ئەركىن ۋاھىدوۋ 1936–يىلى 28– دېكابىردا فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئالتىئېرىق تۈمەنىدە تۇغۇلغان.ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى(1987)،ئۆزبېكىستان قەھرىمانى(1999)،تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن(1960). ئۇ ‹‹تاڭ نەپىسى››(1961)،‹‹قوشاقلىرىم سىزگە››(1962)،‹‹يۈرەك ۋە ئەقىل››(1963)،‹‹مېنىڭ يۇلتۇزۇم››(1964)،‹‹مۇھەببەت››(1976)،‹‹تىرىك سەييارىلەر››(1978)،‹‹روھلار ئىسيانى››(1979)،‹‹شەرقىي قىرغاق››(1982)،‹‹كېلەچەككە مەكتۇپ››(1983)،‹‹ بىدارلىق››(1985)، ئىككى توملۇق تاللانما(‹‹مۇھەببەتنامە››ۋە‹‹ساداقەتنامە››1986)،‹‹كۈي ئەۋجىدە ئۈزۈلمىسۇن تار››(1991)،‹‹ياخشىدۇر ئاچچىق ھەقىقەت››(1992) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى.‹‹ياشلىق دىۋانى››(1968) توپلىمىدا مۇمتاز ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرغان.ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ يەنە ‹‹ئالتۇن دەۋىر››(1969)،‹‹ئىستانبۇل پاجىئەسى››(1985)قاتارلىق دىرامىلىرىمۇ بار.ئۇ يەنە گىيۇتىنىڭ ‹‹فائۇست››،يېسىنىنىڭ ‹‹زىمىن دەرگاھى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.‹‹بۈيۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن›› ئوردېنىنىڭ سىاھىبى(1997)،ھەمزە نامىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېياتى(1983).
كەمتەرلىك ھەققىدە
گەرچە شۇنداق مەغرۇر تۇرسىمۇ ،
پىيالىگە ئېگىلەر چەينەك .
شۇنداق ئىكەن مەنمەنلىك نىچۈن،
كىبرۇ–ھەيۋە نېمىگە كېرەك !؟
كەمتەرىن بول، ھەتتا بىر قەدەم
ئۆتمە مەغرۇر ئاستانىسىدىن .
پىيالىنى ئىنسان شۇنىڭچۈن ،
سۆيەر دائىم پىشانىسىدىن !
1956–يىل
قارا قاشىڭ
قارا قاشىڭ، قەلەم قاشىڭ ،
قىيىق قايرىلما قاشىڭ، قىز .
قىلۇر قەتلىمە قەست–قەيراب
قىلىچ قاتىل قاراشىڭ، قىز.
قەپەسدە قەلب قۇشىن قىيناب ،
قانات قاقماققا قويمايسەن .
قاراپ قويغىل قىيا ، قەلبىم –
نى قىزدۇرسۇن قۇياشىڭ ،قىز .
1957–يىل
تاڭ لەۋھىسى
ئۇپۇقلارغا قويۇپ گۈلدەستە ،
تاغ ئارقىدىن كۆتەردى–دە باش .
پەسكە باقتى چوققىدىن ئاستا ،
ئالتۇن قەلەم تۇتقان بىر نەققاش .
ھەر چېكىتكە كۆڭۈل قويۇپ ئۇ،
ۋادىلارغا سىزدى زەر لەۋھە.
«كەچكى قۇياش»
شۇنداق يازدى–يۇ،
«تاڭ ئاتار» دەپ قويدى سەرلەۋھە
سۆيگۈ
ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم بار ،
بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم بار .
سېنىڭ ئۈچۈن يېزىپ تۆت شېئىر ،
سىردىشىغا ئاستا كۆرسىتىپ،
قوشنا قىزغا بەرمىگەن كىم بار .
دەسلەپ ھەر كىم قەلەم ئالغان ئان ،
يەنە سېنى كۈيلەر بىگۇمان ؛
ھەر كۆڭۈلنى قىلىپ مەپتۇن –رام ،
ئاشىقلارنى قىلىپ بىزۇۋان ،
شائىرلارنى قىلۇرسەن ۋەيران.
چۈشكەن چېغىم مەن ھەم دامىڭغا ،
ئىزگۈ ھىسلار بەخىش ئەتتىڭ ماڭا .
ھاياتىمغا زەر لەۋھە بولدۇڭ ،
شېئىرىمغا سەرلەۋھە بولدۇڭ ،
خىياللىرىم ئۈلفەتتۇر ساڭا .
يۈرىگىمدىن دېدىم سەن قانات ،
تىلسىم كەبى ئېچىلدى ھايات ؛
ۋىسال قۇچقان دەملىرىم شىرىن ،
ھىجراندىكى غەملىرىم شىرىن ؛
كۈلۈپ باقار ماڭا كائىنات
ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم بار ،
بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم بار
1959–يىل








مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt=" ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">