ئۆزقان
غۇنچەم ئېلىپبەنى تۈگەتكەن شۇ ئان،
قاينايتتى قەلبىدە كۈچلۈك ھاياجان.
كىمنىڭ يوق بالىلىقى غۇنچەمدەك ئۆتكەن،
ئانا تىل كۆكىدە مەغرۇر پەر قاققان.
بۈگۈن قوللىرىمدا كونا ئېلىپبە،
ئالغاننى بېرىشنى ئۆگىتىپتۇ ئۇ.
ئىنسانلىق ئۇنىڭسىز ئەمەسمۇ خىرە،
دىلىمدىن كىرلارنى تۈگىتىپتۇ ئۇ.
ئانا تىل قېنىمكەن، جېنىم ئىكەن ھەم،
ياشاپ باقماپتىمەن ئۇنىڭسىز بىر كۈن،
ئانا تىل تائامىمدا ئىكەن ئەسلى تەم،
ماڭا ئاتا قىلغان ئەركەكچە بىر ئۈن.
بۈگۈن مەيلى بىلەي قۇشلار تىلىنى،
ئۇچاي مارس تامان، قوناي ئايغا ھەم.
ئەقىل كامالىتىگە يار قىلغان مېنى،
ئانام ئۆگەتكەن تىل قىلىپ چىن ئادەم.
تاغۇ دەريالارغا سۆزلەيمەن سېنى،
تىلىم، پەخىرلەنسۇن ئەۋلادىم سەندىن.
«بىلىك» چېچەك ئاچسۇن، ئۇنىڭ زەر تېڭى
ئاتسۇن ئەۋلاد كۈلگەن ئىزگۈ ۋەتەندىن.
2014-يىل، 21-فېۋرال، قەشقەر شەھىرى