r 
يات كۆزلەرگە باقمىدىم ھەرگىز،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ؛
سۇ بېرەلمەس قولۇڭغا ئون قىز،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !
گۈللەر سۆزلەپ تۇرار يېنىمدا،
سۆيگۈڭ ئوت بوپ ئاقار قېنىمدا؛
پاك ئەقىدەڭ كۆكلەر جېنىمدا،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .
كۈلكەڭ دۇنيا بېرەر قولۇمغا،
يىغاڭمۇ نۇر سېپەر يولۇمعا؛
ئۆزۈڭ قالقان چىن غۇرۇرۇمغا،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .
كەچمىشىمدە مۇڭلۇق ئاۋازىڭ،
يەتمىشىمگە رىغبەت شوخ نازىڭ؛
يازدۇر ماڭا،ھەتتا ئايازىڭ،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !
كۈن بولامدۇ سېنىڭسىز كۈنلەر،
بەكمۇ ئۇزۇن سېنىڭسىز تۈنلەر؛
بۇلبۇل بولدۇم ئىشقىڭدا ئۈنلەر،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن …
2007.12 kashgar
ماۋۇ شېئېرىڭىز ماڭا بەك ياقتى جۇما،ياش ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالدىم
رەھمەت، كەپ تۇرغايسىز