ئۆزقان
لەپىلدەپ ياغماقتا قەلبىڭ نۇرلىرى،
روھىمنىڭ پايانسىز، كەڭ دالاسىغا.
مىليون يىل چاڭقىغان چىلانرەڭ تۇپراق،
يەتكەندەك سۇ ئاتلىق دىلرەباسىغا.
بوۋايلار ئۈگۈتى تۇرار شاخلاردا،
مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم نەچچە رەت.
ئارمانلار چېچەكلەر ئېچىپتۇ ئاپئاق،
قۇياشنىڭ ئەكسىدە چاراقلار ئاق بەت !…
چېچىمنى ئوينايدۇ تاغلارنىڭ قولى،
دەريا ھەم كۆللەردە گۈزەل لىرىكا.
لېۋىڭدە خىيالىم ئوينايدۇ مەشرەپ،
قىياقلار ئۇچىدىن تامار مۇزىكا …
قەشقەر 081204








			 مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091						  
		
 
 
 
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt="  ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">