇر،

ئانىڭسىز ھەر كىشى بىر گەدا كېلەر…»

 

تۇغۇلغان ئىكەنمەن تىلى بار ئەلدە،

         ئانام: «‹ئىڭڭە›لىگەن،- دەيتتى،-ئۇيغۇرچە».

     ئاتام: «ئېغىزلاندىڭ ئۇشبۇ ‹ھەسەل› دە،-

دەيتتى،-قەدىرلىسەڭ ئەرزىيدۇ شۇنچە».

 

تىلىم، پەخىرلەنسۇن ئەۋلادىم سەندىن

 ئۆزقان

 

غۇنچەم ئېلىپبەنى تۈگەتكەن شۇ ئان،

قاينايتتى قەلبىدە كۈچلۈك ھاياجان.

كىمنىڭ يوق بالىلىقى غۇنچەمدەك ئۆتكەن،

ئانا تىل كۆكىدە مەغرۇر پەر قاققان.

 

 بۈگۈن قوللىرىمدا كونا ئېلىپبە،

ئالغاننى بېرىشنى ئۆگىتىپتۇ ئۇ.

ئىنسانلىق ئۇنىڭسىز ئەمەسمۇ خىرە،

دىلىمدىن كىرلارنى تۈگىتىپتۇ ئۇ.

 

ئىشسىزلىق

ئىشسىزلىق

ئۆزقان

 

تەنھالىق قورشىغان خانەمنى،

                                       كېچە

روھىمغا سانچىلىپ ياغدى تۇنجى قار.

يوقلۇقنى سوراقلار  بۇندا ھەر نەرسە،

سوغ شامال تام مېشىم ئىچرە پىرقىرار.

 

دۇئاگۇي بەندىنىڭ قاتقان قولىدەك،

پەنجىرەم كوچىغا تۇرماقتا بېقىپ.

بالاغەت پەيتىدە كىرگەن خىيالدەك،

كىرمەكتە ئىشسىزلىق ئاستا جىلمىيىپ.

 

ئۇستازىم

ئۆزقان

 

چىرايىڭدا مىڭ قۇياشنىڭ ئەكسى بار،

مىڭ ماگمىنىڭ ھارارىتى قەلبىڭدە.

كۆڭۈل-كۆكسۈڭ كەڭلىكىدە ئالەم تار،

پارلايدۇ شان تامچە تەرىڭ-ئەجرىڭدە.

 

ھەر بىر سۆزۈڭ سىر-ھىكمەتلەر قامۇسى،

سەنكى تىرىك جاھاننەما ئەينىكى.

سەن باركى، يوق نادانلىق غەم-قايغۇسى،

 سەن ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۆرنىكى.

ئۈچ شېئىر

 

ئۆزقان

 

 بالىنىڭ چۆچىكى

 

 چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،

 ئايدالا، خامان.

 چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،

 دۆۋە-دۆۋە دان.

چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،

 ھەتتا بۇردا نان.

 چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،

 تىكەنلىك ئازغان.

 

بۇ كېچە …

      ئۆزقان

1

گۇگۇمنىڭ قوينىدىن چىققان پەرىشتە،

شىۋىرلاپ ياش تۆكتى قەلبىمگە بۇ دەم.

ئۇپۇققا قان چاچقان ئەسەبىي ھېسلار،

مۇزلاتتى سەزگۈچتە قىرتاققىنە تەم.

 

قارايغان دەرەخزار ئۆكسىدى ئۇزاق،

ياپراقلار شىلدىرلاپ قالدى ئۆمچىيىپ.

مۇڭلانغان ساھىلنىڭ ئاھ، لېۋى چاڭقاق،

تۈن قارا پەردىدەك بۇ كەچ ئاي كۆيۈپ.

ئۇنىڭ تۇپراقىدا كۆكلەيدۇ جېنىم

 

(دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلاپ)

ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان

 

 ئانام ئوغۇزىدا كىرگەن تېنىمگە،

ئۇنىڭ شەيداسىدۇر مېنىڭ ۋەتىنىم.

ھىممەت كەمىرىدۇر تاقسام بېلىمگە،

ئۇنىڭ تۇپراقىدا كۆكلەيدۇ جېنىم.

 

كەلمىش زۇۋانىغا قەدىمىي تاشلار،

دەرمىش:«ئانا تىلنىڭ ھەغداسى بىز» دەپ،

دەرمىش:«ئانا تىلنى ئەيلەپ ئىپتىخار،

ئەۋلاد مىراسلارنى تاپقۇسى ئىزلەپ».

ئىككى شېئىر(2)

مۇقام

ئۆزقان

 

 قەلبىم تۇپرىقىغا تېرىلغان ئۇرۇق،

گىياھ تۆت پەسىلدە چېچەكلەپ تۇرغان.

  شىرىن مېۋىدۇركى يېتىلگەن بولۇق،

 مەسۇم ئەقىدىگە قىلغان ئارمىغان.

 

قەدىم ئورمانزارنىڭ مۇڭلۇق تىۋىشى،

قۇياش ــ كەلگۈسىچۈن كۆيۈشكە تەييار.

زېمىن يۈرىكىدۇر، شائىر دىلكىشى،

دېھقان روھىناتىغا بولغان مەپتۇنكار.

قۇش شەھىرى

ئۆزقان

 

بۇ يەردە ھېسلىرىڭ بوغۇلماس ئەركەم،

مېھىرنىڭ ئاپتىپى يېيىلغان تەكشى.

چېچچەكلەر لېۋىدىن تۆكۈلسە زەم-زەم،

ئۇرۇلار يۈرەككە سۆيگۈ تىۋىشى.